مەغلۇبىيەت دەيدىغان نەرسە يوق

تەرمىلەر alma 1740℃ 0

sy_6312531946111

1. دادىل بولۇڭ

باشقىلار ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى ئويلاڭ، باشقىلار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىڭ

سىناپ باقماي تۇرۇپ، قىلغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ

مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇش __ مۇۋەپپەقىيەتنى رەت قىلغانلىق بىلەن باراۋەر 

2. پۇرسەت كەسكىن ئادەملەرگە مەنسۇپ

جاسارەتلىك ئادەم چوقۇم كەسكىن بولۇشى، قىلىمەن دېگەن ئىشىنى قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.

كۈچلۈكلەرگە نىسبەتەن، ھەرقانچە كىچىك ئىشمۇ بىر پۇرسەت

ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار

3. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

ئۇلار مىنىڭ غەلىبە قىلغۇم بار ئەمەس، بەلكى مەن چوقۇم غەلىبە قازىنىشىم كېرەك دەيدۇ. 

ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرمايدۇ

باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان جەريان، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان كەلگۈسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ

4. ”بايقاش“ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئىشىكى

بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بايلىق كەم ئەمەس، كەم بولۇۋاتقىنى بايلىقنى تونۇيدىغان كۆز

بايقىساڭ توپىمۇ ئالتۇن

ئېنىق نىشان، مۇستەھكەم ئىرادە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۆلمەس قائىدىسى

5. تالانت يېڭىلىق يارىتىشتىن بارلىققا كېلىدۇ

سىز سەل بوشاشسىڭىزلا، سەپتىن چۈشۈپ قالىسىز. 

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلمايدۇ. 

يېڭىچە ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىڭ، يېڭىچە ئۇسۇلدا ئىش قىلىڭ.

6. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەملەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىڭ.

سىز دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقىللىك بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك.

ئادەم دېگەن ھەم قارام ھەم ئىنچىكە بولۇشى كېرەك.

7. ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىشنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت

قوماندان بولۇشنى ئويلىمايدىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس

كۈچلۈك بىر رەقىبى بولۇشمۇ ئامەت ھېسابلىنىدۇ. 

8. قورقۇنچ ئىچىدە تۇرغاندىمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ

سىزنى قورقۇنچقا سالىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ

ئەڭ ناچار ئاقىۋەتكە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ

مەغلۇبىيەت دەيدىغان نەرسە يوق، پەقەتلا ۋاقىتلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماسلىق بولىدۇ. 

 

مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

维吾尔语频道_4301

打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ