مايۈن ھەققىدە ھېكايىلەر

تەرمىلەر alma 1155℃ 0

1ما يۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

ما يۈن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئوقۇش تارىخى تولۇق كۇرۇس، ئوقۇغان مەكتىپى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، كەسپى ئىنگلىزتىلى، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانغا ئىگە.

ما يۈن 1988-يىلى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى يەنى ھازىرقى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خاڭجۇ ئېلېكتر تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قېلىنغان. 1995-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا چىقىپ تۇنجى قېتىم ئېنتېر تورى بىلەن ئۇچراشقان. دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭگو شىركەت بېتىنى قۇرۇپ چىققان. 1997- يىلى ئۇ جۇڭگو تاشقى سودا-ئىقتىسادى مىنىستىرلىكىگە كىرگەن. ئۇ ھۆكۈمەت توربىكىتىگە مەسئۇل بولغان ۋە جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش بازىرىنى ئاچقان. ئۇ 1988-يىلدىن 1995-يىلىغىچە خاڭجۇ ئېلېكتر-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىدا خەلقئارا سودا دەرىسىنى ئۆتىدىغان لىكتۇر بولغان، 1992-يىلى تۇنجى بولۇپ خەيبو تەرجىمە تەھرىراتىنى قۇرۇپ چىققان. 1995-يىلىدىن 1997-يىلغىچە جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ئالاقە تورى سودا كەسپى ئۇچۇلرىنى ئېلان قىلىدىغان تور بېكەت جۇڭگو تور بېتىنى قۇرۇپ چىققان. 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە چەتئەل سودا-ئىقتىسادى مىنىستىرلىكى جۇڭگو خەلىقئارا ئېلېكترونۇق سودا مەركىزىگە كىرگەن.

1999-يىلى ئۇ رەسمىي ھالدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئەلى بابا تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئېلېكتىرۇنلۇق سودىنى ئاچقان بولۇپمۇ B2B كەسپىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ھازىر ئەلى بابا بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ B2B تور بىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.


مايۈننىڭ بالىلىق دەۋرى: مايۈن كىچىكىدىنلا ئەخمەق ئىدى

t014bc77753415b2e42

كىچىك ۋاقتىدا مايۈن ناھايىتى ئۇرۇشقاق ئىدى، نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇرۇشۇشلارنىڭ ھەممىسى دوستلىرى ئۈچۈن ئىدى، تاياق يەپ 13 يىڭنە تىككەن، چارە كۆرۈلگەن، مەكتەپتىن خاڭجوۋ 8-ئوتتۇرىغا مەجبۇرىي ئالماشقان. مايۈننىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ياخشى بولمىغان، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، يەنە كېلىپ دادىسىنىڭ ئاچچىقى يامان ئىدى. مايۈن دادىسىنىڭ تايىقى ئاستىدا چوڭ بولدى، ئۇ ئۆيىدە تۇرغۇسىز بولۇپ كەتسىمۇ، لېكىن دوست تۇتۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى.مايۈن: «مەن ئىنتايىن ئەقىلسىز، بېشىم كىچىككىنە بولغاچقا، پەقەت مەسىلىلەرنى بىر ـ بىرلەپلا تەھلىل قىلالايمەن، سىز بىراقلا ئۈچ سوئال سورىسىڭىز، ھەزىم قىلالماي قالىمەن.» دېدى. مايۈن كىچىكىدىنلا دەرستە ياخشى ئەمەس ئىدى، ماتېماتىكىدا بىر نومۇر ئېلىپ باققان، پەقەت ئېنگلىزتىلىلا ئىنتايىن ياخشى ئىدى، سەۋەبى «دادام مېنى تىللىسا، مەن دادامغا ئېنگلىزتىلىدا يانىمەن، دادام چۈشىنەلمىگەچكە خۇماردىن چىققاندەك بولىمەن، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئۆگەنگەنسېرى كىرىشىپ كەتتىم». 13 يېشىدىن باشلاپ، مايۈن ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە چەتئەللىكلەرنى ئېلىپ خاڭجۇنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىپ يۈردى.

تاكى چوڭ بولغىچە، مايۈن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ئوقۇغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ 3-، 4- قاتاردىكى مەكتەپلەر ئىدى، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغا شۇنداقلا ئالىي ئىمتىھانىنى ئىككى قېتىم بەرگەن، تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن 31 نومۇر، ئالىي مەكتەپ ئىتىھانىدا ماتېماتىكىدىن 21 نومۇر ئالغان. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىچارە مايۈن تاكى مەلۇم بىر كۈنى جىنخۇا ۋوگزالىدا لۇياۋ يازغان «ھايات» ناملىق كىتابنى تېپىۋالغۇچە ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىت ھەيدەپ تىرىكچىلىك قىلىپ يۈرگەن، بۇ كىتاپ مەندەك بىر ئەخمەق بالىنى ئۆزگەرتتى. «مەن مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەك»

1984-يىلى مايۈن نۇرغۇنلىغان جاپالارنى يېڭىپ ئاخىرى خاڭجوۋ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىللىرى فاكۇلتىتېنىڭ مەخسۇس كۇرسىغا ئۆتكەن، نومۇرى تولۇق كۇرس نومۇر چېكىدىن بەش نومۇر كەم بولۇپ قالغان، بىراق تولۇق كۇرسقا ئادەم سانى توشمىغانلىقتىن، مايۈننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تولۇق كۇرسقا قوبۇل قىلىنغان.


ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن

ما يۈن ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تالانت ئىگىسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەقىقىي چوڭ كارخانىچى. IT ساھەسىدە مايۈن دېگەن بۇ ئىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇ ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىي ئەمەلدارى. ئۇ فۇربېس ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان تۇنجى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق سودىگىرى. ئۇ يەنە كەلگۈسى سودا ساھەسىدىكى رەھبەر دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولغان.

بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە رۇئەن يىن گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەتلىكىگە، جۇڭگو ياخۇنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىدارىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، APECنىڭ سودا-سانائەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئەزالىقىغا، خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئالى بابا سودا ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، خورايى قېرىنداشلار ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ يەنە پىروفىسسۇر، رەسسام ۋە دوكتۇر دېگەندەك ئاتاقلارغىمۇ ئىگە.


ئەڭ داڭلىق B2B ئېلېكتىرون سودا سۇپىسى ئەلى بابا

ئەلى بابا گۇرۇھى 1999-يىلى قۇرۇلغان ھەمدە ناھايىتى تېزلىكتە دۇنياۋىي B2B ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە ئۇ ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش تور بېكىتى ھىساپلىنىدۇ.

2010-يىلى 10-ئايدا دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ئەلى بابانى 2001-يىلى پۈتۈن يەرشارىدىكى 100 نەپەر كەلگۈسىدىكى رەھبەرنىڭ بىرى قىلىپ باھالىغان.

2001-يىلى ئامېرىكا ئاسىيا سودا بىرلەشمىسى ھەيئىتى ئەلى بابانى 2001-يىللىق سودا رەھبىرى قىلىپ باھالىغان. 2002-يىلى ئەلى بابا نىڭ كىرىم-چىقىم پەرقى تەڭپۇڭلىشىپ، ئالاقە تور ساھەدىكى ھەقىقىي ئەلى باباغا ئايلانغان. 2003-يىلى ئەلى بابا ئۆزى مۇستەقىل ھالدا ئۈچىنچى تەرەپ ئېلېكترونلۇق كرېدىت سۇپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ھازىر بۇ جۇڭگو بازىرىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن 2004-يىلى 12-ئايدا 10يىللىق چوڭ ئىقتىسادىي شەخس بولۇپ باھالانغان.

2005-يىلى ئەلى بابا ياخۇ بىلەن ئېستىراتىگىيلىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2007-يىلى ئەلى بابا ئېلان سۇپىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى تور بېكەتلەرنى جەلپ قىلغان. 2008-يىلى ئەلى بابا ئېلانغا نىسبەتەن ئۈچ كاپالەتنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ساھەدە يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 2008-يىلى 7-ئايدا مايۈن ياپونىيىدە 10-نۆۋەتلىك كارخانىچىلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ خىل مۇكاپات ئىلگىرى پەقەت ياپونىيىدىكى كارخانىچىلارغىلا بېرىلەتتى.

تىيەنماۋ تورى دەل ئەلى بابا قارمىقىدىكى مال سېتىۋىلىش تور بىكىتى، ئەلى بابادىن ئىبارەت بۇ داڭلىق ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى تور دۇنياسىدا ئۆزگىچە سودا ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ قىممەت ياراتماقتا.


مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاقە تورى چوقۇم دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كېرەك

1984-يىلى، نۇرغۇنلىغان جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن مايۈن ئاخىرى ناھايىتى تەستە خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چەتئەل تىللىرى ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىردى، ئۇنىڭ نەتىجىسى مەخسۇس كورس نومۇر چېكىگە يەتكەن بولۇپ، تولۇق كورس نومۇر چېكىدىن يەنە بەش نومۇر كەم ئىدى، بىراق تەلىيىگە مەخسۇس كورسقا قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى توشمىغانلىقتىن، مايۈننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تولۇق كورسقا ئوقۇشقا كىردى ۋە ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە ئۆزىگە بولغان مەدىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مايۈن خاڭجۇ ئېلېكتىرون سانائىتى ئىنىستىتۇتىدا ئېنگلىزتىلى دەرسى بەردى. 1991-يىلى، مايۈن دەسلەپكى قەدەمدە سودىغا كىرىشتى ۋە دوستلىرى بىلەن خەيبو تەرجىمە كوپىراتىپىنى قۇردى. نەتىجىدە بىرىنچى ئايلىق كىرىمى 700 يۈەن بولۇپ، ئۆي ئىجارىسى 2 مىڭ يۈەن بولغانلىقتىن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى.

كۆپچىلىك بۇ ئىشنى قىلىش ـ قىلماسلىقتا تەۋرىنىپ قالغاندا، مايۈننىڭ پەقەت داۋاملاشتۇرغاندىلا چوقۇم نەتىجىسى بولىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشەنچى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى يالغۇر يوغان تاغارنى كۆتۈرۈپ يىۋۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىن مال كىرگۈزۈپ، تەرجىمە كوپىراتىپىدا سوۋغات بۇيۇملىرى، يېڭى گۈل قاتارلىقلارنى سېتىپ، ئەڭ ئىپتىدائىي دۇكان تىجارىتى بىلەن سودىنى داۋاملاشتۇردى.

ئىككى يىلدا، مايۈن تەرجىمە كوپىراتىپىنى بېقىپلا قالماي يەنە خاڭجۇدا تۇنجى ئېنگلىزتىلى كورنېرى تەشكىللەپ ئىنىستىتۇتتىكى دەرسى ئەڭ كۆپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى. خۇددى مايۈن ئىلگىرىكى يىللىرى ئارزۇ قىلغاندەك خەيبو تەرجىمە شىركىتى خاڭجۇ شۇنداقلا جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەرجىمە كوپىراتىپى بولۇپ قالدى. «مېنىڭ ئىدىيەم، پۇل تېپىشنى بەكلا ئارزۇلايدىغان ئادەم چوقۇم پۇلنى چوڭ بىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئەگەر كاللىسىدا ئويلايدىغىنىنىڭ ھەممىسى پۇل بولسا، چوقۇم پۇل تاپالمايدۇ.» تۇنجى قېتىملىق تىجارەت سەرگۈزەشتىسى مايۈنگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

1994-يىلنىڭ ئاخىرى، مايۈن تۇنجى قېتىم ئالاقە تورىنى ئاڭلىغان؛ 1995-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ تاسادىپىي ئامېرىكىغا بېرىپ، تۇنجى قېتىم ئالاقە تورى بىلەن ئۇچراشقان. كومپىيوتېردىن ھېچنىمە بىلمەيدىغان مايۈن دوستلىرىنىڭ ياردىمى ۋە تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا ئالاقە تورىنى تونۇشقا باشلىغان. شۇ چاغلاردا توردا جۇڭگوغا دائىر ھېچقانداق ماتېرىيال يوق بولۇپ، مايۈن ناھايىتى قىزىققانلىقتىن مايۈن ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تەرجىمە كوپىراتىپىنىڭ تور بېتىنى ياساتقۇزغان، ئويلىمىغان يەردىن ئۈچ سائەت ئىچىدىلا تۆت پارچە ئىلخەت تاپشۇرۇپ ئالغان.زېرەك مايۈن ئالاقە تورىنىڭ دۇنيانى چوقۇم ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

ئارقىدىنلا ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر تور بەت قۇرۇش خىيالى يەنى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى يىغىپ تور بەتكە قويۇپ پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇش خىيالى كەلگەن.

شۇ ۋاقىتتا قىرانلىق دەرۋرىگە ئەمدىلا قەدەم باسقان مايۈن خاڭجۇ شەھىرى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغان. مەكتەپ مۇدىرى يەنە ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولۇشىغا ۋەدە بەرگەن. بىراق، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك مايۈن مەكتەپتىكى بارلىق نوپۇز، سالاھىيەت ۋە تەمىناتتىن ۋاز كېچىپ ئاۋۋالقىدەكلا تىجارەت قاينىمىغا شۇڭغىغان.

بۇ ۋاقىتتا، ئالاقە تورى نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن يەنىلا ئىنتايىن ناتۇنۇش ئىدى؛ شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا دائىرىسىدىمۇ ئالاقە تورى تېخى ئەمدىلا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان ئىدى. نىگولاس نىگروپونت ئەمدىلا «سىفىرلاشقان ھايات»نى يازغان، ياڭجىيۈەننىڭ ياخونى قۇرغىنىغا تېخى بىر يىل بولمىغان ۋاقىتتا بېيجىڭدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ پروفېسسورى چيەن خۇالىن بىر تال ئوپتىك تالا ئارقىلىق ئامېرىكا ئالاقە تورىغا ئۇلىغان ۋە تۇنجى ئېلخەتنى ئەۋەتكەن.

مۇشۇنداق شارائىتتا، نومۇر بېسىپ تورغا چىقىش كەسىپىنى ئېچىشتىن يىراق خاڭجوۋدا، مايۈن ئاللىقاچان ئالاقە تورى ئارقىلىق شىركەت ئېچىپ سودا قىلىش، پايدا ئېلىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ئوي ـ خىيالىغا ئۇنىڭ يىقىن دوستلىرى كۈچلۈك رەددىيە بەرگەن.

«مەن 24 دوستۇمنى ئۆيگە مەسلىھەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدىم. مەن توپتوغرا ئىككى سائەت سۆزلىدىم، ئۇلار ئاڭلاپ قايمۇقۇپ كەتتى، مەنمۇ قالايمىقان سۆزلەپ كەتتىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ 23 كىشى پىلانىمنى رەت قىلدى، پەقەت بىرەيلەنلا سىناپ بېقىشىمنى، بولمىغاندا بولدى قىلىشىمنى ئېيتتى، مەن بىركېچە ئويلىنىپ ئىككىنچى كۈنى يەنىلا قىلىشنى قارار قىلدىم، 24 دوستۇم رەت قىلغان بولسىمۇ مەن يەنىلا قىلىشىم كېرەك.

«ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇنداق چوڭ قارارغا كېلىشىم ئالاقە تورىغا بولغان زور ئىشەنچتىن كەلگەن ئەمەس، ھېس قىلىشىمچە، بىر ئىش قىلغاندا مەيلى نەتىجە قازىنىڭ ياكى مەغلۇپ بولۇڭ، سەرگۈزۈشتىنىڭ ئۆزى بىر غەلىبە، ئۇرۇنۇپ بېقىڭ، بولمىغاندا يەنە بولدى قىلسىڭىز بولىدۇ؛ بىراق ئەگەر ھېچنىمە قىلمىسىڭىز، خۇددى كەچتە تۈرلۈك ـ تۈمەن يولنى ئويلاپ، ئەتىسى يەنە بۇرۇنقى يولىڭىزدا ماڭغاندەك ئىش بولىدۇ» گەرچە بۇ ئىشقا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، مايۈن يەنىلا ئەينى يىللاردىكى جامائەت پىكرىنى چەتكە قاققانلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

1995-يىلى 4-ئايدا، مايۈن ئايالى ۋە يەنە بىر دوستى بىرلىشىپ 20 مىڭ يۈەن پۇل يېغىپ، كارخانىلار ئۈچۈن باش بەت ياساپ بېرىدىغان «خەيبو تورى»نى قۇرۇپ تىجارەت باشلايدۇ، تور بەتكە «جۇڭگو سېرىق بېتى» دەپ ئىسىم قويۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئالاقە تورى شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

ئۈچ ئايدىن كېيىن، خاڭجوۋنىڭ قوشنىسى بولغان شاڭخەيدە ئالاقە تورى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. مايۈننىڭ كەسىپلىرىمۇ تېزلىكتە كۆپىيىدۇ. ھەر قايسى كارخانىلار تۇشمۇ – تۇشتىن ئۆزىنىڭ تور بېتىنى قۇرۇۋاتقان چاغدا مايۈننىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، بىر ئاساسىي بەت، خەنزۇچە ـ ئېنگلىزچە سېلىشتۇرما 2 مىڭ خەتلىك مەزمۇن، بىر پارچە رەڭلىك سۈرەت چىقىرىلغان تور بەتنىڭ باشلىنىش باھاسى 20 مىڭ يۈەن ئىدى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مايۈن ئانچە كۈچىمەيلا 5 مىليۇن يۈەن پايدا ئالىدۇ ھەمدە دۆلەت ئىچىدە خېلى نام قازىنىدۇ. 1997-يىلى، دۆلەت تاشقى ئىقتىساد ـ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مايۈن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قوشۇنلىرىنى ئېلىپ بىرلىكتە تاشقى سودا مىنىسترلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تورىنى قۇرۇشنى باشلايدۇ، توردا جۇڭگو تاۋارلىرى سودا بازىرى، جۇڭگو تېخنىكىسى ئېكىسپورت يەرمەنكىسى، جۇڭگو خېرىدار چاقىرىش، توردىكى گۇاڭجۇۋ يەرمەنكىسى، جۇڭگو تاشقى ئىقتىساد ـ سودىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۆلەتلىك نۇقتىلىق تور بەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ مەزگىلدىكى سەرگۈزەشتلەر مايۈن ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ قالدى. ئۇ مۇخبىرغا: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەن پەقەتلا خاڭجوۋدىكى كىچىك سودىگەر ئىدىم. تاشقى ئىقتىساد ـ سودا مىنىستىرلىقىدىكى خىزمەت سەرگۈزەشتلىرىم ئارقىلىق، مەن دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققيات يۆنىلىشىنى بىلدىم، مەسلىنى ماكرولۇق نۇقتىئىنەزەر بويىچە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەندىم، قۇدۇقتىكى پاقىلىق تۇرمۇشۇمنى ئاخىرلاشتۇردىم.

1999-يىلنىڭ باشلىرىدا، ماكرولۇق نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەن مايۈن خاڭجوۋغا قايتىپ كېلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشنى باشلايدۇ ۋە ئېلېكتىرونلۇق تور سودا ساھەسىگە كىرىشنى قارار قىلىدۇ.

قانداق ئەندىزىنى قوللىنىش كېرەك؟ ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئالاقە تورىدا قىلىنىدىغان ئېلېكترونلۇق تور سودا، ئاساسلىقى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان %15 چوڭ شىركەت ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلاتتى. بىراق مايۈن خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئوتتۇرا ـ كىچىك كارخانىلار تەرەققىي قىلغان جېجياڭ ئۆلكىسىدە چوڭ بولغان، ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى بازاردىن بۈگۈنگە كەلگەن بولغاچقا، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ناھايىتى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا «كىتنى تاشلاپ راكنى تۇتۇشنى، %15 چوڭ كارخانىنى تاشلاپ، %85 ئوتتۇرا ـ كىچىك تىپتىكى كارخانىلار ئوقىتىنى قىلىشنى قارار قىلدى.

«ئەگەر كارخانىنىمۇ باي ۋە كەمبەغەل دەپ ئايرىساق، ئۇنداقتا ئالاقە تورى نامراتلار دۇنياسى بولىدۇ. چۈنكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر يولى ، غايەت زور ئېلان ھەققى بار، بىراق كىچىك كارخانىلارنىڭ ھېچنىمىسى يوق، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئالاقە تورىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەر. مەن نامراتلارنى يېتەكلەپ ئىنقىلاب قىلىشىم كېرەك.» مايۈننىڭ قىلىدىغىنى مۇشۇنداق بىر سەھنە ھازىرلاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئوتتۇرا ــ كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكىسپورت ئۇچۇرلىرىنى يىغىش «ئوتتۇرا ـ كىچىك كارخانىلار قۇملۇقتىكى قۇم دانىچىلىرىغا ئوخشايدۇ، لېكىن ئالاقە تورى ئارقىلىق قۇملۇقتىكى قۇم دانىچىلىرىنى بىردىن ـ بىردىن يىغقىلى بولىدۇ، سېمونت بىلەن يۇغۇرۇلغان قۇملار ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، چوڭ تاش بىلەن كۈچلىشەلەيدۇ. ئالاقە تورىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى كىچىك ئارقىلىق چوڭنى يېڭىش، تېز سۈرئەت ئارقىلىق ئاستىنى يېڭىش.

شۇنداق قىلىپ، 1999-يىلى 9-ئايدا، مايۈننىڭ ئەلىي بابا تورى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئوتتۇرا ـ كىچىك كارخانىلارنى بايلىق ئىشىكىنى ئېچىشقا يىتەكلىگۈچى بولۇپ قالدى. ئەينى ۋاقىت دەل ئالاقە تورى دولقۇنى قوزغالغان مەزگىل بولۇپ، بىراق مەيلى مەبلەغ سالغۇچى بولسۇن ياكى كۆپچىلىك بولسۇن، دىققىتىنى ئاساسەن يەككە تور بېكەتلىرىگىلا قاراتقان ئىدى. مايۈننىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئېلېكترونلۇق سودا تورى قۇرۇشى دۆلىتىمىزدە ئېقىنغا قارشى ئۈزگەندەك بىر ئىش بولۇپ، پۈتكۈل ئالاقە تورى ساھەسىدە يېڭى بىر ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ياخۇ، ئامازون، يىبېيلاردىن كېيىنكى تۆتىنچى خىلدىكى ئالاقە تورى ئەندىزىسى دەپ ئاتالدى. ئەلىي بابا قوللانغان B2B ئۆزگىچە ئەندىزە ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئوخشاش ئەندىزىنى ھازىر ئامېرىكىدىمۇ تېپىش تەسكە توختايدۇ.

تور بەت رويخەتكە ئېلىنىپ بىر ئايدىن كېيىن، گاۋشېڭ باشچىلىقىدىكى 5 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى خەۋپ ـ خەتەر مەبلىغى ھېساباتقا كىردى. مايۈننىڭ بۇ پۇل ئارقىلىق قىلغان بىردىنبىر ئىشى شياڭگاڭ ۋە ئامېرىكىدىن كەڭ ـ كۆلەمدە ئىقتىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بولدى. بۇ ۋاقىت دەل مايۈننىڭ تاشقى تەشۋىقات قىلىۋاتقان «ئىگىلىك تىكلىگۈچى پەقەتلا كوماندىرلىقنى ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۆمەك باشلىقلىقىدىن يۇقىرى خىزمەتلەرنى MBA ئۈستىگە ئېلىۋاتقان» مەزگىل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، 12 ئادەمدىن تەشكىللەنگەن يۇقىرى ساپالىق باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە مايۈندىن باشقا ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەن ئىدى.

1999-يىلنىڭ ئاخىرى، مايۈن ئالتە مىنۇتلۇق بايانى ئارقىلىق «فليۇگېرى» ئاتالغان رۇەنيىننىڭ باش خۇجايىنى سۇن جېڭيىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى، ئىككەيلەن ئۈچ مىنۇت يەككە سۆھبەتتە بولغاندىن كېيىن، مايۈن سۇن جېڭيىنىڭ 35 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغىگە ئېرىشتى. رۇەنيىن يىلدا 700دىن ئارتۇق شىركەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، پەقەت 70 شىركەتكىلا مەبلەغ سالىدۇ، سۈن جېڭيى شۇ شىركەتلەر ئىچىدىكى بىرلار شىركەت بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.

پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى گاۋشېڭ ياكى سۇن جېڭيى بولسۇن مايۈنگە توغرا ھۆكۈم قىلالىدى. ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدە، مايۈن ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە كۆرۈش رۇجىكى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن شۇ يىلى ئالىي بابانىڭ ئەزالىرى 89مىڭغا يەتتى؛ 2000-يىلىغا كەلگەندە 500 مىڭغا يەتتى؛ 2001-يىلى ئالاقە تورىنىڭ زىمىستان پەسىلى بولسىمۇ، يەنىلا مىليۇن ئەزاسى بولۇش نىشانىغا يەتتى ھەمدە پۈتۈن يەر شارى بويىچە مىليۇندىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان سودا تورى بولۇپ قالدى؛ ھازىرقى ئەزا سانى ئاللىقاچان 3 مىليۇن 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئالاقە تورىنىڭ ئەڭ كاسات مەزگىللىرىدە، ئەلىي بابا ئەڭ بالدۇر پايدا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان تور بەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ھەمدە خارۋارد، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەشھۇر سودا ئىنىستىتۇتلىرى تەرىپىدىن تاللانغان نەمۇنىلىك مىساللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇدا تۆت يىل «فوربىس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئېلېكترونلۇق سودا تور بەتلىرى ئارىسىدا بىرىنچى بولدى.

2012-يىلى 2-ئايدا، ئالىي بابا بېيجىڭدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 82 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تور سودىسىدا مۇۋاپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ھازىرغىچە جۇڭگو ئالاقە تورى ساھەسىدە ئەڭ كۆپ بولغان خۇسۇسىي مەبلەغ سوممىسى. بۇ ئىستىراتېگىيەلىك مەبلىغىگە ئىلگىرىكى خەۋپ ـ خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش خۇسۇسىي مەبلەغ قالدۇقىنى قوشقاندىكى قالدۇقى ۋە ئۆزىنىڭ 100 مىليۇن يۈەندىن كۆپ پۇلىنىڭ پايدىسىنى قوشقاندا ئەلىي بابانىڭ ھازىر 100 مىليۇن يۈەنلىك نەق پۇلى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر قانداق بىر تور بەت بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدۇ.

شۇڭا مايۈن مەردانە ھالدا «2004-يىلى، بىز كۈنىگە بىر مىليۇن يۈەن پايدا يارىتىمىز، 2005-يىلى كۈنىگە بىر مىليۇن يۈەن باج تاپشۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېگەن.

بۇ گەپ خۇددى مايۈننىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ناھايىتى تەلۋىلەرچە ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. مايۈن سىرتقا تەشۋىق قىلغاننى مالىيە ئىستاتىستىكىلاپ چىققان: تاق كۈندىكى 1 مىليۇن يۈەنلىك نىشان ئەمەلىيەتتە 2003-يىلى 7-ئاي بىر ئاي ئىچىدىلا ئىشقا ئاشۇرۇلغان؛ ئۇ يەنە كۆپچىلىك ئالدىدا پو ئېتىپ كۈندە بىر مىليۇن يۈەنلىك باج تاپشۇرۇش «ئۆتكىلى»دىن ئۆتىمىز دېگەن شۇنداقلا بۇ نىشانمۇ شىركەت ئىچىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان نىشان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.


ما يۈن نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان

كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تاسادىپىيلىقتىن بولمايدۇ، مايۈن ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە تىرىشچانلىق ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىققا ئىنتىلىشنىڭ كىشىگە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت بوشلۇقى ھازىرلاپ بىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ما يۈن باشلانغۇچتا يەتتە يىل ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۈچ قېتىم قاتناشقان، ئەڭ ئاخىرىدا مەخسۇس كۇرسقا ئۆتۈپ ئارقىدىن پۈتۈن كۇرسقا يۆتكەلگەن. ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم خىزمەت ئىزدەپ مەغلۇپ بولغان، ئالىي مەكتەپكە بىرىنچى قېتىم ئىمتىھان بەرگەندە 18نومۇر پەرقى بىلەن ئۆتەلمىگەن، شۇ ۋاقىتتا ئۇ خاڭجۇ شەھىرىدە ئون نەچچە يەرگە بىرىپ خىزمەت ئىزدىگەن، لېكىن بىرمۇ ئورۇن ئۇنى قوبۇل قىلمىغان، ئارقىدىن ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئىككى ئاي ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت ھەيدەپ پۇل تاپقان، شۇڭلاشقا مايۈن ئەزەلدىن ئۆزىنى تۇغما ئەقىللىك دەپ ئويلىمايدۇ، ئەمما ئۇ ئىشەنچ ۋە تىرىشچانلىقنىڭ ئۆزىگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

维吾尔语频道_4301

打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ