ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئىملا مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ

كۆز قاراش alma 1125℃ 0

ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئىملا مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانچە تەكلىپ

1

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنىڭ ئىملاسى كۆپ يىللاردىن بۇيان توختىماي ئۆزگەرتىلىپ ھازىرغىچە مۇقىملىشىپ بۇلالماي، يېڭى تىل ئۈگەنگۈچىلەر شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تىل ـ يېزىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئىنتايىن كۆپ قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇ ھەقتە پروفېسسور ئابدۇرەئوپ مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

ئىملايىمىزنىڭ ھازىرغىچە مۇقىملىشىپ كېتەلمەسلىك مەسىلىسىنى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ. 600 يىلدا بىر قېتىممۇ ئىملاسى ئۆزگەرتىلمىگەن چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن جۇڭگودا جۇمھورىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 60 يىلدا 6-7 قېتىم چوڭ ئىملا ئۆزگەرتىشنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىمىزدىكى بىر تىراگىدىيە دەپ قارىساق بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئىملا تەتقىقاتىدا نېمىشقا زادى ئىملا ئۆزگەرتىش ئىنقىلابى ئۈزۈلمەيدۇ؟ بۇنىڭدا ش ئۇ ئا ر تىل يېزىق كومىتېتىدىكى قىسمەن يولداشلارنىڭ مەسئولىيىتى ئىنتايىن ئېغىر. تىل ـ يېزىق كومىتېتىدا بىر مۇدىر ئالماشسا، بىر قېتىم ئىملا لۇغىتى ئىشلەش، قاتتىقراق قىلىپ ئېيتقاندا تىل ـ يېزىق زاۋۇتىنى ئىملا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ يىل مۇئەللىم ئېلېكتىرونلۇق چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار تەتقىقات بازىسى بىرلىشىپ «ئۇيغۇرچە ۋەسىقە تەتقىقاتى ۋە ئاتالغۇشۇناسلىق مەملىكەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى»دىمۇ مەن بۇ پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

ئۇيغۇر تىل ـ يېزىقىنىڭ ئىملاسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە مىللەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلىم بويىچە ئىش قىلىپ، كۆز قاراش جەھەتتە تەرسايى ئەزمىلىككە خاتىمە بېرىپ، پىكىردە مۇۋاپىق يول قويىشىدىغان، بىر ـ بىرىمىزنى ئىچىمىزگە سىڭدۈرىدىغان بولساق، ئاتالغۇشۇناسلىق ۋە ئىملا قائىدىسى خىزمىتىدە نورمال، ئىلمىي ۋەزىيەت يارىتالايمىز دەپ ئويلايمەن، مۇشۇ مۇددىئادا مەن تۆۋەندىكى ئۈچ تەكلىپنى كەڭ تىل ئەھلىنىڭ مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزىسىگە قويىمەن.

1. 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل ـ يېزىق كومىتېتىغا بىر مۇدىر ئالماشسا بىر قېتىم ئىملا قائىدىسى لۇغىتى ئىشلەپچىقىرىدىغان يامان ئادەتنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇقلۇق ئورگانلارغا كوللىتىپ تەكلىپ بەرسەك.

2. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1997-يىلى نەشىردىن چىققان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتىگە ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن قايتا قاراپ چىقساق، مەزكۇر لۇغەتنىڭ سۆز ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ توغرا تەلەپپۇزىنى بۇزۇشقا ئۈندەيدىغان، سۆز ـ ئاتالغۇلىرىمىزنىڭ چولاق، سولتەكلىشىپ كېتىشىگە يانتاياق بولىدىغان پاسسىپ كۆرسەتمىلىرىگە خاتىمە بەرسەك.

3. تور ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىملاسىنىڭ چېكىنى توختىتىش ھەققىدە ئاممىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، توردا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بىرلىككە كېلىپ، ئۇيغۇر يېزىق ئىملا قائىدىسىنى ئاز دېگەندە 50 يىل ئۆزگەرتمەيدىغان مۇقىم قىلىپ بېكىتسەك،

تىل ئالىملىرى، تىل تەتقىقاتچىلىرى مۇشۇ پىكىرلەرنى بىر ئويلىشىپ باقسا، يېزىق پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئىشى، شۇڭا بىز بۇ ھەقتە ئومۇمىي خەلق ئويلىشىپ، زىيالىيلار، تەتقىقاتچىلار، ئالىملار بىر ـ بىرىمىزگە يول قويۇشۇپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.

مەنبە: خەلق تورى

weixin1

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ