ھېكايىلەرنى بۇزايلى……

كۈلكە بازىرى alma 907℃ 0

s02

ھېكايىلەرنى بۇزايلى……

1.
ئاپتۇۋۇز ئاز قالغاندا،ئايال سىرتتا تۇرغان بالىغا :
-ئۇكام،مەن ئاپتۇبۇستىن چۈشەلمەيمەن،خاپا بولماي ماڭا بولكا ئەكىلىپ بېرەمسەن؟
بالا يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى،ئاپتۇبۇستىكى ئادەملەر:
-ئۇ چوقۇم ئالدامچى،يالغانچى -دەپ گۇمانلاندى،دەرۋەقە ئاپتۇبۇس قەشقەر يولىغا قاراپ قوزغالدى،ئايال ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغاندا،يىراقتا بالىنىڭ:
-ھەدە ،مانا ئۈچ بولكا،مانا ئاشقان پۇل-دەپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى دە،شوپۇرغا:
-ئۇستام،ماينى قۇلاققىچە دەسسەڭ-دىدى.
شۇنىڭ بىلەن بالا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە:
-مانا ئۈچ بولكا،مانا ئاشقان پۇل-دەپ قوغلاپ باردى.
2.
غۇنچەم ئۆيىگە كىرىپ:
-دادا،مەن ئېلىپبەنى تۈگەتتىم-دىدى،دادىسى:
-ھېلىمۇ تولۇق ئۈچنى پۈتتۈرەي دىدىڭىز،ئەمدى تۈگەتمىسىز بەك سەت تۇرىدۇ-دىپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى.
3.
مەختۇمسىۇلا ئاكىسى چىن تۆمۈرنىڭ گىپى بويىچە،ئۆيلەرنى چىڭ تاقاپ ،ھەممە يەرنى چىڭ قۇلۇپلاپ،سومكىسىنى ئېسىپ،تاقىلداپ دەسسەپ،جادىگەر موماينىڭ ئۆيىگە قان ساتقىلى كېتىپ قالدى.
4.
غېرىپجان گۈلـزارلىقتا ،يىراقتىن كېلىۋاتقان سەنەمنى كۆرۈپ:
-سەنەمجان !-ئېتىلىپ بېرىۋىدى،مۇھىت ئاسراش خادىمى غېرىپجانغا“چىملىقنى خالىغانچە دەسسىگەن ”دەپ،يىگىرمەي يۈەن جەرىمانە قويىۋەتتى.
5.
پاقا ئەقلىنى ئىشلىتىپ ،غازلارغا قاراپ:
-سىلەر بىر تاياقنىڭ ئىككى ئۇچىنى چىشلەيسىلەر،مەن ئوتتۇرىنى چىشلەيمەن،شۇنىڭ بىلەن جەنۇپقا بۈرىمىز-دىدى.
ئۇلار ئۇچۇپ كېتىۋەتقاندا،كىشىلەر:
-پاھ،بۇ ئەقىلنى كىم ئويلاپ تاپقاندۇ-دىدى،پاقا:“ئەگەر مەن ئاغزىمنى ئاچسام چۈشۈپ كېتىمەن،شۇڭا گەپ قىلمايمەن”دەپ تۇراتتى،ئىككى غاز تەڭلا:
-پاقا ئويلاپ تاپقان-دىدى،نەتىجىدە پاقا يەنىلا يەرگە چۈشۈپ كەتتى……
6.
لېنىن ئويناۋىتىپ ،ھاممىسىنىڭ ئۆيىدىكى لوڭقىنى چېقىپ قويدى،لېنىن ۋاي بولدى،مەن تۆلەپ بېرەي،مەن چاققان بۇنى،قانچە دىسىڭىز شۇنچە بېرەي دەپ يالۋۇرغان بولسىمۇ ،ھاممىسى:
-مەن بۇنى تاۋباۋدىن بەك تەستە ئالغان،چوقۇم سەن ھاراقكەش چېقىپ قويغان-دەپ،يولدىشىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى.
……
ھازىرچە مۇشۇلار بوپ تۇرسۇن……

 


 

 

پارول

بىراۋ ئاشخانىغا كىرىپ كاللا-پاچاق بۇيرۇتۇپتۇ…. تاماق چىققاندا… خېرىدار : ئۇستام… بۇ ئەكەلگەن پاچاقلىرى مۇزدەككەنغۇ. ئۇستام: ئەمدى قىش بوپ قاپتۇ قايلىسىلا… پايپاق كەيدۈرۈپ ساتقىلى بولمايدىكەن

 

 

ئۇماق بالا، كەمپۈتنى ئېلىپ دادىسىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويۇپ،تاتلىققىنە كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى: -دادا كەمپۈت تاتلىقمىكەن؟ بالىسىنىڭ ۋاپادارلىقىدىن تەسىرلەنگەن دادا كۆزلىرگە ياش ئالغان ھالدا: -تاتلىقكەن… بالام بالىسى: ئەمسە كۈچۈكۈم نېمىشقا يېمەيدۇ؟ نەچچە قېتىم ئاغزىدىن چىقىرۋەتتى تېخى… ئاندىن ئەپكىلىپ سىنىڭ ئاغزىڭغا سالسام تاتلىقكەن دەيسەن دادىسى يىغلاپ تۇرۇپ :بۇياققا كەل بالام كېلە، ساڭا مۇكاپات با……….. ۋاس ـ ۋۇس چاڭ ـ چۇڭ ………. ………………

 

 

بىر كۈنى ئانا بالا چىۋىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ كۈتكۈچىنى توۋلاپ دەپتۇ ؛ بىزگە بىر قاچا پولو جامىنى بىلەن ئەكىلىڭ ……… – كۈتكۈچى قىز تۇرۇپ كىتىپ سىلە چىۋىن تۇرساڭلا ،،،،،پوق يىمەي نىمەدەپ پولو يەيسىلە ؟؟؟؟ – چىۋىن ؛ خېنىم پوق يەيدىغانلىرى دىگەن راھىپ چىۋىن بىز پەرىز تۇتمايمىز ، بوسلا چاققان چاي ئەكەسلە …………… ھوي خېنىم ما چاينى يەڭگۈشلەپ ئەكەسلە چايدا چىۋىن باكەن ؛،،،،،،،، – كۈتكۈچى ؛ ۋىييەي سىلە چىۋىن بولغاندىكىن ئىچىۋەتسەڭلا بولمامدا ،،،،،،دىسە ……… ئى ئانا چىۋىن ؛ خېنىم سىلە ئادەمغۇ ھە ،،،،،،ئەمسە سىلە باشقىلا يۇيۇنۇپ قويغان سۇنى ئىچىۋىتىدىغان ئوخشىماملا ،،،،،،،،،، دىگۇدەك ……………

 

 

ئاۋۇ… كىچىك ۋاقتىمدا تۇخۇمغا ئامراقتىم … ھەر قىتىم مەكتەپكە ماڭغۇچە يانچۇقۇمغا بىر تال تۇخۇم سىلىۋالاتتىم … بىر كۈنى مەكتەپ ھاجەتخانىسىغا كىرىپ ئەمدى ئولتۇرۇشۇمغا يانچۇقۇمدىكى تۇخۇم ئورەككە پاققىدە چۈشتى… ئىككى بېقىنىمدىكى ئەبلەخلەر كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ قىتىپلا قاپتۇ… شۇنىڭ بىلەن مىنى تۇخۇم تۇغالايدىكەن، دىگەن گەپ پۈتۈن مەكتەپكە پۇركەتتى… ھېلىمۇ شۇ ئىشنى ئويلىساملا يىغا تۇتىدۇ.

 

 

ئون ئەر بىلەن بىر ئايال بىر بىناغا ئوت كىتىش سەۋەپلىك , ئاسماندا ساڭگىلاپ تۇرغان قۇتۇلۇش ئارغامچىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ قاپتۇ. لېكىن بۇ ئارغامچا پەقەت ئون ئادەمنىلا كۆتۈرەلەيدىكەن، كىم چۈشۈپ كېتىشى كېرەك؟ كۆپچىلىك بىر-بىرىگە قارىشىپ لام-جىم دېيىشمەپتۇ. ئاخىرى ھېلىقى ئايال ئېغىز ئېچىپتۇ: – بوپتۇ، مەن چۈشۈپ كېتەي. بىز ئاياللار ئەزەلدىن ئەرلەرنىڭ قۇربانى. ئۆمۈر بويى سىلەر ئۈچۈن كىر-قات يۇيۇپ، تاماق ئېتىپ خىزمىتىڭلاردا بولىمىز. بوپتۇ، سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم قۇربانلىق بېرەي،- دەپتىكەن، ھاياجانلانغان ھېلىقى ئون ئەر بىراقلا چاۋاك چېلىشىپ كېتىپتۇ..

 

 

ئاۋۇ…… ساھرادىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە بارغان،ئۇلارنىڭ بارىڭىدا نۇرغۇن يېڭى چۈشكەن قاپاقلار بار ئىكەن،ئايالىم ئىككى تال ئۈزۈپ،ئۆيگە ئەكىتەي دەپ قولىغا ئېلىۋالدى. تۇققىنىمىز: -چۈشتە سىلەرگە قاپاق ئۇرۇقىدا پىتىر مانتا ئېتىپ بېرەي ھە،ئاۋۋال قاپاقنى يېرىپ ماڭا ئۇرۇقىنى ئەكىلىپ بېرىڭە ئۇكام-دەپ ماڭا دىدى. مەن يەنە ئۈزۈپ يۈرمەي دەپ،تۇققىنىمىزنىڭ بېغىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ئايالىمنى تېپىپ،ئۇنىڭ قولىدىكى ھېلىقى ئۈزىۋالغان قاپاققا قاراپ: -قاپاقنى يارە-دىدىم.ئايالىم ھەيران بولۇپ: -نىمىشكە؟ مەن: -ۋاي يارە دىگەندىكىن يارە قاپاقنى،ھاجەت بوپ قالدى-دىدىم،ئايالىم : -دەپ قاپسىز-دەپلا ماڭا ئېتىلدى…… بولدى مۇشۇ يەرگۈچە سۆزلەي،نۆۋەت ماڭا كەلدى،دوختۇر چاقىرۋاتىدۇ…… شۇڭا شۇنى دەيمەنكى: ئۇيغۇر تىلى نىمداق چەكسىز!!

 

 

بوۋاي پويىزبىلىتى ئالغىلى بىرىپتۇ .مۇلازىمەتچى قىزغا :بالام مۇشۇ قەشقەرگە باردىغان بەلەتتىن بىرنى بەسە ! مۇلازىمەتچى قىز: ئۈستىنىڭمۇ ياكى ئاستىنىڭمۇ ؟ بوۋاي: بالام ماڭا ئۇندا قىمماي ئىچىدە ئولتۇردىغىندىن بىرىڭە ……..

 

 

يازما مەنبەسى: http://www.tilimiz.com/thread-361-1-50.html

维吾尔语频道_430

打赏
(0)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ