تۇرمۇش | ئەرلەرگە ئاتالغان سۆزلەر

تەرجىمە alma 1068℃ 0

 

原图 (1)

ئەرلەرگە ئاتالغان سۆزلەر

گۈلجاھان مېدىيەسى

  1. كۆپىنچە ئەھۋالدا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدا تونۇشۇپ قالغان ئاياللارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
  2. ئاشنا تېپىشنى ئويلىماڭ.
  3. ئاشنىغا پۇل خەجلىگەندىن، ئاتا-ئانىغا كۆكتات-مېۋە ئېلىپ بەرگەن ياخشى.
  4. جىق پۇل تېپىڭ، ئەمما بىرەرسى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسىلا، سىز ئۇنى پۇلىڭىز كۆپ بولغاچقا، دەپ ئويلاپ قالىدىغان دەرىجىدە بولمىسۇن.
  5. قابىلىيەتسىز ئەرلەرلا ئاياللارنى ئەمەلىيەتچى دەيدۇ.
  6. مۇھەببەتلىشىش ئويۇنغا ئوخشايدۇ، ئەستايىدىل بولمىسىڭىز قىززىقى بولمايدۇ، بەك ئەستايىدىل بولسىڭىز، ئاسان ئازابلىنىسىز، مۇۋاپىق بولغان ئويۇن روھى بولۇشى كېرەك، بىراق ئاشۇرىۋەتمەڭ.
  7. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇڭ، كىچىك ئىشلاردا جانلىق ئۆزگەرتىشنى بىلىڭ.
  8. پۇل تاپسىڭىز ياخشى سائەتتىن بىرنى ئېلىپ تاقاڭ، بۇ سىزنى بوينىڭىزغا توم ئالتۇن زەنجىر ئاسقاندىن بەكرەك سالاپەتلىك كۆرسىتىدۇ.
  9. تاماكا، ھاراق دېگەنلەر مۇۋاپىق مىقتاردا بولسا بولىدۇ، ئەمما نەشە، كومىلاچ دېگەنلەردىن يىراق تۇرۇڭ، ئۇ مودا قوغلىشىش ئەمەس بەلكى ئەخمەقلىق.
  10. ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەي.
  11. بىردەملىك قىزىقىشنى دەپ ھېسسىيات يوق ئاياللار بىلەن ئۇخلىماڭ، نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇ دېگەن جىسمانىي ئەمگەك.
  12. ئائىلىسى بار ئاياللارنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ، بىر كۈنلەردە ئەخمەقلىقىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسىز.
  13. ھەقىقەتەنمۇ توي قىلىشنى ئويلىغان قىزغا ساداقەتمەن بولۇڭ.
  14. باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئوينىۋالدىم دەپ قالماڭ، بەلكىم قارشى تەرەپ سىزدىنمۇ يامان بولۇشى مۇمكىن. بىرى بىلەن كارىۋاتقا چىققانغا پايدا ئالدىم دەپ قالماڭ، سىزنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىڭىز چوقۇملا ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
  15. ئاياللار سىزدىن پۇل سورىسا، سەل ئاز بولسا بەك پىسەنت قىلمىسڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق پۇلنىڭ سوممىسى كۆپ بولسا، ئەڭ ياخشى بېرىپ تۇرماڭ، بەردىڭىزمۇ بولدى، ئېلىشنى خام خىيال قىلماڭ.
  16. ئۆزىڭىزدىن بەش ياشتىن جىق كىچىك بولغان قىزلار بىلەن تېپىشىپ قالماڭ، بەك پۇلدار بولمىسىڭىزلا.
  17. جىنسىي كېسەل، ئەيدىزنى مەندىن يىراق دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئالدىنى ئېلىش داۋالاشتىن ئاسان.
  18. ھەر يىلى بەدەن تەكشۈرتۈڭ، بولۇپمۇ جىگەر، ئۆپكە، ئاشقازان ۋە قان بېسىمى.
  19. بىر تالاي سورۇندىكى ئاغىنىلەر بىر ھەقىقىي بۇرادەرگە تەڭ بولالمايدۇ.
  20. ئاسانلىقچە قەرز ئالماڭ، ھەمدە ئاسانلىقچىمۇ قەرز بەرمەڭ، ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ ئالماسلىقنى ئويلىمىغان بولسىڭىزلا.
  21. ئۇنى سۆيسىڭىز، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ، ئۇنى سۆيمىسىڭىز، بىخەتەرلىككە تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىڭ.
  22. ھازىرقى قىز دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا ئالدىنقى قىز دوستىڭىزنى چۈشۈرمەڭ، ئەلۋەتتە، ياخشىسى تىلغىمۇ ئالماڭ.
  23. ھازىرقى قىز دوستىڭىزغا تارىخىڭىزنىڭ ھەممىسىنى دېيىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى دېگەن ھەربىر سۆزىڭىزنى ئۇلار كېچىچە ئۇخلىماي ئانالىز قىلىدۇ.
  24. ئانىڭىزغا بىر يۈەن بەرسىڭىز ئانىڭىزنىڭ كۈلكىسى ھەقىقىي بولىدۇ، بىراق ئاياللارغا مىڭ يۈەن بەرسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ھەقىقىي بولۇشى ناتايىن.
  25. ئاياللارنى بەك مۇرەككەپ دەپ ئويلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەملەر ئارا ئالاقە شۇنداق مۇرەككەپ. ئەلۋەتتە ئاياللارنىمۇ ئەخمەق كۆرۈپ قالماڭ.
  26. ئاشىقلار بايرىمى دېگەندەك ئالاھىدە كۈنلەر كەلگەندە ئاندىن ئۈچ تۆت يۈز يۈەن خەجلەپ سوۋغات ئېلىپ يۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ، ئادەتتە تۇرۇپ تۇرۇپ بىرەر تال شاكىلات سوۋغا قىلسىڭىزمۇ قىز دوستىڭىز ھەقىقىي خوشال بولىدۇ.
  27. ھاجىتى بولمىسا ئاياللارغا دائىم يالغان سۆزلەپ يۈرمەڭ، ئەلۋەتتە ھاجىتى بولسا بەك سەمىمىي بولۇپمۇ كەتمەڭ.
  28. ئېتىراپ قىلماسلىققا تىگىشلىك ۋاقىتتا ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئېتراپ قىلماڭ، ئاياللار سىرتتىكى ئۇششاق گەپلەرگە قارىغاندا مەڭگۈ سىزگە بەكرەك ئىشىنىدۇ.
  29. قىز دوستىڭىز كۆپ بولۇشى ماختىنىدىغان ئىش ئەمەس، پەقەت شۇ سىزنى چوپچوڭ بولۇپ قېلىپمۇ يەنىلا رەسمىي ئىش قىلمايدىغان ئىشەنچىسىز كۆرسىتىدۇ.
  30. قىز دوستىغا بەك ياخشى بولۇپ كېتىشمۇ ئۇنچە ياخشى ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ ئادەم كۆپ جايدا، قىز دوستىڭىزغا بەك ۋاي دەپ كەتسىڭىز باشقىلار پەقەتلا سىزنى شۇ شۇنچىلىككەن دەپ قالىدۇ، ھەر ئىش مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى.
  31. قىلمىغان ئىشقا ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمەڭ، ۋەدە بەرگەنكەنسىز، تىرىشىپ قىلىڭ، ئىشەنچ ئىناۋەت ئەرلەرگە راستلا بەك مۇھىم.
  32. بىرلا كىشىگە ئەستايىدىل بولۇشنىڭ يامىنى يوق.
  33. ئاياللارنى تەڭ تۆلەشكە ئامراق دەپ قالماڭ، پۇل تۆلەيدىغان چاغدا تۆلەش كېرەك، ئەرلەر مەرد بولسا جەلپكارلىقى يۇقىرى بولىدۇ.
  34. ئەر كىشى سىرتقى قىياپىتىگە ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قالماڭ، ئاياللارمۇ قارىغۇ ئەمەس، ئايىقىڭىز پارقىراق بولسا، داڭلىق ماركا بولمىسىمۇ توپا بېسىپ كەتكەن داڭلىق ماركىلىق ئاياغدىن بەكرەك جەلپكار كۆرۈنىدۇ. كىيىمنى كۈندە بىر ئالماشتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق بىرەر ھەپتىدىمۇ بىر ئالماشتۇرمايدىغان ئىشنى قىلماڭ.
  35. ئاياللار ئومۇميۈزلۈك شۇنداق قارايدۇكى، ئەرلەر ئەستايىدىل بولغان چاغدا ئەڭ جەلپكار كۆرۈنىدۇ، مەيلى خىزمەت بولسۇن ياكى ….
  36. ئەرلەر ياش تۆكسە بولىدۇ، مۇۋاپىق بولسا، ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ئېشىپ كەتسە كىشىنى ھۆ قىلىدۇ.
  37. ئاز دېگەندە بىر خىل ساغلام ھەۋەس بولۇشى كېرەك، مەسىلەن سۇ ئۈزۈش، پۇتبول، بەدەن چېنىقتۇرۇش دېگەندەك.
  38. مەڭگۈ باشقىلارنىڭ خوتۇنى سىزنىڭكىدىن ياخشى دەپ ئويلاپ قالماڭ، چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن سىزنىڭ ئەمەس.
  39. ھەرگىزمۇ ئاياللار بىلەن باشقا ئاياللارنىڭ گېپىنى كۆپ قىلماڭ، كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ ئۇرۇشۇشنىڭ پىلتىسىدۇر.
  40. قىز دوستىڭىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، كۆپرەك ماختاپ قويۇڭ، يالغاندىن بولسىمۇ. چۈنكى ئۇ خوشال بولسا، سىزنىڭ باش ئاغرىقىڭىزمۇ ئازىيىدۇ.
  41. كوت كوت ئۈندىداردا پاراڭلىشىشقا سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىزنى خەۋەر كۆرۈشكە سەرپ قىلغىنىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
  42. قىز دوستىڭىزنىڭ قىز دوستى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاڭ، بەك يىراق بولسىڭىز ئۇ سىزنى دوستۇمغا قىزغىن بولمىدىڭ، دەيدۇ، بەك قىزغىن بولسىڭىز ئاۋارىچىلىقىڭىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. قىز دوستىڭىزنىڭ قىز دوستىنى ھەرگىز ماختاپ سالماڭ، بۇ دېگەن ئەڭ چەكلەنگەن ئىش، ئەڭ ياخشىسى باھا بەرمىگىنىڭىز ياخشى.
  43. ھەرقانداق ئىشتا تەقدىرگە ئىشىنىڭ، بىراق تىرىشىشنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماڭ. ياشاشنىڭ مەقسىتى خوشال بولۇشتۇر.

 

گۈلجاھان مېدىيەسىدە ئىشلەندى

维吾尔语频道_430

打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ