كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئەرزىيدىغان مەبلەغ سېلىشنى بىلەمسىز؟

تەرمىلەر alma 1199℃ 0

كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئەرزىيدىغان مەبلەغ سېلىشنى بىلەمسىز؟

t014bc77753415b2e42

جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ كارخانا ئەنئەنىۋى كارخانا بولۇپ، بۇ كارخانىلار قانداق قىلىپ ئىنتېرنېت تورى بىلەن سىغىشالايدۇ؟ ئەزەلدىن سودا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ باقمىغان، ئەزەلدىن ئىش قىلىشنىڭ «توغرا يولى»نى ئۆگىنىپ باقمىغان كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى سىرى قەيەردە؟ غەيرىي ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگلىرىدا بۇ كارخانا خوجايىنلىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.

مايۈن: كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ئەرزىيدىغان مەبلەغ سېلىش كەلگۈسى ۋە غايە ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىشتىن ئىبارەت.

كەلگۈسى ئۈچۈن قارار چىقىرىش ئوڭاي ئەمەس، ھېچبولمىغاندا %30 ئادەم سىزگە قارشى چىقىدۇ. توغرا قارارنى چىقىرىش ئادەتتە ئىنتايىن قىيىن، ئەمما قىيىن بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا توغرا بولۇشى ناتايىن. مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سىزنى قوللىشى ناتايىن، زىيانغا ئۇچرىغانلار چوقۇم سىزنى تىللايدۇ. تور دەۋرىدە ئەڭ رەزىل بولغىنى ئادەتتە قىلچىلىك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىغان چاپارمەنلەر بولۇپ، ئۇلار چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغان %40 ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغان. چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ تىللىشىدىن قورقۇپ ئېقىمغا ئەگىشىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ ئەرزىيدىغان مەبلەغ سېلىش كەلگۈسى ۋە غايە ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىشتىن ئىبارەت.

تاۋچۇاڭ: ئەنئەنىۋى كارخانىلار بىلەن يېڭىچە ئىنتېرنېت كارخانىلىرى بىرلىشىۋاتىدۇ.

ئىنتېرنېتتىكى ۋىدېئو بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى تىك لىنىيەلىك مۇلازىمەت تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ساھە ھالقىغان ھەمكارلىق تور ۋە تور سىرتىدىكى ئادەم، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئابونت ئۇچۇرلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇنىڭ گۇرۇھى كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكى ۋە سېتىش يوللىرىدىن پايدىلىنىپ ئائىلە ۋىدېئو مۇلازىمىتىنى نىشانلاپ چوڭ قەدەم تاشلىدى.

بۇ قېتىمقى سودا سوممىسى بەلكىم جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كارخانىلىرى بىلەن يېڭىچە ئىنتېرنېت كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ بىرىكىش بولۇشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى چوڭ جاسارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش! جۇڭگودىكى مۇتلەق كۆپ كارخانا ئەنئەنىۋى كارخانا بولۇپ، بۇ كارخانىلار ئىنتېرنېت بىلەن بىر گەۋدىلىشىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىرادە ۋە جاسارەت ھازىرلىشى كېرەك.

ۋاڭ شى: تۆھپە قوشۇشنىڭ ئۆزى نەتىجە.

خارۋارد سودا ئىنستىتۇتىدا قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلىنىۋاتقان كۇرسانت مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئىككى ھەپتىلىك ئۆگىنىشتىن زادى قانچىلىك نەرسە ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: نەتىجە چەكلىك بولىدۇ، ئەمما بۇ جەرياندا نۇرغۇن يۇقىرى سەۋىيەلىك كىشى بىلەن يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى سىز بۇ ئالماشتۇرۇشتا قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىڭىزدا. تۆھپە قوشقانلىقنىڭ ئۆزىلا بىر خىل نەتىجە.

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ