مۇھەببەت مۇقەددەستۇر __ مۇھەببەت ھەققىدىكى كارتون سۈرەتلەر

سۆرەتلىك دۇنيا alma 2124℃ 0

格式工厂原 (93)

مۇھەببەت بىر تۇيغۇ، بىراق بۇ تۇيغۇ ئىنتايىن بۈيۈك. مۇھەببەتنى كۆرگىلى، تۇتقىلى، ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە چەتئەلنىڭ تورلىرىدىن تېرىپ كەلگەن مۇھەببەت ھەققىدىكى كارتون سۈرەتلەرنى يوللىدىم، بۇ سۈرەتلەردە مۇھەببەت تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ كىچىك ئىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز تۇرمۇشىمىزنى مۇھەببەت بىلەن بېزىسەك بولىدۇ.

سۈرەتلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، ئۈندىدار چەمبىرىكىدىن تېرىۋالغان مۇھەببەت ھەققىدىكى تۆۋەندىكى بىر پارچە يازمىنى قوشۇمچە قىلدىم.

      مۇھەببەت مۇقەددەستۇر، بۇ بۈيۈك تۇيغۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق. شۇڭا ھېچكىم ھېسىياتسىز ئەمەس. مەيلى ئانىنىڭ بالىغا، مەيلى قىز ئوغۇل، مەيلى ئىنسان ۋە تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى بولسۇن، يۈرەكتە سېزىپ ئىش ھەرىكەتتە ئىپادىلىنىدىغان بۇ ھېسىيات روھى بار پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ جىسمىغا پۈتۈۋېتىلگەن. ھالبۇكى بۇ ئۇلۇغ تۇيغۇ ئىچىدە  بىزنىڭ ئارىمىزدا كۆپرەك تىلغا ئېلىنىۋاتقىنى ئوغۇل قىز ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ نازۇك بىر خىلى خالاس. شۇنداق، بولۇپمۇ مۇشۇ نازۇك تۇيغۇ شۇ قەدەر شېرىن، شۇ قەدەر كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇكى، بۇ خۇددى ئاڭلىماققا رومانتىك ھەم مۇڭلۇق مۇزىكىدەك، خۇددى باش باھاردىكى ياپيېشىل ھەم يۇمران مايسىنىڭ شامالدىكى شوخلۇقى كەبى. بەزى چاغلاردا تىل يېزىقمۇ ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئىنسان مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ تۇيغۇغا ئىگە.

      بەزىدە تۇرمۇشنىڭ بەزىبىر قىيناشلىرى سەۋەپلىك، بەزىدە ئىنسان نەپسىنىڭ قانائەتسىز، شۈكرىسىزلىكى سەۋەبلىك، بەزىدە مال دۇنيا، تاشقى گۈزەللىككە ئىنتىلىشى سەۋەبلىك، ئىنسان سۆيگەن يارىدىن ياكى ئۆزىنى سۆيگەن ساداقەتمەن ھەمراھتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىنسان ئۆمرى پەقەتلا نەچچە ئون يىل، بەلكىم ئۇنىڭدىن كۆپ قىسقا، ئاشۇ نازۇك ھەم قىممەتلىك تۇيغۇنىڭ ۋاقتىمۇ شۇنچىلىك قىسقا. قەدىمىي دەۋرلەردە ئاشىقنىڭ مەشۇقىنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمەسلىكىگە دەۋر ۋە شارائىت يار بەرمىگەن بولسا، ھازىر ئاشىق، مەشۇق دېگەن ئاتالغۇلارنى كىتابتىن كۆرەلەيدىغان ھالغا يەتتۇق.

      مۇھەببەت نېمە؟ سۆيگۈ نېمە؟ ….ئاشىقلىق نىمە؟ ھېچ بىر ئىنسان ھېس قىلماس بولۇۋالغاندەك … جەمئىيەتنىڭ رەڭگارەڭلىكى قىز ئوغۇللىرىمىزنىڭ ماددىزىمغا بولغان ئىنتىلىشىنى شۇ قەدەر كۈچەيتتىكى، نۇرغۇن قىز-ئوغۇللىرىمىز مۇھەببەتنى مەنپەئەتكە يۈزمۇ-يۈز دوغا تىكۋاتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن قىزلىرىمىز بەختسىز، ئوغۇللىرىمىز مىسكىن ھەم غايىسىز. ئاجىرىشىش ئورنىدىكى رەتتە تۇرغانلار نىكاھ ئورنىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ. نۇرغۇنلىرىمىز ئۆز-ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشكە، مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك تۇيغۇنى يۈرىكىمىزدىن چۈشىنىشكە، پاكلاشقا موھتاج.

      پاكچىن يازمىسى

      格式工厂原 (2) 格式工厂原 (16) 格式工厂原 (24) 格式工厂原 (25)

      格式工厂原 (1) 格式工厂原 (3) 格式工厂原 (4) 格式工厂原 (5) 格式工厂原 (6) 格式工厂原 (7) 格式工厂原 (8) 格式工厂原 (9) 格式工厂原 (10) 格式工厂原 (11) 格式工厂原 (12) 格式工厂原 (13) 格式工厂原 (14) 格式工厂原 (15) 格式工厂原 (17) 格式工厂原 (18) 格式工厂原 (19) 格式工厂原 (20) 格式工厂原 (21) 格式工厂原 (22) 格式工厂原 (23)格式工厂原 (26) 格式工厂原 (27) 格式工厂原 (28) 格式工厂原 (29) 格式工厂原 (30) 格式工厂原 (31) 格式工厂原 (32) 格式工厂原 (33) 格式工厂原 (34) 格式工厂原 (35) 格式工厂原 (36) 格式工厂原 (37) 格式工厂原 (38) 格式工厂原 (39) 格式工厂原 (40) 格式工厂原 (41) 格式工厂原 (42) 格式工厂原 (43) 格式工厂原 (44) 格式工厂原 (45) 格式工厂原 (46) 格式工厂原 (47) 格式工厂原 (48) 格式工厂原 (49) 格式工厂原 (50) 格式工厂原 (51) 格式工厂原 (52) 格式工厂原 (53) 格式工厂原 (54) 格式工厂原 (55) 格式工厂原 (56) 格式工厂原 (57) 格式工厂原 (58) 格式工厂原 (59) 格式工厂原 (60) 格式工厂原 (61) 格式工厂原 (62) 格式工厂原 (63) 格式工厂原 (64) 格式工厂原 (65) 格式工厂原 (66) 格式工厂原 (67) 格式工厂原 (68) 格式工厂原 (69) 格式工厂原 (70) 格式工厂原 (71) 格式工厂原 (72) 格式工厂原 (73) 格式工厂原 (74) 格式工厂原 (75) 格式工厂原 (76) 格式工厂原 (77) 格式工厂原 (78) 格式工厂原 (79) 格式工厂原 (80) 格式工厂原 (81) 格式工厂原 (82) 格式工厂原 (83) 格式工厂原 (84) 格式工厂原 (85) 格式工厂原 (86) 格式工厂原 (87) 格式工厂原 (88) 格式工厂原 (89) 格式工厂原 (90) 格式工厂原 (91) 格式工厂原 (92)

      打赏
      (2)or(0)
      باھا يېزىش
      بولدى قىلاي!
      چىراي ئىپادىسى
      تىزىملىتىڭ

      كىرىڭ

      شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

      كىرىڭ

      تىزىملىتىڭ