بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار | ئاۋازلىق ئەسەر

ئاۋازلىق ئەسەر alma 3977℃ 0

原图 - 副本

بىر چەتتە قاراپ تۇرغۇچىلار

ئاپتورى: مېھرىئاي مۇختەر 

      مىكرافون ئالدىدا: مېھرىئاي مۇختەر

      خىتاپ

      دائىم باشقىلارغا ئ‍ىنكار-رەدىيە ، ھەسەت-سۆكۈشلەرنى ياغدۇرۇپ ، ئ‍اتالمش «نادان» بولغان ئ‍ۇلارنى ئ‍ۈمىدسىزلىك تۇپرىقىغا دەپنە قىلىپ، مەغلۇبىيەت پاتقىقىدا يىقىتىش كىمدىن كىمگە ئ‍ۇدۇم قاپتىكەن؟ بىر ئ‍ىللىق تەبەسسۇم بىلەن بېقىش، بىر ھارارەتلىك قولنى ئ‍ۇزىتىش، ئۇلارنىڭ قولىنى چىڭ سىىقىمداپ تۇتۇپ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ بىر ئ‍ەقىل ئ‍ىگىسىنىڭ ئ‍ىشى ئىدىغۇ؟ «سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ» دەپ ئېيتىلغان ئ‍ىكەن، سەۋەبنىڭ ئ‍الىمىدە «بۇ ئىشلارغا بەندە ئ‍اجىزلىق قىلىدۇ، سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەيدۇ» دېگەندەك ئ‍اقماسلىق پەتىۋارىڭىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرىغا جاھىللىق بىلەن ئ‍ېسىلىپ، ھەرقانداق بىرىنىڭ قىلغان ئىشىنى ياراتمايدىغان ئاچچىق گەپلەرنى قىلماڭ. شۇنداق، ھەقىقەتەنمۇ بەزى ئىشلارغا بەندە ئ‍ىلاجىسىز، لېكىن بۇ ئىشلار ھەممىزگە ئ‍ايان، ھېچكىممۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن ئ‍ۆز ھاياتىنى ئ‍ىسراپ قىلىدىغان ئ‍ەخمەق ئ‍ەمەس. قوللىمىسىڭىز سۈكۈت قىلىڭ، پىكرىڭىز بولسا بايان قىلىڭكى ئۈستىگە يامىشىۋاتقانلارنىڭ ئ‍ايقىدىن تارتىشقا ئ‍ۇرۇنىدىغان پەس ئ‍ادەم بۇلۇشتىن، باشقىلارنىڭ دىلىنى زېدە قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. ھەمىشە ئ‍ەمدىلا باش كۆتۈرمەكچى بولغان يۇمران نوتىلارنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى ئ‍ۆز ۋەزىپىڭىز قىلىۋالماڭ. ئ‍ەگەر تاللىنىشقا توغرا كەلسە، سىز ھەرقانچە ئ‍ىنكار قىلىپ سۆكسىڭىزمۇ، بىرتالاي غەيۋەت-شىكايەتلىرىڭىزنى ياغدۇرسىڭىزمۇ، ھامان گۈزەل كېلەچەك تەرىپىدىن تاللىنىدۇ ، ئ‍ەگەر شاللىنىشقا توغرا كەلسە، سىز ۋە ئۇ تەرىپىدىن ئ‍ەمەس بەلكى دەۋر تەرىپىدىن شاللىنىدۇ، مانا بۇ ئ‍ەڭ ئ‍ادىل ھەقىقەتتۇر .

      ___ مېھرىئاي مۇختەر

      2016-06-09100

      يول بەرگىن

      ئابدۇللا ئابدىرېھىم

      يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە

      سەپىرىگە ئاق ئاق يول تىلەپ

      قول بەرگىن پاك مىھرىڭ بىلەن

      يۈكسەكلەرگە كەتسۇن ئۆرلەپ

      كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل

      قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت

      يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك

      ھەممىمىزگە ھەممىمىزگە ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت

      سۆيگۈ بولسا دىلدا ھەردەم

      كۆكسىمىزگە سىغار ئالەم

      چاقناپ كۆڭۈل ئاسمىنىدا

      يۇلتۇز بولۇپ يۇلتۇز بولۇپ يۇلتۇز بولۇپ جىمى ئادەم

      يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە

      سەپىرىگە ئاق ئاق يول تىلەپ

      قول بەرگىن پاك مىھرىڭ بىلەن

      يۈكسەكلەرگە كەتسۇن ئۆرلەپ

      كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل

      قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت

      يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك

      ھەممىمىزگە ھەممىمىزگە ھەممىمىزگەياغسۇن ئامەت

      timg - 副本 

      打赏
      (18)or(0)
      باھا يېزىش
      بولدى قىلاي!
      چىراي ئىپادىسى
      (1) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
      1. بەك ياخشى ئەسەركەن،ياخشى ئوقۇپسىز
        نامسىز2017-04-15 09:02 جاۋاب
      تىزىملىتىڭ

      كىرىڭ

      شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

      كىرىڭ

      تىزىملىتىڭ