مەن نىمىشقا تېخىچە بويتاق؟؟؟

كۈلكە بازىرى alma 964℃ 0

20091207175633977015 - 副本 (2)

مەن نىمىشقا تېخىچە بويتاق؟؟؟

سىنىپ گۈزىلى يىنىمغا كېلىپ: -كومپىيوتىرىم بۇزۇلۇپ قالغان ،ئەنۋەر بەك ئۇستا دەپ ئاڭلىغان،بىراق بەلكىم سىز ئۇنى تونىمايسىز ،شۇڭا سىزلا ئوڭشاپ بېرىڭە-دىدى. ئاچچىقىم غۇژژىدە كەلدى،مىنى ئەنۋەرنى تونىمايدۇ دەپ قاپتۇدە،بىردەمدە ئەنۋەرگە تېلىفون قىلىپ چاقىرىپ كەلدىم…… ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار يۈرۈپ قالدى.


 

2. ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىمىزگە قايتىدىغان چاغدا،بىر قىز ساۋاقدىشىم بىلەن تەڭ قايتماقچى بولغان،ئۇ ماڭا: -ئۆي خىلى يىراقتا،تاكسىغا چىقساق پۇل جىق كېتىدۇ،مېڭىپ قايتايلى -دىدى. ئاچچىقىم غۇژژىدە كەلدى،مىنى پۇلى يوق كۆرۈپ قاپتۇدە،شۇنىڭ بىلەن تاكسىدىن بىرنى توساپ،قىزنى چىقىرىپ،پۇلىنى تۆلىۋەتتىم…… كىيىن ئۇ ماڭا گەپ قىلىپ باقمىدى


 

…… 3. مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئادەم بەك جىق ئىدى، ئولتۇرغۇدەك ئورۇن يوق ئىكەن،تاماقنى ئېلىپ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام،پاراللىل سىنىپتىكى بىر چىرايلىق قىز ئۆزى قىستلىپ تۇرۇپ يىنىدىن ئورۇن چىقىرىپ تۇرۇپ: -مايەردە ئولتۇرۇڭە،ئۆرە تۇرۇپ يىسىڭىز ھېرىپ قالسىز-دەپ تاتلىق كۈلدى. ئاچچىقىم غۇژژىدە كەلدى،مىنى جاپاغا چىدىماس كۆرۈپ قاپتۇدە،خەپ……شۇنىڭ بىلەن ئۆرە تۇرۇپلا تاماقنى شاپۇر شۇپۇر يەۋەتتىمدە ،قاچىنى تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. ئۇ ھازىر ماڭا ئالىيىپ قارايدۇ. خڭ!


 

4. تەكرار ۋاقتى ئىدى،يەنە بىر چىرايلىق ساۋاقدىشىم يىنىمغا كېلىپ: -مىنىڭ ماتىرىيالىم يوق ئىدى،سىزنىڭ باركەن،بىز بىللە ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلايلى ،كۈندە بىللە ئولتۇرۇپ……ماتىرىيالىڭىزنى تەڭ كۆرۈپ……-دىدى. ئاچچىقىم غۇژدىدە كەلدى،مىنى نىم كۆرەپ قالدى،ئاشۇبداق پىتىي كۆرەپ قاپتۇدە…… شۇنىڭ ئۇنىڭغا ماتىرىيالىمنى بېرىپلا ۋەتتىم…… ئۇ شۇندىن باشلاپ مىنى ئاۋارە قىمماس بولدى……


 

5. بىر قىز ساۋاقدىشىمنىڭ بىر مۇھىم ئىشىنى ھەل قىلىپ بەرگەنتىم،ئۇ ماڭا بەك كۆپ رەھمەت ئېيتىپ،كۆزۈمگە مېھىرلىك بېقىپ: -مىنى نىم قىل دىسىڭىز مەن رازى-دىدى. مەن ئۇنىڭغا ھەممە كىر كىيىملىرىمنى ئېلىپ چىقىپ يۇيدۇردۇم. ئۇ ئىككىنچى ماڭا گەپ قىمماس بولدى.


 

6. بىر پاراللىل سىنىپتىكى بىر چىرايلىق قىز قولۇمغا بىر پارچە خەت تۇتقۇزدى،خەتتە: -سىز بىلەن ئايرىم كۆرۈشكۈم بار ئىدى، نۇرغۇن گەپلىرىم باتتى سىزگە، ئورنى مەكتەپتىن 3كىلو مېتىر يىراقلىتىكى گۈلباغ،ۋاقتى 4تە ئاچچىقىم غۇژژىدە تۇتتى،مىنى ماتىماتىكا بىلەن سىناۋىتىپتۇ دە،.شۇنىڭ بىلەن سۈرئەت=ئارىلىق /ۋاقىت فورمۇلاسى بىلەن سۈرئەتنى ھېساپلاپ چىقىرىپ قولىغا تۇتقۇزدۇم ئۇ ھازىر ماڭا قاراپمۇ قويمايدۇ.


 

7. بىر قىز: -سىزنى قوغلاشسام بولامدۇ؟-دىدى. ئاچچىقىم غۇژژىدە تۇتتى،مىنى يۈگۈرەلمەيدىغان پالاكەت دەپ قاپتۇدە…… كىلىڭە دەپ قويۇپ،بوراندەك ئۇچىۋەتتىم،غوجاكاڭ يۈز مېتىردە مەكتەپ رىكوتى ساقلىغۇچى جۇمۇ! ……..

 

http://www.tilimiz.com/thread-242-1-54.html

20091207175633977015 - 副本 (3)

بىر بالا تاغقا چىقىپ ئۇستاز تۇتۇپ،بارلىق چامباشچىلىق گۇمپىسىنى ئۆگىنىپتۇ…… ساق ئون يىلدىن كېيىن،تولۇق كامالەتكە يېتىپ،تاغدىن چۈشمەكچى بوپتۇ…… ئاندىن ئۇستازى بىلەن خوشلىشىپ،تاغدىن چۈشكىچە تاغدىن دۇمىلاپ كېتىپ،مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ…… تۈگەپتۇ……


 

يەنە بىر بالا تاغقا چىقىپ ئۇستاز تۇتۇپ،بارلىق چامباشچىلىق گۇمپىسىنى ئۆگىنىپتۇ…… ساق ئون يىلدىن كېيىن،تولۇق كامالەتكە يېتىپ،تاغدىن چۈشمەكچى بوپتۇ. ئۇ شەھەرگە كىرىپ ،بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ،ئۆز ھۈنىرىنى ئىشقا ساپتۇ،بىراق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چامباشچى بالىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۋىتىپتۇ…… چامباشچى بالا: -بۇ قانداقسىگە؟ مۇمكىن ئەمەس؟ مەن ئون يىل گۇمپا ئۆگىنىپ……سەن قايسى گۇمپىنى ئىشلەتتىڭ؟ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى: -سەككىزىنچى يۈرۈش ئوقۇغۇچىلار گىمناستىكىسى…… تۈگەپتۇ……


 

بىر بالا دادىسىدىن قاتتىق تاياق يەپ ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئاپىسىغا ئەرز قىپ كىردىكەندە: ئاپا، ئاپا …ھۆ ھۆ…بىرسى سېنىڭ بالاڭنى قاتتىق ئۇرۋەتسە، سەن قانداق قىلىسەن؟ -قايسى گۇي ئۇردى سېنى؟! مەنمۇ ئۇنىڭ بالىسىنى ئۇرۇپ پاخشايتىۋەتەمە! -ھۈ…ھۈ… ھېچكىم ..ئۇرمىدى..ساڭا سەي ئاقلىشىپ بېرەيمۇ…

 

يازما مەنبەسى: http://www.tilimiz.com/thread-242-1-54.html

维吾尔语频道_430

打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ