ئانا تىلىم — شېئىر

ئەدەبىيات alma 1663℃ 0

ئانا تىلىم

(پەرىزات تۇردى)

QQ截图20150226235042
بايرىمىڭ كەپتۇ تىلىم يايرىغىن ئالەم سېنىڭ،
سايرىغىن قۇش بولۇپ سامايۇ كۆك سەنەم سېنىڭ.
تاشلىغىن ئەلەمنى قايغۇرغان دەملەرنى چەتكە،
قۇت بەختكە ماڭغان بارچە ئۈمىدلىك قەدەم سېنىڭ.

جاھان ئەركىسى تايچاقسەن ھەركىم ھەيران ساڭا،
سەكرە تاقلا دىل يايلىقىم چەكسىز ماكان ساڭا.
زەپەرقۇش بويلاپ نىشاننى ئۆرلىگىن كۆتۈرۈل!
قەدىرلىسەڭ ئۆزۈڭنى گۈل سۇنار زامان ساڭا.

ئەللەيلىنەر سانسىز جان ئانا تىلنىڭ باغرىدا،
ئوينار زىمىن يۈرىكىمۇ ئۇ چالغان سازلاردا.
كەپتۇ بايرام كەيگىن لىباس نۇرلانسۇن جامالىڭ،
چانغان ۋە تاشلىغان قالسۇن پۇشايمان ئارماندا.

مەنبە: گۈلجاھان مېدىيەسى

weixin1

打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ