كىتابنى نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟

سۆرەتلىك دۇنيا alma 875℃ 0

6

كىتابنى نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟

1. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش كۆڭۈلنى كۆتىرىدۇ ۋە ئەقىلنى غىزالاندۇرىدۇ.

2. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق زامان ۋە ماكان پەرقىنى يوق قىلىپ، ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىللە ياشىغاندەك بولىمىز ۋە شۇلارنىڭ ئۆمرىچە ھايات كۆرگەندەك بولىمىز.

3. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق تەجرىبە ئىگىلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىدىن، دانالارنىڭ ئەقىلياتلىرىدىن پايدىلىنىمىز.

4. ئوقۇيمىز، چۇنكى ئوقۇش ئىنساننىڭ ئەقلىي ساياھىتى بولۇپ، يازغۇچى ئۇنى ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ، تاغلار بىلەن باغلارنىڭ ئارىسىدا ساياھەت قىلىدۇرىدۇ ۋە ئۇنى تار ئۇپۇقتىن كەڭرى كەتكەن، چېگراسىز دۇنياغا باشلاپ ئاپىرىدۇ.

5. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىنى تونۇمايدۇ، جۇغراپىيەنى بىلمەيدۇ، ئىجتىمائىي تەبىقىچىلىكنى ۋە ئايرىمچىلىقلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. شۇڭا كىتاب ئوقۇغان ئادەم ھەممە ئەسىردە ۋە ھەممە دۆلەتتە ياشىغاندەك بولىدۇ.

6. ئوقۇيمىز، چۈنكى كىتاب بىزنى ئەڭ ئىگىز تاغلارغا چىقىرىپ، ئاندىن ئەڭ چوڭقۇر جايلارغا، ياپيېشىل بوستانلىقلارغا ئاپىرىپ، ئاندىن دەشتى چۆللەرگە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىزنى يەر شارىنىڭ ھەممە جايلىرىنى كەزدۈرىدۇ.

7. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق بىز ئاپتورلار بىلەن ئۆزئارا ساداقەت قۇرالايمىز ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا ياشىيالايمىز. چۈنكى ھەر قانداق ئاپتۇر بىرەر نەرسە يازغاندا، ئۆزىدىكى ئەڭ ئېسىل گۆھەرلەرنى ۋە دۇردانىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ قىممەتلىك شەيئىلەرنى ئالغان بولىمىز.

8. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئوقۇش ئارقىلىق كائىناتتىكى ئاجايىباتلاردىن خەۋەردار بولىمىز ۋە بىز ئاڭلاپ باقمىغا، كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بىلىملەرنى ۋە بەزى ھەقىقەتلەرنى بىلىۋالىمىز.

9. ئوقۇيمىز، چۈنكى ئىنساندىن باشقا جانلىقلار ئوقۇمايدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئوقۇش ئارقىلىق ئىنسان بولۇپ يارىتىلغانلىق قەدىر-قىممىتىمىزنى تونۇيمىز.

 

 

يازما ئاپتورى، مەنبەسى نامەلۇم، تىلىمىز تورىدىن كۆچۈرۈلدى.

تۆۋەندە: كورېيەلىك لايىھەلىگۈچى لى جۇڭخونىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما

1 2 3 4 5 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20

 

گۈلجاھان سەنئەت بىلوگى تەھرىرلىدى

%e7%bb%b4%e5%90%be%e5%b0%94%e8%af%ad%e9%a2%91%e9%81%93_4301

打赏
(0)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ