مۇھەببەت شەرتى (ياش تۆكەلەمسەن) __ ئابدۇخالىق تۇرغۇن

مۇزىكا alma 1088℃ 0

原 (4)

مۇھەببەت شەرتى (ياش تۆكەلەمسەن) __ ئابدۇخالىق تۇرغۇن

      كۈيەكنى مەن گويا بىر دېڭىز دېسەم،
      سەن ماڭا باقمايلا تېز چۆكەلەمسەن.
      ۋاقىتسىز دۇنيادىن ئايرىلىپ قالسام،
      قەبرەمگە باش قويۇپ، ياش تۆكەلەمسەن.

      مەن سېنى بەختىم ئۈچۈن كۈلگىنە دېسەم،
      كۆزۈڭ ياش تۇرسىمۇ جېنىم، شوق كۈلەلەمسەن.
      يىقىلىپ ئورنۇمدىن تۇرالماي قالسام،
      بۇ سېنىڭ ئەسلىڭ ئەمەس، تۇر دېيەلەمسەن.

      مەن سېنىڭ سۆيگۈڭنى ساختىدۇر، دېسەم.
      كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ياق دېيەلەمسەن.
      ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېسەم،
      يۈزۈمگە كاچاتلاپ، ياق دېيەلەمسەن

      ئارمىنىم، سەن بىلەن بىرگە ياشىسام،
      كۆز يۇمسام قەبرەڭگە يانمۇ–يان ياتسام.
      تەن باشقا بولسىمۇ، بىر جان ئەمەسمۇ،
      چىدىمايمەن جېنىم سەندىن ئايرىلسام.

      • * * *

      گۈلجاھان مېدىيەسىدە ئىشلەندى

      يازما مەنبەسى: http://www.guljahan.com/

      维吾尔语频道_430

      打赏
      (5)or(0)
      باھا يېزىش
      بولدى قىلاي!
      چىراي ئىپادىسى
      تىزىملىتىڭ

      كىرىڭ

      شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

      كىرىڭ

      تىزىملىتىڭ