ئۇيغۇرلاردىكى 80 خىل «يامان بولىدۇ!»نى بىلىۋېلىڭ

تەرمىلەر alma 1272℃ 0

userid231345time201010161456151

 

ئۇيغۇرلاردىكى 80 خىل «يامان بولىدۇ!»نى بىلىۋېلىڭ

مەنبە: چەمبىرەك

1. سەھەر تۇرمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
2. ناشتا قىلماي سىرتقا چىقماڭ، يامان بولىدۇ.
3. كېچىدە ئۆيدە يۇندا، ئەخلەتلەرنى ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ.
4. ئۆيگە مېھمان كەلگەندە مۈشۈكنى ‹پەش›، توخۇنى ‹تاخ› دىمەڭ، يامانبولىدۇ.
5. مېھمانغا دەز كەتكەن چىنىدە تاماق (چاي) سۇنماڭ، يامان بولىدۇ.
6. چاچنى قۇرۇق تارىماڭ، يامان بولىدۇ.
7. چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەڭ، يامان بولىدۇ.
8. چوڭلار بىلەن تاكاللاشماڭ، يامان بولىدۇ.
9. سەھەر تۇرۇپ ئۆي سۈپۈرمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
10. چوڭلاردىن بۇرۇن داستىخانغا قول ئۇزاتماڭ، يامان بولىدۇ.
11. غەيۋەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
12. كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامان بولىدۇ.
13. كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەڭ، يامان بولىدۇ.
14. قوشنىڭىز بىلەن ئىناق ئۆتمىسىڭىز يامان بولىدۇ.
15. تېپىۋالغان نەرسىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ.
16. يالغان سۆزلىمەڭ، يامان بولىدۇ.
17. كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ.
18. ئۇياتلىق يەرلىرىڭىز ئېچىلىپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەڭ، يامانبولىدۇ.
19. تاماق ۋاقتىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەڭ، يامانبولىدۇ.
20. باشقىلارنى قارىتىپ قويۇپ كۇسۇرلاشماڭ، يامان بولىدۇ.
21. چوڭلاردىن تۆر تالاشماڭ، يامان بولىدۇ.
22. ئوت ئوينىماڭ، يامان بولىدۇ.
23. يولدا توغرا تۇرىۋالماڭ، يامان بولىدۇ.
24. تاماق يەۋىتىپ گەپ قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
25. ئادەم بار يەردە تۈكۈرمەڭ، يامان بولىدۇ.
26. تاماق يەۋىتىپ بۇرنىڭىزنى تارتماڭ، يامان بولىدۇ.
27. باشقىلارنىڭ گېپىگە قوشۇق سالماڭ، يامان بولىدۇ.
28. جامائەت سورۇنىدا بۇرنىڭىزنى كوچىلىماڭ، يامان بولىدۇ.
29. ھاجەتخانىدىن چىقىپ قولىڭىزنى يۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ.
30. قولىڭىزنى يۇماي تاماق يىمەڭ، يامان بولىدۇ.
31. ئاتا-ئانىڭىزغا ئالىيىپ قارىماڭ، يامان بولىدۇ.
32. ئۆلۈم پەتىسىگە رەڭلىك كىيىم كىيىپ بارماڭ، يامان بولىدۇ.
33. ھازىدارلارنىڭ ئالدىدا كۈلمەڭ، يامان بولىدۇ.
34. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئەخلەت تاشلىماڭ، يامان بولىدۇ.
35. ئۆتنە ئالغان نەرسىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسىڭىز، يامان بولىدۇ.
36. باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىماڭ، يامان بولىدۇ.
37. سۇخەنچىلىك قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
38. ئاغىنىڭىزنىڭ خوتۇنىغا قارا سانىماڭ، يامان بولىدۇ.
39. قېيىنئانىڭىزنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
40. ھەسەتخورلۇق قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
41. ئەر-خوتۇن جامائەت ئالدىدا سوقۇشسا، يامان بولىدۇ.
42. بايلىق ياكى ئەمىلىڭىزنى كۆز-كۆز قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
43. ھارام مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشنى ئويلىماڭ، يامان بولىدۇ.
44. ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت ساقلىماڭ، يامان بولىدۇ.
45. باشقىلارنىڭ سالىمىنى ئېلىك ئالمىسىڭىز، يامان بولىدۇ.
46. ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلمىسىڭىز، يامان بولىدۇ.
47. مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز، يامان بولىدۇ.
48. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋالماڭ، يامان بولىدۇ.
49. مېھماننى ئۇزاتقاندا ئىشىكنى قاتتىق ياپماڭ، يامان بولىدۇ.
50. تاماقنى ئاۋاز چىقىرىپ يىمەڭ، يامان بولىدۇ.
51. نان ئۇۋىقىغا دەسسىمەڭ، يامان بولىدۇ
67. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نەسىھىتىنى ئۇنۇتماڭ، يامان بولىدۇ.
68. ئەل كۆزىچە گىرىم قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
69. ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەڭ، يامان بولىدۇ.
70. باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى بىسوراق تۇتماڭ، يامان بولىدۇ.
71. ھەممىلا يەردە قىزىقچىلىق قىلىۋەرمەڭ، يامان بولىدۇ.
72. ئېرىڭىزنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
73. خوتۇنىڭىزنىڭ سومكىسىنى ئاختۇرماڭ، يامان بولىدۇ.
74. ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ، يامان بولىدۇ.
75. ئاجىزلارنى بوزەك قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
76. چېقىمچىلىق قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
77. باشقىلارغا ئورا كولىماڭ، يامان بولىدۇ.
78. باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويماڭ، يامان بولىدۇ.
79. باشقىلارنى جامائەت ئالدىدا خىجالەت قىلماڭ، يامان بولىدۇ.
80. گەپ توشىماڭ، يامان بولىدۇ.

مەنبە: چەمبىرەك

http://www.4pesil.com/thread-2619-1-1.html

qrcode_for_gh_4e98502b9615_344

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ