تۇرمۇش | ئەرلەرنىڭ پىشمىغانلىقىنىڭ 33 خىل ئىپادىسى

تەرجىمە alma 1069℃ 0

原图 (36) - 副本2

ئەرلەرنىڭ پىشمىغانلىقىنىڭ 33 خىل ئىپادىسى

  1. سىرداش ئايال بىلەن بىرگە بولۇش.
  2. توردىشى بىلەن كۆرۈشۈش.
  3. ئاشنىسى بىلەن توي قىلىش.
  4. ئاياللارغا قولىنى ئۇزارتىش.
  5. قىززىقىشىنى كەسپ قىلىش.
  6. خىزمەتدېشىنى دوست دەپ بىلىش.
  7. دوستىنىڭ شىركىتىگە بېرىپ ئىشلەش.
  8. باشلىقىنىڭ ئالدىدا بىلىدىغىنىنى قالدۇرماي سۆزلەش.
  9. باشلىقىنىڭ ۋەدىسىگە ئاسانلا ئىشىنىش.
  10. خوشاللىق، ئاچچىق، غەم-قايغۇ ۋە ئازابلىرىنى چىرايىغا چىقىرىش.
  11. ئادەم كۆپ جايدا يۇقىرى ئاۋازدا تېلېفوندا سۆزلىشىش.
  12. چاچلىرى پارقىراق، ئەمما ئايىقى توپا بولۇش.
  13. ئۆزىگە باھانە تېپىشنى ئۇقماسلىق.
  14. ئۆزىگە باھانە تېپىشقا ئادەتلەنگەن بولۇش.
  15. پەقەت تىرىشچانلىققىلا تايىنىش، ئامەت ۋە پۇرسەتكە تايانمايمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.
  16. دائىم بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشنى چۈشەكەش.
  17. ئۆزىچە ھېسسىياتلىنىش، باشقىلار ئەدەپ يۈزىسىدىن ماختاپ قويسا ئۇچۇپ كېتىش.
  18. قەدەمنى تېزلىتىپ، كەينىدىن قاملاشقان كۆرۈنگەن قىزچاققا يېتىشىۋېلىپ يۈزىنى كۆرۈش.
  19. قىزلارنىڭ يېڭى كىيىمى ۋە چاچ پاسونىغا دىققەت قىلماسلىق.
  20. قىزلارنى سەنئەتلىك ماختاشنى ئۆگىنەلمەسلىك.
  21. قىزىقىپ قالغان قىزلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ماختاپ سۆزلەش.
  22. قىزلارغا ئۆزىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى چۈشكۈنلۈكىنى سۆزلەش.
  23. تور ئويۇنى ۋە توردا پاراڭلىشىشقا خۇمار بولۇش.
  24. قىزلارنىڭ «ياق» دېگەن گېپىنى راست دەپ قېلىش.
  25. تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق تونۇشقان چىرايلىق قىزلار ۋە كېلىشكەن بويتاق دوستى بىلەن تونۇشۇش.
  26. خوتۇنىغا ئىلگىرىكى ھېسسىيات كەچۈرمىشىنى راستچىللىق بىلەن سۆزلەش.
  27. ئاشنىسىغا خوتۇنى بىلەن تېزلا ئاجرىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىش.
  28. ئاشنىسى بىلەن خوتۇنىنى دوست بولۇشقا تونۇشتۇرۇش.
  29. مەخپىي پۇلى يوق ياكى مەخپىي پۇلىنى خوتۇنى بايقاپ قېلىش.
  30. توردا بىر كېچىلىك ئىشققا ئىنتىلىش.
  31. تاماكا چېكىشكە تايىنىپ قىياپىتىنى ئۆستۈرۈش، چېچىنى بوياشقا ئامراق بولۇش.
  32. گېپى تولا، مۇھىم نۇقتىسى يوق بولۇش.
  33. گېپى ئاز، خىجىلچان بولۇش.

گۈلجاھان مېدىيەسىدە ئىشلەندى

维吾尔语频道_430

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ