سەككىز بەت _ شېئىر

ئەدەبىيات alma 4136℃ 0

سەككىز بەت _ شېئىر
(پەرىزات تۇردى)

QQ图片20150315233558
يۈرەك ۋە دىلدا كىتابنى ئەستە تۇت
قىممىتى بىباھا مەڭگۈ سەپداش تۇت
سەككىزيۈزئەمەس پەقەتلا سەككىزبەت
بىرىنچى بېتىدىن تۆكۈلەر بەخت قۇت

c766ecdejw1e775s26w01j21kw11pu0x

ئىككىنچى بەت ئەدەب-ئەخلاق ماكانى
كىرگىن ، كەلگۈسى يولۇڭنى يورۇت
ئۈچىنچى بەت ئۈمىد-ئارزۇ ئوكيانى
ئېچىپ تامچە،ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇت

格式工厂我 (4)

تۆتىنچى ، بەشىنچى بەتلەر ساداقەت
يارقىلساڭ سۆيىنىدۇ سەندىن ئەل يۇرت
كۆكلەيسەن ئالتىنچى بېتى ئارقىلىق
پەرۋاز قىلدۇرماققا تەيياردۇر بۇلۇت

2

يەتتىنچى بەت سەۋىردە ئۈنگەن مايسا
ئالدىرىما باراقسان بولۇشىنى كۈت
بېشىڭغا كۈن چۈشسە تاشلايدۇ سايە
ئالدىراڭغۇ يېنىدىن دەرھاللا يۈت

(1)

پاكلىق ئەلچىسىدۇر سەككىزىنچى بەت
ئەزىزلەپ سۈرمە كەبى قەلبىڭگە سۈرت
تۇغۇلىسەن يېڭىدىن كىتاب سۆزىدىن
ئانىدەك ئۇنىمۇ ئۇلۇغ بىلىپ كۈت

 我 (19)

شانۇ-شەۋكەتلىك پادىشاھلارنىڭ ھوزۇرىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئادەتتىكى ئامما،ئەر-ئايال پۇقرالار ئۆز-ئارا بېرىش-كېلىش قىلىشسا ، ئاز دېگەندە سەككىز نان ئېلىپ بېرىپ ئۇنى توققۇز نان ، دەپ ئاتايىتتى. ھەم سەككىز ناننى توققۇزنانغا تەڭ، دەپ ھېسابلايىتتى . تا ھازىرغىچە  بۇ رەسىم – قائىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .(تارىخى ئەمىنىيە 7-بەت)
ھەرقانداق نەرسىنى توققۇز-توققۇزدىن قىلىپ سوۋغات قىلاتتى ، ئەمەلىيەتتە سەككىزنى بىر توققۇز دەپ ئاتايىتتى …

گۈلجاھان مېدىيەسى

weixin1
打赏
(7)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
(2) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
  1. ئاخىرىدىكى تارىخىي ئەمىنىيەدىن ئېلىنغان پارچە بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتى يوقمۇ قانداق
    مۇڭلان2015-03-16 13:54 جاۋاب
    • ئاز دېگەندە سەككىز نان ئېلىپ بېرىپ ئۇنى توققۇز نان ، دەپ ئاتايىتتى. ھەم سەككىز ناننى توققۇزنانغا تەڭ، دەپ ھېسابلايىتتى . تا ھازىرغىچە بۇ رەسىم – قائىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا دېمەكچى، ئەجدادلىرىمىز سەككىز ۋە توققۇز دېگەندەك سانلارنى ئۇلۇغلايتتى، بۇ شېئىرمۇ شۇ سەككىز دېگەن سانغا نىسبەتەن ئېيتىلغان شېئىر بولۇپ، شېئىرنىڭ نېمىشقا سەككىز بەت دەپ ئاتىلىدىغانلىقىغا ئازراقمۇ بولسا چۈشەنچە بېرىش مەقسىتىدە قىستۇرۇلغانمىكىن دەپ ئويلىدىم.
      alma2015-03-19 01:20 جاۋاب
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ