بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان جۈملىلەر

تەرمىلەر alma 1245℃ 0

格式工厂60678161_4 - 副本

بىر ئادەم تاگوردىن سوراپتۇ ، نىمە ئەڭ ئاسان ؟  نىمە ئەڭ تەس ؟ تاگور ئېيتىپتۇ:

-قۇسۇر ئىزدەش ئەڭ ئاسان، ئۇزىنى تۇنۇش ئەڭ تەس!

 

ئەركەكنىڭ  باشقۇرىشىغا كۆنمىسەڭ، ئاخىردا غىتمەكنى يېتەكلەپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىسەن!

 

كۆڭۈل سورىغانلاغا بەرمىسەڭ مەيلى،ئەمما مىھىر سورىغانلاغا قوش قوللاپ بەر .بۈگۈن بەرمىگەن مىھرىڭ ئ‍ەتە ئ‍ارتۇقچە !

 

قىزبولساڭ شۇنداق بولغىنكى تىكەن بىلەن ئورالغان گۈلدەك، نە پۇراشقا، نە تۇتۇشقا ئىمكان بەرمەي، ئاي كەبى بول، قول تەگمىگەن، شۇندىلائۆزۈڭنىڭ قانچىلىك قەدىر-قىممەتلىك ئىكەنلىكىڭنى ھىس قىلالايسەن.

 

ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە مەدەت بىرىڭ،ئىشەنچ بىرىڭ،مۇھەببەت بىرىڭ،ھەرگىزمۇ ئۈمىتسىز گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ ئارزۇ ئارمانلىرىنى بەربات قىلۋەتمەڭ،بۇنىمۇ قىلاممىسىڭىز ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ

 

ئەينى ۋاقىتتا قانىتىمنى كىسىۋىتىپ ، ئەمدى بولغاندا ئۇچقىن دەيسىلەر

 

«ئۇ» باشقىسىغا كەتمەكچى بولسا قويۇپ بەر كەتسۇن …ئۆزىنى يوقاتسۇن …بىر كۈنى قايتىپ كەلسە ھەرگىز ئەپۇ قىلـما !ياشاپ تۇرۇپ ئۆلۈشنى ئۇمۇ ئۈگەنسۇن… !گۈنەش تەرجىمىسى

 

ماختاشلارنىڭ لازىمى يوق، پەقەت غاجىمىسىڭىزلا بولدى. مەن تىرەك ، سىز ئشەك بولمىغانكىن …

 

تىلەمچىگە پۇل بەرسەڭ سانى كۆپلەيدۇ،تىرىشقانغا يول بەرسەڭ خەلقىڭ كۆكلەيدۇ .

 

تەۋەككۈلچىلىكى بولمىغان ئادەم مەڭگۈ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ . ھەممە ئادەم گۈزەل ئارزۇلارغا ئىنتىلىدۇ ، ئەمما بىرى تەۋەككۈل قىلىپ نىشانىغا يىتىدۇ ، توققۇزى ئارزۇلىرىنى قۇچاقلاپ ياتىدۇ .

 

ئا“ پىلان مەغلۇپ بولسا، ئېلىپبەدە يەنە 25 ھەرپ بار، ھودۇقماڭ. ئۇيغۇر بولسىڭىز تېخى 31~   

 

ئەقىللىق كىشىلەر ئۆز ئەقلىنى ئىشلىتىدۇ، تېخىمۇ ئەقىللىق كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىدۇ-ئالىم ئەھەت

 

بىلىمسىزلەر بىلىمەن دەپ ۋارقىرار،

بىلىملىكلەر جىمجىتقىنا ئويلىنار.

بىر مىسالكى، دەريا سۈيى ئاقار جىم،  

ساينىڭ سۈيى ئازلىقىدىن شارقىرار.

 

ئادەمنىڭ ئۆمرى تەكرارلانمايدۇ، دۈشمەنلىك ياكى ئۆچمەنلىك بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلـمىغۇلۇق، كۈلۈمسىرەش ۋە ئەپۇچانلىقنى ئۆزىمىزنىڭ بەلگىسى قىلىپ ياشاش

 

يۈرەكلەر توختايدۇ، توختىمايدىغان يۈرەك يوق، لېكىن ھەق سۆزلەشكە ئادەتلەنگەن يۈرەكلەر توختاپ قالسىمۇ سۆزلەپ تۇرىدۇ

 

ئۆزۈڭگە تەۋە تۇرمۇشتا ياشا، تالىشىڭ توغرا بولسا قىيىنچىلىقتىنمۇ قورقمايسەن……………………

 

ئ‍ىزدىمىگىنىم ھەرگىز سەندىن ئ‍ۆزۈمنى قاچۇرغىنىم ئ‍ەمەس بەلكىم ئ‍ۇزۇمنى سىنىڭ ئ‍الدىڭدا ئارتۇقچە بۇلۇپ قالماي دىگىنىم چۈشەنسەڭ

 

ئازار يىگەنلەرسەۋىر قىلسۇن, ئازار  بەرگەنلەر ساقلاپ تۇرسۇن بۇ  دۇنيا ھەركىمگە  ئۆتنە.

 

ئېسىل سۈپەت يىگىتلەرنى مەتو دەپ ياراتماي  شاللاق ئوغۇللارنىڭ قولىغا چۈشكەندە  ۋىجدانلىق ئەركەك قالمىدى دەپ زارلىنىدىغان قىزلارغا ئاپىرىن…

 

دوست دىگەن  چوقۇم  ئوغۇل ياكى قىز بولىشى شەت ئەمەس كۆڭلى يېرىم بولغاندا  تەسەللى بىرەلىسە خۇشال بولغىنىداتەڭ  كۈلەلىسە بۇنى ھەقىقى   دوست دەيمىز…….

 

تىلىڭنىڭ گۈزەللىكى ئىچكى دۇنياسىڭنىڭ گۈزەللىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ، شۇڭا ئاۋازىڭنى يۇقىرى كۆتۈرمەستىن بەلكى سۆزلىرىڭنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىن ….

 


 

مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

رەتلىگۈچى: گۈلجاھان مېدىيەسى

维吾尔语频道_4301

打赏
(7)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ