چەيزىرەڭ يۇمۇرلار | ئادىلە سىدىقنىڭ ناخشىسىنى مۇشۇنداقمۇ سەت ئېيتامسەن؟! تېخى يۇقىرى ئاۋازدا!! ئاغزىڭنى يۇم

تەرمىلەر alma 1554℃ 0

4d31a12e32bd43199bff92ff5bbccafa - 副本

ئاۋۇ……
بىر نەچچە ئاغىنەم بىلەن باغچىدا پاراڭلاشقاچ كېتىپ باراتتۇق، شۇنداقمۇ چىرايلىق بىر قىز ئورۇندۇقتا يۇقىرى ئاۋازداناخشا ئېيتىپ ئولتۇرۇپتۇ. قىزنىڭ چاچلىرى قاپقارا، يۈزلىرى كىچىك، كۆزلىرى يوغان، شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى.
ئاغىنىلىرىم ماڭا قاراپ:
– ھەي، ئەمدى سىنى سىنايدىغان ۋاقىت كەلدى،  بۇنداق سالتاڭ يۈرىۋىرەمسە، ئوغال بالا بولغاندىكىن كەسكىن ھە، قېنى بارە!
مەن:
– سەت تۇرامۇ؟
ئۇلار:
– بىزنى قوللايمىز، بارە بولە!
مەن يۈرەكلىنىپ ، قىزنىڭ ينىغا باردىمدە، بېشىغا نەچچىنى ئۇرىۋەتتىم ھەمدە ۋارقىرىدىم:
– ئادىلە سىدىقنىڭ ناخشىسىنى مۇشۇنداقمۇ سەت ئېيتامسەن؟! تېخى يۇقىرى ئاۋازدا!! ئاغزىڭنى يۇم……
مەن قايتىپ كەلگەندە، ئاغىنىلىرىم  پىشانىسىنى تۇتۇپ، ئۇھ تارتىپ تۇرۇپتۇ……
ھىڭ ……
مەن ئابلىكىم


بىر ئايال كىتىپ بارسا بىر تۇل خوتۇن :
-ئوغلىڭىز چوڭ بولغانسىرى دادىسىنىلا تاتىپ كىتىپتۇ جۇمۇ ،دەپتۇ .
ئايال كۈلۈپ :-دادىسىنىلا تاتىپ مىنى ئازراقمۇ تاتماپتىمۇ ؟ (يۇمۇرجان سالونى)
تۇل خوتۇن :-ئۇنى مەن نىم بىلەي .
ئايال :-ئەمىسە دادىسىنى تاتقىنىنى قانداق بىلدىڭىز ؟
تۇل خوتۇن :-يېقىندىن بېرى ئوغلىڭىز دادىسىغا ئوخشاش مىنى كۆرگەن يەردە قاش ئېتىپ ئىسقىرتىدىغان بوپ قالدى .
ئايال :-ھە ؟


چۈجە ،  بۆجەن ،  قوزا، كۈچۈك بىر كۈنى بىرگە ئوينىغىلى چىقىپتۇ،  ئۇلار ئۆز ئارا بىرـ بىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ،  چۈجە: -ھەممەيلەن مىنى توخۇنىڭ بالىسى دەيدۇ، سىلەمۇ شۇنداق چاقىرىڭلا، دەپتۇ.

بۆجەن: -مىنى تۇشقانىڭ بالىسى، دەيدۇ،  سىلەرمۇ شۇنداق چاقىرىڭلا دەپتۇ.
قوزا: -مىنى قوينىڭ بالىسى دەڭلا ، دەپ  گېپىنى توختۇتۇپ تۇرسا ،  كۈچۈك: -ئاغىنىلە مىنىڭ ئازراق ئىشىم باتتى مەن ماڭغاچ تۇراي، دىگۈدەك.


ئا:ھەي،گۇي،سەن بىر ئۆگىنىش شاكىلى ئىدىڭ،ئاڭلسام ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈپ كېتىپسەن،نىمە تەسىر قىلدى؟
ب:مەن بىر ئۆي ئىجارە ئالغان……
ئا:ھە ھە
ب:ئاشۇ ئۆينىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنادا بىر ئۆينى بىر نەچچە قىزلار ئىجارە ئاپتىكەن.
ئا:ھە،ئاشۇ قىزلار ئۆگىنىشىڭگە ياردەم قىلدىما؟
ب:ياقەي،ئۇلارنىڭ مۇنچا ئۆيىنىڭ دېرىزىسى يوغان ئىكەن،ئۇلارمۇ دېرىزىنى يوغان ئېچىپ قويىدىكەن.
ئا:ھە ھە
ب:ئۇلار كۈندە كەچتە سائەت بىر ئىككىلەردە قايتىپ كېلىپ،مۇنچىغا چۈشىدۇ،مەن شۇلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ،كىتاپ كۆرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزەي دەپ ،بىلىمىم تۇيۇقسىزلا جىقىيىپ قالدى،شۇڭا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتىم.
ئا:ۋۇ ھايۋان،نۇمۇس قىلماي قىزلارنى ماراپ يۈردۈڭما……نۇمۇس قىلساڭچۇ،خەپ……بولدى چۈشەندۈرمە……ئۆينى بوشات،مەنمۇ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىمەن!


ئﯛﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎﺭ ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﭼﺎ ﺋ‍ﺍﭘﺘﻮﺑﻮﺳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋ‍ﺍﺩﻩﻡ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻮﺷﺎﻕ!ﺑﯩﺮ ﺋ‍ﻩﺭ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭘﺘﯘﻏﯘ :-ﻗﯩﯩﺴﺘﯩﻤﺎﯕﻼﺭ !ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﭼﯘﺷﻪﺭ ﺟﺎﻳﺪﯨﻨﻤﯘ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺋ‍ﯙﺗﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘﻏﯘ: ﯞﺍﻱ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺳﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﯞﺍﻳﺴﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﯔ؟ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯧﻜﻪﺕ ﺋ‍ﺍﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻗﯩﺴﺘﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋ‍ﺍﭘﺘﯘﯞﯗﺯﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﻳەﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﮔﻪ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﺋ‍ﺍﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋ‍ﺍﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋ‍ﺍﺭﺍﻥ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ: -ﻣﺎﯕﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ! ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺋ‍ﺍﭘﺘﯘﯞﯗﺯﻧﯩﯔ ﺷﻮﭘﯘﺭﻯ! ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﮪﺎﻳﺪﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻳﺴﯩﯔ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ.


مۇنداقتى……

ھەممەيلەن بىلىدۇ……،تۈنۈگۈن ئايالىم ئىككىمىزنىڭ توي خاتىرە كۈنى ئىدى.مەن ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي سوۋغا تەييارلىدىم.ھەم كەچتە ئۇنىڭغا تۇيدۇرماي بىر خوشاللىق بېرەيچۇ دەپ پىلانلىدىم.

كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ،ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئاچتىم،ئايالىم ئاشخانا ئۆيدە سەي توغراۋىتىپتۇ.مەن ئاستا بېرىپ ،ئۇنىڭ بىلىدىن قۇچاقلاپلا،سافاغا باستىم……

ساقچى ئاكا،ئىللا بىللا مەن ئايالىمنى قۇچاقلىدىم دەپ قاپتىمەن……

ئاھ ……ئەسلى ئايالىممۇ مىنى ھەيران قالدۇراي دەپ،نەۋرە سىڭلىسىنى چاقىرىپ تاماققا تۇتۇش قىپتىكەن……ئۆزى پەسكە چۈشۈپ كېتىپ،نەۋرە سىڭلىسى سەي توغراپ تۇرۇپتىكەن…

ماڭا ئىشىنىڭ……مەن بىر ئىلمىي بالا……ئىللا بىللا ئايالىم دەپ قاپتىمەن……

مەن كەچۈرۈم سوراي،ناماقۇل بولاي……ماڭا ئىشىنىڭ……مەن راستلا بىلمەي قاپتىمەن…

ئاھ……نىمە كۈن بۇ ماڭا……ھۈ ھۈ ھۈ……


ئېيىق بىلەن يولۋاس بەك قېرىشىدىكەن ، لىكىن  ئېيىق بەك  قورقىدىكەن.

بىر كۈنى يولۋاس سايلىقتا ئۇخلاپ ياتسا ئېيىق يۈگۈرۈپ كىلىپلا كالتەك بىلەن يولۋاسنى بىر قانچىنى ئۇرۇۋېتىپ قېچىپ كىتىپتۇ ، يولۋاس ئاغىرىق ئازاۋىدا يامان تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئېيىقنى قوغلاپتۇ.

ئېيىق ئورمانلىققا كىرىپ ئۇيان مېڭىپ بۇيان مېڭىپ مۆكىدىغانغا يەر تاپالماي قارىسا يەردە بىر پارچە گېزىت تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا گېزىت ئوقۇغان بولۇۋېلىپ يۈزىنى تۇسۇپ ئولتۇرسا ھېلىقى يولۋاس ئېيىقنى تاپالماي  ، گېزىت ئوقۇپ تۇرغان ھېلىقى مەخلۇقتىن: -باياتىن مۇشۇ يەردىن بىر ئېيىق ئۆتتىمۇ دىسە ، ئېيىق تىتىرەپ تۇرۇپ گېزىتقا بىر قارىۋېتىپ، ھە – سىنى بىر قانچىنى ئۇرۇپ قېچىپ كەتكەن ھېلىقى ئېيىقنى دەمسەن ، دىيىشىگە ، يولۋاس تۇرۇپ كىتىپ، ماۋۇ مۇخپىر دىگەن لاۋزىلار بىردەمدە  گېزىتقا بېسىپ بوپتا، دىگۈدەك.


مەن بىرىدىن سورىدىم : __ناۋادا سېنىڭ رەقىبىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتسە  ئۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسە سەن قانداق قىلىسەن ؟
ئۇ جاۋاپ بەردى :___دەرھال سۇغا سەكرەيمەن.
مەن دېدىم :___ھەقىقەتەن مەرت ئىكەنسەن سەن رەقىبىڭنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقامسەن.
ئۇ ئېيتتىكى :____ ياق ئۇنىڭ ئەتراپىدا سۇ ئۈزۈپ ئوينايمەن ھۇزۇرلىنىپ……………


بىر كۈنى بۆرە كوچا ئارلاپ كېتىۋاتسا، بىر ئۆيدىن بىر ئايالنىڭ بالسغا: يەنە يىغلساڭ بۆرىگە تاشلاپ بېرىمەن، دىگەننى ئاڭلاپ قاپتۇ.

بالا يىغلاۋېرىپتۇ، بۆرە تاڭ ئاتقۇچە ساقلغان بولسمۇ بالنى تاشلىماپتۇ.

بۆرە: ئىست بىر كېچە ساقلىغىنىم، ئاياللارغا زادى ئىشىنىشكە بولمايتى، دىگۈدەك.


ئاۋۇ……
ئايالىم بىلەن باغچىغا كىرىپ ئويناپ كىلەيلى دىيىشتۇق.ئايالىم چىرايلىق ياسىنىپ چىقتى.ئاق كۆينەكلىرى كىيىپ دىگەندەك……
بىز چۆرگىلەيدىغان،پېرقىرايدىغان،ئۇچىدىغان ئىشقىلىپ ھەممە ئويۇننى ئوينىدۇق.
بىر ئۆي بار ئىكەن،جىن ئۇۋىسى دەمدۇ،ئالۋاستى دەمدۇ ئەيتاۋۇر ئادەم قورقىدىغان ئويۇن ئىكەن.
ئايالىم بەك چىڭ تۇرىۋالدى:
-مۇشۇ ئۆيگە بىر كىرەيلى-دەپ.
مەن قورقۇپ كېتىسەن دىسەممۇ پەقەت ئۇنىمىدى.
كىردۇق،دىمىسىمۇ ئىچىنى بەك ۋەھىمىلىك بېزەپتۇ.بىز قورقۇپ كېتىۋاتساق،بىرسى تۇيۇقسىزلا:
-ھا!!-دەپ ۋارقىراپ پەيدا بولدى.
ئايالىم شۇنداق قورقتىكىن،يىغلاپ كەتتى،ياشلىرى يۈزىدىكى ئۇپپىلارنى،كۆزىدىكى سۈرمىلەرنى ئېقىتىپلا چۈشتى.
مەن ئۇنى دەرھال سۆرەپ سىرتقا چىقتىم،ئۇ توختىماي يىغلاپ تۇراتتى.بىر چاغدا بىر باغچە ئامانلىق خادىمى بىزگە قاراپ كەلدى-دە ماڭا ۋارقىرىدى:
-ھەي گۇي!ئىچىدىكى جىنلارنى سۆرەپ چىقىشقا بولمايدۇ،بىلەمسەن!!
ئۇ شۇنداق دىگىنچە ئايالىمنى يەنە ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى……
مەن :
-ئۇ……مىنىڭ……ئايالىم……جىن……ئەمەس……تى-دەپلا تۇرۇپ قالدىم!


بىر كۈنى ……
بىر ئادەم يولدا كىتىۋېتىپ بىر قاپاق تېپىۋاپتۇ،ئۇ ئادەم قىزىقىپ قاپاقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپتىكەن ئىچىدىن بىر بەھەيۋەت دىۋە چىقىپتۇ،دىۋە:گەپ قىلە قانداق تەلىۋىڭ بار دىگىن دەپتۇ,ئۇ ئادەم بىر ئاز ئويلۇنۇپ تۇرۇپ دەپتۇ:ئايالىم ئۈندىدارغا بەك بىرىلىپ كەتتى،مىنىڭ بىلەنمۇ كارى يوق،بالىلارنىڭ قورسىقى ئاچمۇ توقمۇ چاتىقى يوق ئەتىدىن كەچكىچە ئۈندىدار ئويناپلا ئولتۇرىدۇ،ئايالىمنى ئۈندىدار ئوينىمايدىغان قىلغىلى بۇلامۇدەپتۇ.دىۋە چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېتىپ دەپتۇ:مەنمۇ ئايالىمغا ئامال قىلالماي قاپاققا كىرۋالغان خاپا بولماي باشقا قاپاق ئىزدەپ باققىن دەپلا قاپاققا يەنە كىرىپ كىتىپتۇ.


قورقۇنچلۇق ھېكايە…
بىر جۈپ ئاشىق مەشۇق ئ‍ايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ،قىز ئاچچىقىدا يىگىتنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ جەسىدىنى تاشلىۋېتىپتۇ .

شۇ كۈندىن باشلاپ قىزنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ،كېچىسى قارا بېسىپ پەقەت ئ‍ۇخلىيالماپتۇ،ئ‍ۇ ئ‍اخىرى تاغقا چىقىپ بىر ئ‍ەۋلىياغا ئ‍ەھۋالنى ئ‍ېيتىپتۇ ،ئ‍ەۋلىيا قىزغا بۈگۈن كەچكىچە ئ‍ۈچ ئ‍ىشنى قىلىپ تۈگەتسە ،بۇندىن كېيىن خاتىرجەم كۈن كەچۈردىغانلىقىنى ئ‍ېيتىپتۇ.

1-ئىش ،يىگىتنىڭ جەسىدىنى تېپىپ ياخشى دەپنە قىلىش.

2-يىگىت ئ‍ىلگىرى سوۋغا قىلغان ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۋېتىش.

3-كېچە سائەت 12دىن بۇرۇن يىگىتنىڭ قان كۆڭلىكىنى پاكىز يۇيۇپ چىقىرىش.

قىز قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئ‍الدىراپ يىگىتنىڭ جەسىدىنى تېپىپ ياخشى دەپنە قىپتۇ، يىگىت سوۋغات قىلغان ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىۋېتىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغاچقا قىز جىددىيلىشىپ  يىگىتنىڭ قان كۆڭلىكىنى يۇيۇشقا باشلاپتۇ، ھەر قانچە كۈچەپ يۇيسىمۇ قان داغلىرى پەقەت چىقماپتۇ، بىر چاغ بولغاندا تامدىكى سائەت داڭ داڭ داڭ قىلىپ 12بولۇنلىقىدىن خەۋەر بېرىپتۇ. قىزنىڭ پۇت قولى تىترەپ  قورقۇشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئ‍ۆينىڭ توكى لاپپىدە قىلىپ ئ‍ۆچۈپ قاپتۇ. بىر يوغان قول ئ‍ۇنىڭ مۈرىسىنى كاپپىدە تۇتۇپتۇ. قىز بۇرۇلۇپ قارىسا كەينىدە چاچلىرى چۇۋۇق يۈزلىرى قان ئ‍وغۇل دوستى تۇرغىدەك.

قىز چىررىدە چىقىرۋېتىپتۇ. يىگىت قىزنىڭ يۈزىنى سىلىغاچ يانچۇقىدىن ئ‍استا بىر نەرسىنى چىقىرىپ قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپلا كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.

شۇ چاغدا لاپپىدە قىلىپ توك كەپتۇ، قىز قولىغا شۇنداق قارىسا، جاپا تارتماي ماۋۇنى ئ‍ىشلەت، دەپ قەغەز چاپلانغان پەخرى ماركىلىق سوپۇن پاراشوكى تۇرغۇدەك …..


مەنبە: ئۈندىدار

گۈلجاھان سەنئەت بىلوگىدا يىغىپ رەتلەندى

2016-06-09100

打赏
(5)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ