مىكروسوفت شېركىتى خىزمەتچىلىرىنى قانداق يوقلىما قىلىدۇ؟

تەرمىلەر alma 1042℃ 0

微软的考勤智慧

1969-يىلى بىل گەيتىس ساۋاقدىشى ئەيلون بىلەن كۆل بويى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ كومپىيوتېر ئۆيىدە

سېئاتىلغا جايلاشقان مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە، 40 نەپەردىن ئارتۇق دۇنيا بويىچە ئەڭ قابىل IT «قاتىل »لىرى خىزمەت قىلىدۇ. بۇلار ھەريىلى مىكروسوفت ئۈچۈن زور مىقداردا بايلىق يارىتىپ بېرىشىدۇ، شېركەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنى ئىنتايىن ئەلا مۇلازىمەت بىلەن كۈتىدۇ ۋە پاراۋانلىق سىياسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

خادىملارنىڭ ئىجادىيەت كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، مىكروسوفت بۇ ئالاھىدە خادىملارغا تولۇق دېگۈدەك ئەركىنلىك بەرگەن. بۇيەردە خىزمەت قىلسىڭىز ، ھەۋىسىڭىز تۇتۇپ قالغاندا خالىسىڭىز ۋاسكىتبول ئوينسىڭىزمۇ، چېنىقىش ئۆيىدە چېنىقسىڭىزمۇ، سۇ ئۈزۈش زالىدا سۇ ئۈزسىڭىزمۇ، قەھۋە ئېچسىڭىزمۇ ھەتتا مەخسۇس ئۇۋىلاش مەركىزىدە بەدەن ئۇۋىلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ. پەقەت سىز خالىسىڭىزلا پۈتۈنلەي خۇددى ئۆز ئائىلىڭىزدە تۇرغاندەك ئازادىلىك ھېس قىلىسىز. ئەگەر قانچىكى ئالاھىدە خادىم بولسىڭىز، شۇنچە كۆپ ۋە قالتىس ئەلا شارائىتتىن بەھرىمان بولىسىز. شېركەتنىڭ مۇنداق بىر قائىدىسى بار: شىركەت خادىملىرى دەل ۋاقتىدا ئىشقا چىقىشى ۋە ئىشتىن چۈشۈشى كېرەك، ئەگەر ئىشقا چىقىش ۋاقتىغا ئازقالغاندا قەھۋە ئېچىۋاتقان بولسىڭىز، ئاخىرىنى شىركەتتە ئولتۇرۇپ ئېچىشىڭىز كېرەك.

بىراق بۇنداق ئازادىلىك خادىملارنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ، ئامېرىكىلىقلار كېچىلىك تۇرمۇشنى ياخشى كۆرگەچكە، خادىملار دائىملا خىزمەتكە كېچىكىپ قالىدۇ، بۇ ئىشنىڭ دەستىدىن مەسئۇل دىرېكتورنىڭ بېشى بەكلا قاتىدۇ.

كېيىنچە مەسئۇل دېرىكتۇر خېلىلا قاتتىق بولغان مۇكاپاتلاش -جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خىزمەت يوقلىمىسىنى كۈچەيتمەكچى بولىدۇ. بىراق بىرەر كىشىمۇ بۇ تۈزۈمگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. كېچىكىپ قالغاندا تەكەللۇپنى بىلىدىغانلىرى دىجورنى خادىمغا قاراپ دولىسىنى چىقىرىپ، كۈلۈمسىرەپ قويۇشسا، تەكەللۇپنى بىلمەيدىغانلىرى ھېچنىمە بولمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بىر قېتىم، بۆلۈم دېرىكتورى لەيت ئىسىملىك بىر يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرىنىڭ مائاشىدىن كېچىكىش قېتىم سانىغا ئاساسەن 200دوللار تۇتۇپ قالىدۇ، لەيت بۇ ئىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاچچىقىدا بىراقلا ئىستىپانامە تاپشۇرىدۇ. بۇ ئىش چوڭىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەتتا بېل.گېيتىسمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۆلۈم دېرىكتورى خاتا قىلمىغان، لېكىن لەيت ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش بۆلۈمى تەكلىپ قىلغان ئالاھىدە تالانت ئىگىسى ئىدى. ئامالسىز قالغان بېل.گېيتىس ئۆزى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا لەيتنىڭ 200دوللار پۇلىنى تولۇقلاپ بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بېسىقتۇرغان بولىدۇ.

لەيت شىركەتتە قالىدۇ، ئەمما ئىشقا كېچىكىش ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟

20151024093555385

بىركۈنى، بېل.گېيتىس چىملىقتا ئايلىنىپ يۈرگەندە، شېركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا نەزەر تاشلاپ قالىدۇ. 50 ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا 40 نەچچە ماشىنا توختىتىلغان ئىدى، ئەمما يېقىن ئەتىراپتىكى مەلۇم كېچىك شېركەتنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى يېتىشمىگەچكە، بەزىلەر ئامالسىز ماشىنىسىنى يىراق ئورۇندىكى يول ياقىسىغا توختىتىپ قويغان ئىدى. بۇ كۆزىتىشتىن كېيىن بېل.گېيتىسنىڭ كاللىسىدا بىر ياخشى چارە يالت قىلىپ ئۆتىدۇ.

ئىككىنچى كۈنى،بېل.گېيتىس بۆلۈم دېرىكتورىغا ماشىنا توختىتىش ئورنىدىن 10نى سېتىۋېتىپ، پەقەت 40 ئورۇن قالدۇرۇپ قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

شۇكۈنى چۈشتىن ئاۋال سائەت 10دا، بىرقىسىم خادىملار بۆلۈم دېرىكتورىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، ماشنا توختىتىش ئورنىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ماشىنىسىنى قەيەرگە توختىتىشنى بىلەلمىگەنلىكى ھەققىدە ۋايسايدۇ. بۆلۈم دېرىكتورى ئۇستاتلىق بىلەن خىجىل بولغان ھالدا: ماشىنا توختىتىش ئورنىنى ئىجارىگە ئالغان، ھازىر ۋاقتى توشتى، ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ ئىجارە ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قوشۇلمىدى، بۇ ئىشقا شېركەتنىڭمۇ ئامالى يوق – دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاجايىپ نەتىجە كۆرۈلىدۇ. تەتقىقات مەركىزىدىكى 40 نەچچە خادىم شۇ ئىشتىن كېيىن كېچىكىپ قالمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى كىم ئازراقلا كېچىكسە ماشىنىسىنى يول ياقىسىغا توختىتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ-دە! ئەگەر بەكرەك كېچىكىپ قالغۇدەك بولسا تېخى يول ياقىسىمۇ قالمايدۇ. بىرقېتىم بىرەيلەن ئىزىلەڭگۈلۈك قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ماشىنىسىنى شىركەتتىن بىر ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى يول ياقىسىغا توختىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

شۇ ئىشلاردىن كېيىن مىكروسوفت تەتقىقات مەركىزىدە خادىملارنىڭ ئىشقا كېچىكىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدىغان بولۇپ كەتكەن.

 

مەنبە: نامەلۇم

打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ