ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيىتى

تەرمىلەر alma 1184℃ 0

231644xel5x1z13xaxv7va.jpg.thumb

ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيىتى
مەنسۇرجان تۇرسۇن
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك2-ئوتتورا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى
ئۇيغۇر خەلقى چايخۇمار خەلق، شۇڭا چايئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەك تۇرمۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭبىرى. ئۇيغۇرلار تۈرلۈك چايلار ئىچىدە دورىلىق چاي ئىچىشكىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بىلەنقاراپ كەلگەن ھەم دورىلىق چاي مەدەنىيىتىنى ياراتقان قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى.چۈنكى،دورىلىقچاي بولسا، مەلۇم دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە ئوت-چۆپ، گۈل-گىياھلارنىڭئۇرۇقى، چېچىكى، شاخ-يوپۇرماقلىرى ياكى يىلتىزىنى ئاساسىي خۇرۇچ قىلىپ تەيارلىنىدىغان  تېبابەتچىلىكتە بىردەك ئىتىراپ قىلىنغان ئەڭ ياخشىساق لىقنى ساقلاش تەبىئىي ئىچىملىكدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىيتەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز ياشاپ كەلگەن تارىم ۋادىسى مىلادىدىنئىلگىرى ۋە مىلادى 5-ئەسىرگىچە بىر قەدەر ئىللىق ۋە نەم كىلىماتقا ئىگە بولغاچقا، سەمەرقەنتتىن تارتىپ چەرچەن چارقىلىققىچە بولغان بۇ كەڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقتا سۇ ئەلۋەك،دەل-دەرەخلەربۈك باراقسان، يېزىلار تۇتۇشۇپ كەتكەن مال-ۋارانلار ساناقسىز بولغان. ئىنسانلارنىڭياشىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ خىل ئىكلوگىيىلىك شارائىتتا بۇ يەردە ياشىغان قەدىمكىئەجداتلىرىمىزنىڭ يىمەك- ئىچمەكلىرىدىمۇ مۇشۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، كىشىلەرنىڭتەبىئەتتىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى تونۇشتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇڭا بۇجايدا ياشىغۇچى خەلقلەر ھۆللۈكنى ئازايتىش ئۈچۈن كۈچلۈك، ئىسىق  تەبىئەتلىك تاماقلارنى يەپ، دورىلىق چايلارنى ئىچىشنىئادەتكە ئايلاندۇرغان ھەم بۇ خىل  تاماق ۋەدورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا بەدەننىڭ ئىسسىق①-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇقنى تەڭشەپ، نىسبەتەن ساغلام تۇرالايدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن.
ئەمگەكچان، ئىجادچان، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىكتارىخى تەرەققىيات ۋە تۇرمۇش ئەمەليىتى جەريانىدا تەبىئەت دۇنياسىدا بىخ سۈرگەن قارلەيلىسى، زەپەر، قىزىل كۆكمارال، ئالقات، سۇمبۇل، قىزىل گۈل،  بادرەنجىبۇيا، قاتارلىق خۇشپۇراق دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭدورىلىق قىممىتىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ،ئۇنى ئۆز مىللىي تىبابىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،جۇغراپىيىلىك مۇھىت، تەبىئىي شارائىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىزاجىغا ماس كېلىدىغان،جانغاراھەت دورىلىق چايلارنى تەييارلاپ، پەسىل ئۆزگۈرىشىگە ماسلىشىپ، مىزاج تەڭشەپ كەلگەن.مۇشۇ يارقىن ئىزلارنىڭ  مەھسۇلى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارتۇرمۇشىدا ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت- دورىلىق چاي (ئىچىش) مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن.
دورىلىق چايلارنىڭ تۈرى
ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ دورىلق چاي مەدەنىيىتىنى  بەرپا قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيەسىنىڭ ئەركان، مىزاج، خىلىت، تەبىئەت، قۇۋۋەت، روھ تەلىماتلىرىنىئاساس قىلىپ نۇرغۇن شىپالىق دورا چاي رىتسىپلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان.قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئىستىمال قىلىنىپكېلىۋاتقان دورىلىق چاي ماتېرياللىرى ئاساسەن رايۇنىمىزدىن چىقىدىغان بولۇپ، ھازىرئۇيغۇر چاي دورىلىرىنىڭ تۈرلىرى 400 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ خىل چاي دورىلىرىنىڭ خارەكتېرىمۆتىدىل،تەبىئىي قۇرۇق ئىسسىققا مايىل، تىبابەتچىلىك نۇقىتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،چاي دورىلىرى مىزاج تەڭشەش،  بوغۇملاردىكى سوغۇقتىن  بولغان يەللەرنى  ھەيدەش، يۈرەك، مېڭە، جىگەر، تال،ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، بەدەنگەھۆللۈك يەتكۈزۈپ، يۆتەلنى توختىتىش، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋەتلەپ، بەدەننى كۈچەيتىش قاتارلىقخۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.  خەلقىمىز ئارىسىدا بىرقەدەر كەڭ تارقالغان، تېبابەتچىلىكتە كەڭ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان دورىلىق چاي رىتسىپلىرىتەيارلىنىش  ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يەككە رىتسىپلىقدورىلىق چاي ۋە كۆپ رېتسىپلىق دورىلىق چاي دەپ ئىككى تۈرگە، شىپالىق رولىغا قاراپ،مېڭە، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدىغان دورىلىق چايلار، ئورۇقلاشقا، تاماكا تاشلاشقاياردەم بېرىدىغان دورىلىق چايلار، باش ئاغرىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى،يۈرەك مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىقچايلار، جىگەر، مېڭە، ئۆت كېسەللىكلىرى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، تېرە ۋەئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىممېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چايلار تۈرلىرىمۇ بار.
چاي دورىلارنىڭ پەسىلگە ئاساسەن تەييارلىنىشى
ئۇيغۇر تىبابەت نەزىرىيەسى بويىچە ھەر پەسىلنىڭ ئۆزىگە خاسمىزاج ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. قەدىمكى تىۋىپلىرىمىز ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن رايۇنلارنىڭھاۋا كىلىماتىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق ھەر قايسى پەسىللەرنىڭ جانلىقلارغا،جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى، پەسىللەرنىڭ مىزاجنى بەلگىلەپچىققان. شۇڭا چاي دورىلىرىنى ئىستىمال قىلىشتا ئالدى بىلەن پەسىللەرنىڭ مىزاجى ۋە ئالاھىدىلىكىنىئويلىشىش لازىم. مەسىلەن: ئەتىياز پەسىلنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىقبولۇپ،بۇ پەسىلدە بەدەننى كۈچەيتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇققا مايىل بولغان دورىلىقچايلارنى (گاۋزبان، بادرەنچىبۇيا، ئارپىبەديان، سۇمبۇل، پىلپىل، دارچىن، لاچىندانە، ئالما قېقى قاتارلىقلارنى)مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىستىمال قىلىشكېرەك. يازپەسىلنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسىق بولۇپ، بۇ پەسىلدە ھەزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى،بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى،ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى تەبىئىتى ھۆلسوغۇق بولغان دورىلىق چايلارنى (زەيفېۋىل، قەلەمپۇر، قىزىلگۈل، ئەنجۈر قىقى، زىرە،پىننە، قارىمۇچ، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قاتارلىقلار)نى ئايرىم دەملەپ ئىچىش كېرەك. كۈز پەسىلنىڭ تەبىئىتى قۇرۇقسوغۇق بولۇپ بۇ پەسىلدە، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلار قوشۇلغان تەبىئى تى ھۆل ئىسىقبولغان چاي دورىلىرىنى (ئالقات، گىلاس قېقى، شاپتۇل قېقى،كاسنە، تەمرى ھىندى ياكى قارائۈرۈك، چىلان، ئەينۇللا قېقى قاتارلىقلار) نى دەملەپ ئىچسە بولىدۇ.  قىش پەسىلنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ،بۇ پەسىلدەبەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تىزلىتىدىغان ۋە سۈيدۈك ھەيدەيدىغان تەبىئىيقۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى (نىلۇپەر، گۈلبىنەپشە، سېرىقئوت، ئاق سەندەل،پالەك ئۇرۇقى،  سوقاچىلان قاتارلىقلار)نى چايبىلەن ياكى ئايرىم دەملەپ  ئىچسە  بولىدۇ.
دېمەك دورىلىق چايلارنى ئىستىمال قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭمىزاجىنى تەكشۈرتۈپ، بەدەننىڭ مىزاجىغا، ياشاۋاتقان مۇھىتىغا، ھەر پەسىلگە قاراپ تەڭشەپمۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش، بەك قېنىق دەملەپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
دورىلىق چايلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان رايۇنلار
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن،قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردادورىلىق چاي ئالاھىدە ئىچىملىك بولۇپ،ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دورىلىق چايلاردىن ئايرىلالمايدۇ.تاماقنىڭئالدى ۋە كەينىدە بىر پىيالە دورىلىق چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بۇنداق  بولۇشتىكى سەۋەب: بۇ رايۇنلارنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، ھۆل-يىغىن مىقدارى ئاز،كىشىلەرئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ ئۆزگىچە ھاۋا كىلىماتى، ئوزۇقلىنىش ئادىتى،ئەمگەك مەشغۇلاتى ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتىغا ماسكېلىدىغان دورىلىق چايلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ، ساقلىقىنى ساقلاپكەلگەن. مەسىلەن: كىشىلەرسوغۇقى ئېشىپ كەتكەندە ئۈستۈن ھارارەتلىك، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلىق چايلارنى، ئىسسىقىئېشىپ كەتكەندە سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلىق چايلارنى تاللاپ مۇۋاپىق ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىكىمىزاج ۋە خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشەپ، كېسەل داۋالايدۇ ياكى كېسەللەرنىڭ ئالدىنىئالىدۇ.
دورىلىق چاي بىلەن كېسەل داۋالاش ئەنئەنىسى
دورىلىق چاي ئىچىش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئەجداتلىرىمىزنىڭبۈيۈك ئىجادىيىتى شۇنداقلا ئۇ ئەجداتنى ئەۋلادقا، ئەۋلاتتىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ،تەكرار سىناقلار دىن ئۆتۈپ ئومۇملاشقان تەۋەرۈك مىراس. رايۇنىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇزۇنئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدە دورىلىق چايلارنى ئۆزىگە ھەمراھ  قىلغان. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە دورىلىق چايلارنىڭشىپالىق رولىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاش خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەسىلەن: يەكەنخاندانلىقى دەۋردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر ھاكىمى سۇلتان ئەلى تەرىپىدىن(1520-1533)يىللار ئارلىقىدا يېزىلغان«دەستۇرۇل ئىلاج» (داۋالاش دەستۇرى) ناملىق ئەسىرىدە: «قىش كۈنى ئىسسىق ئىچىش، ياز كۈنى سوغۇق ئىچىش كېرەك،بەديان ئۇرۇقى سۈيىنى ۋە بەديان كۆكىنىڭسۈيىنى ئىچسە تەشنالىقنى پەسەيتىدۇ» دەپ يېزىلغان.(3) بىز بۇنىڭدىن خەلقىمىزنىڭ دورىلىقچايلارنى ناھايىتى بۇرۇنلا پەسىل ۋە ھاۋا كىلىماتىغا  قاراپ ئىلمى  ئۇسۇلدا ئىستىمالقىلىشقا ئادەتلەنگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئەجداتلىرىمىز دورىلىق چايلارغا تايىنىپ، ساقلىقنى ساقلاش،كېسەللەرنىڭئالدىنى ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالاش جەھەتتە ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنىتوپلىغان. دورىلىق چايلارنى ئۆزىنىڭ مىزاجىغا، تەبىئىتىگە قاراپ ئىستىمال قىلىشنىڭزۆرۈرلىكىنى تولۇق تۇنۇپ يىتىپ، يىمەك-ئىچمەك مەدەنيىتىنى بەرپا قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك كىتابلىرىدا دورىلىق چايلارنىڭ دورىلىق  خۇسۇسىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە ھەركىمئۆزىنىڭ مىزاج ئايرىمىسىغا، پەسىلگە، فىزولوگىيىلىك ئىھتىياجىغا قاراپ تەڭشەپ ئىستىمالقىلىشنى تەشەببۇسقىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇلۇغ ئالىم، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسرى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا:
يېشىڭ ياش بولۇپ، ئۆمرۈڭ بولسا باھار،
سوغۇقنى كۆپ ئىشلەت، تىنىڭ سوۋۇتار.
يېشىڭ قىرىقتىن ئېشىپ كۈن ئاي بولسا كۈز،
ئىسسىق نەرسە بىرلە مىزاجىڭنى تۈز.
مىزاجىڭ ئەگەر بولۇر مۆتىدىل،
ئىسىقلىق سوغۇقلۇق ئارا چارە قىل.
مىزاجىڭنى شۇ ياڭالىغ دۇرۇس تەڭشىسەڭ،
ھاياتىڭ ئۆتەر، تىنچ ياشارسەن ئىسەن.
قىرىققا كىرىپمۇ مىزاج بىلمىسە،
تولۇق ھايۋان ئىرۇر، گەرچە سۆزلىسە.» (4)
دەپ يازىدۇ. دېمەك، خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپلا بەدەندىكىمىزاج خىلىتلارنى تەڭشەپ، كېسەللەرنى داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكەن.
بىراق، دورىلىق چايلارنى ئۇزاق مۇدەت ئىچسە ياكى بەك قېنىقدەملەپ ئىچسە، بەدەننىڭ قۇرۇق ئىسىقى كۈچىيىپ، ئېغىزنى قۇرۇتۇپ ئۇيقۇنى قاچىرىدۇ، ئاشقازان يارىسى، بۇۋاسىر، كۆز ۋە بەدەن قىچىشىش، ئورۇقلاش قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىپ،سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
چاي دورىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ساقلاش ئۇسۇللىرى
چاي دورىلىرىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى پەرىقلەندۈرۈش ۋە ئۇنىساقلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم. چاي دورىلىرىنىڭ يېڭى بولغانلىرى خۇشپۇراق، تەملىك بولىدۇ،كونىراپ قالغانلىرى كۆيۈك ۋە قاڭسىق پۇرايدۇ. شۇڭا چاي دورىلىرىنى سېتىۋالغاندا ئۇنىڭسىرتىغا،پۇرىقىغا قاراپ پەرىقلەندۈرۈش كېرەك. چاي دورىلىرىنى ئەڭ ياخشىسى ئاغزى ھىم ئىتىلىدىغان قۇتا ياكىشىشە قاچىدا ساقلاش لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا دورىلىق چاي تەركىبىدىكى ئۇچۇچانماددا ھاۋاغا سۈمۈرۈلۈپ، پۇرىقى ۋە تەمى يوقۇلۇپ كېتىش بىلەن بىرگە دورىلىق قىممىتىمۇتۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دورىلىق چايلار ئەنئەنىۋى، قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ نەمۇنىسى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھايات مۇساپىسى جەريانىدىكى جاپالىق كۈرىشى ۋە ئىزدىنىشىنىڭمەھسۇلى. بۈگۈنكى كۈندە بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈكسەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، رايۇنىمىزتەۋەسىدىكى بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك، مۇرەككەپ تەركىبلىك، تەبىئيلىكىيۇقۇرى بولغان دورىلىق چايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدەچايچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. شۇڭا ئەجداتلىرىمىزنىڭدورىلىق چاي ئىچىش مەدەنىيىتىدەك بۇ ئىسىلمەدەنىيىتىگە يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى قوغداپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ دۇنياغا تونۇتۇشىمىز لازىم.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
(1)مۇھەممەدئىمىن ئابلىمىت: «ئۇيغۇر چاي دورىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،2000-يىل نەشرى
(2)ئابلىز مۇھەممەد سايرامى: «ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى»، «مىراس» ژورنىلى 2006-يىل 4-سان 51-بەت
(3)ھەكىم سۇلتان ئەلى تۈزگەن (ھاجى مۇھەممەد باقى ئالىم نەشىرگە تەييارلىغان): «دەستۇرۇلئىلاج» (ئۇيغۇرچە) شىنجاڭ پەن- تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى 1999-يىل 7-نەشرى
(4)يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قۇتادغۇ بىلىك» مىللەتلەر نەشىرىياتى،1984-يىل نەشرى
(ئاپتور:ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات2009-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)

ئاپتورنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مىراس ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق سانىدىن ئېلىندى.

weixin1
打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ