ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان كىنولار (فانتازىيە قىسىمى) | ھەجۋىي

كىنو alma 1270℃ 0
u=3669925801,2691508260&fm=15&gp=0
ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان كىنولار
مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرەك
ئاپتور : نامەلۇم
فانتازىيە قىسىمى

1.ئۈزۈك شاھى
بۇ كىنودا شۇنداق چىرايلىق ئۈزۈكنى ئاياللارغا سوۋغا قىلماي،بىر توپ ئەرلەرنىڭ تالىشىپ ئويناپ،ئاخىرى ئوتقا چۈشۈپ كەتكەنلىكى سۆزلەنگەن.

2.ئاخىرلاشتۇرغۇچى
بۇ كىنودا بىر ماشىنا ئادەمنىڭ بالا تۇغۇلمىغاندا ئانىسىنى قورقۇتۇپ،بالاتۇغۇلغاندا بالىنى قورقۇتۇپ،ئەڭ ئاخىرىدا بالىنىڭ دادىسىنى قورقۇتۇپ يۈرگىنى سۆزلەنگەن.

3.ئۆمۈچۈك پاۋان
بۇ كىنودا بىزنىڭ باللىنى ئۆمۈچۈك چاقسا زەھەرلىنىپ،ئەمرىكىلىق باللىنى ئۆمۈچۈك چاقسا ،تامغا يامىشالايدىغان بوپ كېتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

4.ئاۋاتار
بۇ كىنودا تۆپىسىگە سىنكا تۆكۈلۈپ كەتكەن بىر توپ كالتە ئىشتانلىق ئادەملەرنىڭ چېچىنى ئاتقا،قۇشقا ئۇلاپ،ئاخىرى ئىنسانلارنى خىجىل قىلىپ يەڭگەنلىكى سۆزلەنگەن.

5.سۈرئەت ۋە ھېسىيات
بۇ كىنودا بىر توپ ئىگىز،پاكار شوپۇرلارنىڭ ماشىنىنى تېز،ھەيدەپ ،ساقچىلارنىڭ دېققىتىنى تارتالماي،نۇمۇرتارتقۇزۇش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەنلىكى سۆزلەنگەن.

6.ئۆزگىرىشچان مىخانىكلار
بۇنىڭدا نىمكەش ماشىنا ئالغاندىلا ئاندىن ئادەمگە قىياپىتىگە ئۆزگىرەيدىغان مىخانىك ماشىنىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى،تاشقى پىلانتتىكى مىخانىك ئادەملەرنىڭ ئۆيىدىكى جدەلنى يەرشارىغا كېلىپ ئوينايدىغانلىقى سۆزلەنگەن.

7.x_پالۋانلار
بۇ كىنودا بىر توپ غەيرى گۇيلارنىڭ ھارۋىدا ئولتۇرىدىغان تاقىرباشنىڭ كۈشتۈرىشى بىلەن،ئاقكۆڭۈل ماگىنىتچىنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى بوزەك قىلغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

8.قىساسكارلار ئۇيۇشمىسى
بۇنىڭدا تۆمۈر كىيىم ،يېشى 120ياشتىن ئېشىپ كەتكەن ئەسكەر،مايكىنى يىرتىپ،ئىشتاننى يىرتالمىغان يىشىل مەخلۇق،قولىدا بولقىنى كۆتۈرۈپ،ئىنىسىنى ئىزدەپ يۈرگەن تۆمۈرچى،ساغرىسى تولغان ئايال،قىشتا كالتە يەڭ كىيىم كېيىدىغان ئوقياچى قاتارلىقلارنىڭ قارا قۇرۇق ئۇرۇشۇپلا يۈرىدىغان مەزمۇن سۆزلەنگەن.

9.خاررىي پوتتىر
بۇنىڭدا يۈزىدە تاتۇق بار بىر بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن،مەكتەپكە بېرىپ،كۈندە جىدەل تېرىپ ، چوكا ئويناپ يۈرگىنى سۆزلەنگەن.

打赏
(7)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
(1) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
  1. قىززىق :twisted: :mrgreen: :roll:
    ئابدۇسالام2016-06-25 19:56 جاۋاب
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ