ياخشى باشقۇرغۇچى بۇلاي دېسىڭىز بۇقائىدىلەرنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ

تەرمىلەر alma 1205℃ 0

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

 

1-قائىدە: شىركەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ

شىركەت پۈتۈن خىزمەتچىلەرنىڭ ياشاش سۇپىسى بولۇپ، شەخسى مەنپەئەت شىركەت مەنپەئەتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا بولمايدۇ. ئەگەر «يېغى ياندىن قوپار، بالا كەلسە قېرىنداشتىن» دېگەندەك ئىشلار يۈز بەرسە يېنىك بولغاندا شۇ خىزمەتچىگە تەنبىھ بېرىپ جازالىنىدۇ، ئېغىر بولغاندا خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ. خوجايىننىڭ ياكى كۆپچىلىكنىڭ تاماق قاچىسىنى چىقىپ ھېچكىممۇ ياخشى كۈن ئۆتكۈزۈشنى خام خىيال قىلمىسۇن.

2-قائىدە: كوللېكتىپ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ

كوللېكتىپ ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، كوللېكتىپ كۈچى كەسىپ ئەمەلىي گەۋدىسىنى تىرەپ تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك بازار ئىگىلىكى دەۋرىدە تېخىمۇ شۇنداق.

3-قائىدە: خوجايىننىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىڭىزگە تەلەپ قويۇڭ

گەرچە شەخسى مائاش، ئۈنۈم مائاش ۋە مۇكاپات مائاشنىڭ تەقسىملىنىشى خىزمەت نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خوجايىن ئېرىشكەن كارخانا پايدىسىنىڭ ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىڭىزنىڭ نەقلىشىشى ۋە كېڭىيىشىنى كۆزلىگەندە چوقۇم خوجايىننىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىڭىزگە تەلەپ قويۇشىڭىز كېرەك. كوللېكتىپتا سىزنىڭ باشلىقىڭىز، خېرىدارىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ خوجايىنىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، سىزنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەرىڭىز چوقۇم شۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈشى كېرەك، بولمىسا سىز مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئەيىبلەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىسىز.

4-قائىدە: ئىشنى ھەممىنىڭ ئالدىدا قىلىڭ

كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئۆلچىمى زادى نېمە؟ بۇنىڭ پەقەت بىرلا ئۆلچىمى بار، ئۇ بولسىمۇ سىز بىر ئىشنى باشقىلاردىن بۇرۇن قىلدىڭىزمۇ ياكى كېيىنمۇ.

ئەگەر خوجايىنىڭىز بىر ئىشنى ئويلاپ سىزنى قىلىشقا بۇيرۇسا، ئاندىن سىز بۇ ئىشنى پۈتتۈرسىڭىز بۇنى ھەممىدىن بۇرۇن قىلدى دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىشنى سىزدىن بۇرۇن خوجايىن ئويلاپ بولغان. ئەگەر خوجايىن تېخى ئويلىمىغان ئىشنى قىلىپ بولغان بولسىڭىز ئۇنداقتا سىز ئەڭ نوچى ھېسابلىنىسىز. ئوخشاشلا سېلىشتۇرۇش ئوبيېكتىدىن يەنە سىزنىڭ باشلىقىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز بار، قېنى ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ئۇلاردىن بۇرۇن ياكى كېيىن قالغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ.

5-قائىدە: ئاۋاز قوشۇش شەخس قىممىتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىلىنىشى

شەخس قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى كوللېكتىپنىڭ سىزگە ئېھتىياجلىق بولۇش دەرىجىسى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىم باشلىقىڭىز سىزنى بىر ئىشقا تەكلىپ قىلسا ياكى بەزىلەر خىزمەتتە ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنسە بىرىنچى بولۇپ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش زۆرۈر ئىش، چۈنكى بۇ سىزنىڭ قىممىتىڭىزنىڭ گەۋدىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

6-قائىدە: پىرىنسىپ يۆنىلىشىنى بويلاپ ئىلگىرىلەڭ

ئەگەر سىز ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرماقچى بولسىڭىز ياكى ئازراق نەتىجە قازىنىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز پەقەت پىرىنسىپ يۆنىلىشىنى قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇكى قارشىلىق كۆرسىتىشىڭىزگە بولمايدۇ.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي، سىز پەقەت شىركەت ئېنىق بەلگىلىگەن پىرىنسىپ يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەپ، شۇ يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتمىسىڭىزلا بولىدۇ.

7-قائىدە: ئاۋۋال كەسىپ روھى بولىدۇ، ئاندىن ئىختىساسلىق خادىم يېتىلىپ چىقىدۇ

ھەر قايسى بۆلۈملەردە ھەر خىل ئادەملەر بار، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئادەملەر بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا كەسىپ روھى يوق، ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلانمايدۇ، ئۇلار پەقەت بۆلۈمدىكى قىسقارتىش بەلگىلىرى بولۇپ، پەقەت نەتىجىنى كۆزلەيدىغان ئەندىزە ۋە تەرتىپ ئىچىدە يوقىلىدۇ.

كەسىپ روھى مۇلازىمەتنىڭ دەل ئۆزى شۇ، مۇلازىمەت ھەم خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ھەم ئۆز ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

8-قائىدە: قائىدىنىڭ ئۆزى نوپۇز، قائىدە بىر خىل روھ

بەزى كىشىلەر ئىش قىلغاندا مەڭگۈ قائىدىگە سالمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن بۇنى زۆرۈر دەپ قارىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مەڭگۈ بېسىمغا ئۇچرايدۇ، نەتىجىسى دائىم باشقىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.

قائىدىنىڭ ئۆزى بىر خىل روھ، بىر خىل قىممەتلىك ئادەت بولۇپ، بۇ قائىدىنى ئاسان يېتىشتۈرگىلى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى. ئەمما قائىدە بولمىسا نوپۇز بولمايدۇ، قائىدە سىزنىڭ ئادەم بولۇش ۋە ئىش قىلىشنى بىلىپلا قالماستىن يەنە قانداق قىلىپ بۇنى ياخشى قىلىشى بىلىشىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

9-قائىدە: تەشەببۇسكار بولۇشنىڭ ئۆزى ئۈنۈم، ئاكتىپ، ئاكتىپ يەنە ئاكتىپ بولۇش كېرەك

تەشەببۇسكار ئادەم ئەڭ ئەقىللىك ئادەم بولۇپ، كوللېكتىپتىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھتۇر، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇلار بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ. مەڭگۈ ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى تەشەببۇسكارلىق روھى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇستازىڭىز. قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقتىمىزدا بىزگە ياردەم قىلىدىغىنى ھەرگىزمۇ تەلەي ئەمەس بەلكى تەشەببۇسكارلىق روھى.

10-قائىدە: ھەر قانداق ئادەم ئۇستاز بولالايدۇ

كىشىلەر خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئەنسىرەپ ياكى پىسخىكا جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سەۋەبىدىن يۆلىنىدىغان ئادىمى بولۇشنى، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولۇشى توغرا، بۇ يەردىكى مەسىلە خاتا ھالدا رەھبىرىنى بىردىنبىر ئوقۇتقۇچى دەپ قاراپ قېلىش. رەھبەرلىك سۈپىتىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ دائىم دۆت بالىلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ساۋاقنى دېمەي تۇرايلى، ئەمەلىيەتتە پەقەت سىز كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەنسىڭىزلا كوللېكتىپتىكى ھەر قانداق ئادەم سىزنىڭ ئۇستازىڭىزغا ئايلىنالايدۇ، چۈنكى سىز ئۇستازغا ئەمەس پەقەت بىلىمگە ئېھتىياجلىق.

11-قائىدە: ئىش قىلىشتا پىلان، نىشان ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل بولۇش كېرەك

مەڭگۈ پىلانىڭىز بار بولسۇن، مەڭگۈ نىشانىڭىزنى بىلىپ تۇرۇڭ، مەڭگۈ ۋاقىتقا قاراشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

12-قائىدە: ئارتۇقچە چۈشەندۈرمەڭ، ئاخىرقى نەتىجىنى كۆرسىتىڭ

رىقابەتكە تولغان جەمئىيەتتە كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، بۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرغانلىقىڭىزدىن ياكى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارنى ئىتتىرىپ قويغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەگەر سىز ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى كۆرۈشنى خالىمىسىڭىز ئۇنداقتا ئەڭ باشتا قىلىدىغىنىڭىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جەرياننى ئۆزگەرتىڭ. مەڭگۈ ئېسىڭىزدە تۇرسۇنكى نەتىجە گەپ قىلالايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت گەپ قىلالايدۇ.

13-قائىدە: يالغاندىن نەتىجە توقۇپ چىقماڭ، يىڭىڭىزنى تۈرۈپ ئىش قىلىڭ

ھەرگىزمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت بىلەن ئۆزىڭىزنى ياكى باشقىلارنى قورقۇتماڭ، ئەڭ ئاۋۋال يىڭىڭىزنى تۈرۈۋېتىپ ئىش قىلىڭ. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئاقىۋەتنىڭ قورقۇنچلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىز. تەجرىبىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، %95 تىن يۇقىرى قورقۇنچلۇق پەرەز يېڭىنى تۈرۈپ ئىش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تەبىئىيلا يوقىلىپ كېتىدىكەن.

14-قائىدە: مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش كۈچكە ئىگە ئەمەس

مەغلۇبىيەت، خاتالىق ئالدىدا ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى بولمىغان ئۇسۇلنىڭ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمما مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىش كوللېكتىپ ئىچىدە كۈچكە ئىگە ئەمەس.

كوللېكتىپ خۇددى بىر زەنجىرگە ئوخشايدۇ، دائىم مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىدىغان ئادەم خۇددى زەنجىر ئارىسىدىكى قۇمغا ئوخشايدىغان بولۇپ، باشقىلارغا غەلىتە تەسىر بېرىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىزغا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

15-قائىدە: ئاددىي، ئاددىي يەنە ئاددىي بولۇش كېرەك

بەك كۆپتۈرۈۋەتمەڭ، قۇرۇق ھەيۋە قىلماڭ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەڭ. ئۇدۇل يول تېپىش خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئوخشاش بىر ئىشنى سىز باشقىلاردىن تېخىمۇ ئاددىي ھالدا تاماملىسىڭىز بۇنى ئەڭ نوچى دەيمىز.

16-قائىدە: يۈز نومۇرغا يەتكۈزۈپ قىلىش سىزنىڭ بۇرچىڭىز

يۈز نومۇر مۇكەممەللىكنىڭ ئىپادىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن خېرىدارنىڭ رازىمەنلىكىنى، كۆڭۈلدىكىدەك مۇلازىمەتنى قوغلىشىش كېرەك. بۇنى ھەرگىزمۇ يۇقىرى تەلەپ دەپ قالماڭ، ئەگەر سىز يۈز نومۇرغا يەتكۈزۈپ قىلالىسىڭىز تېخى ئەمدى ۋەزىپىنى تاماملىغان بولىسىز.

17-قائىدە: ئادەم بولۇشتا كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇڭ، ئىش قىلغاندا كۈچەپ قىلىڭ. بۇ ئىككىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويماڭ

كەمتەر ئادەم بولغاندا ئەتراپىڭىزدا ساغلام مۇھىتنى ساقلاپ قالالايسىز. كۈچەپ ئىش قىلغاندا قوللاش ۋە ماختاشقا ئېرىشەلەيسىز.

18-قائىدە: پىكىر ئالماشتۇرۇش بارلىق توسالغۇلارنى يوقىتالايدۇ

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ساپاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى كىچىك ئاۋارىچىلىكلەردىن قورقماڭ، ئەگەر سىز تېخىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىككە دۇچ كېلىشنى خالىمىسىڭىز پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇڭ. ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق، راۋان بولۇشى ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قالمايدۇ، ئۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسى.

19-قائىدە: كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئەڭ باشتا بىر تەشۋىقات ماشىنىسى

شىركەتنىڭ كۆچمە ئېلان كۆزنىكى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز كوچا-كويلاردا بولۇڭ ياكى شەھەر-بازار، يېزا-كەنتلەرگە بېرىڭ، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن شىركەت ۋە مەھسۇلاتنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولۇڭ، بۇ سىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىڭىز.

ئەلۋەتتە باشقىلارنى سەپەرۋەر قىلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈڭ.

20-قائىدە: مەڭگۈ ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئوچۇق-يورۇق روھىي ھالەتنى ساقلاڭ

كەمتەرلىك ئوچۇق يورۇق روھىي ھالەتنى ساقلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى.

ھەر قانداق بىر سېتىش بۆلۈمىدە ئەڭ پايدا ئالىدىغان ئىككى خىل ئادەم بار، بىر خىلى باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولۇپ، ئېرىشكىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، مەغلۇبىيەت باشلىقىنىڭ ياكى خوجايىنىنىڭ بولىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى بۇ خىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ چېكىنىش يولىنى خوجايىنى ياكى باشلىقىنىڭ غەمخورلۇق قىلىشىغا قويۇپ قويىدۇ. يەنە بىر خىل ئادەملەر ئوچۇق يورۇق، ئۈمىدۋار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار كەمتەرلىك بىلەن باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى باشقىلاردىن تېز بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئېرىشكىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.

打赏
(0)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ