كىرەلمەيدىغان دۇنياغا قىسىلىپ كىرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ

تەرمىلەر alma 1114℃ 0

183909pgh98igfgla9phi4.jpg.thumb

كىرەلمەيدىغان دۇنياغا قىسىلىپ كىرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ

ۋولقان سالونىدىن گۆھەر تەرجىمىسى

بەزىلەر سىزگە يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بەرسىمۇ كۆرمەس قىياپەتكە كىرىۋالىسىز، چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرمەيسىز،

بەزىلەر يۈرىكىڭىزنى يۇلۇپ ئېلىپ كەتسىمۇ ئاغرىمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىسىز، چۈنكى سىز ئۇنى سۆيىسىز.

مەيلى دوستۇم بولسۇن،مەيلى سۆيگىنىم بولسۇن، ئەگەر سىز ماڭا ھەقىقىي مۇئامىلە قىلمىسىڭىز،مەن نېمىشقا شۇنداق قىلغۇدەكمەن؟ مېنىڭ پوزىتسىيەم سىزنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىڭىزگە باغلىق

ۋاقىت ئۆتىۋاتىدۇ، يېشىمىز چوڭىيىۋاتىدۇ،نۇرغۇن ئىشلارنىڭ كۆردۇق، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەندۇق،لېكىن خۇشاللىقىمىز بارغانسېرى ئازلاۋاتىدۇ.

مەن ساراڭلىق قىلغان، ئەخمەقلىق قىلغان، جاھىللىق قىلغان، چىڭ تۇرۇپ باققان، ياخىشى كۆرۈپ باققان، لېكىن ئاخىرىدا مەن يەنىلا مەن ئىكەنمەن! مەن ياخشى ئەمەس، لېكىن بۇ دۇنيادا مەندىن پەقەت بىرسىلا بار.

مەيلى قەدىرلەڭ، مەيلى قەدىرلىمەڭ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنى يوقىتىپ قويسىڭىز ھەرگىزمۇ قايتا تاپالمايسىز

ئاكتىپ بولغىنىم سىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىم، سىزنى ئىزدىمىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ يەتكىنىم.

كىرەلمەيدىغان دۇنياغا قىسىلىپ كىرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، باشقىلارنى تەڭقىسلىقتا قويۇپ، ئۆزىڭىزنى خارلاپ نېمە قىلىسىز؟

بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن بەزى ئىشلارنى بىلىپ قالغاندىن كېيىن مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە تولىمۇ كۈلكىلىك ئىشلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىمەن.

 

مەنبە: ۋولقان سالونى

维吾尔语频道_4301

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ