تېرىپ كەلگەن يۇمۇرلار

تەرمىلەر alma 1282℃ 0

follow-me-parody-taiwanese-couple-forrest-lu-agnes-chien-2

قىزىق يۇمۇر
ئانىسى ئوبدان قىزىم ، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇۋېلىپ ئاندىن ئۇخلىغىن .
قىزى : بولمايدۇ ، ئەتە ئىمتىھان بېرىمەن .
ئانىسى : يۇيۇنىشنىڭ ئىمتىھان بىلەن نېمە مۇناسىۋېتى بار ؟
قىزى : چۈنكى ، سۇئاللارنىڭ جاۋابى بىلەكلىرىم ۋە پاقالچاقلىرغا يېزىلغان


يۇمۇر بولا مۇشدا بولا ؛
بۈگۈن خىزمەتكە كىچكىپ قالدىم ، ئەتىگەنلىك ناشتا قىلالمىغاچقا خىزمەتدىشىمنىڭ ئۈستىلىدە تۇرغان قىتىقنى ئوغۇرلىقچە ئىچىۋىلىپ تۇرۇشۇمغا : ۋوي مېنىڭ يۈز مىيمىنى كىم ئالدى بايا مۇشەدە باتى – دىمەسما ، ئالدىراپ تىنەپ سۇخانىغا يۈگۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە قۇسۇپ چىقاردىم. قايتىپ كىرسەم خىزمەتدىشىم :ۋوي يۈز مېيىم يەرگە چۈشۈپ كىتىپتىكەنغۇ، ئەمدى قېتىقىمنى كىم ئىچۋالغاندۇ ؟؟


ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن بىر بوۋاي ساقچىغا مۇلايىملىق بىلەن:
– ساقچى ئوغلۇم، بۇ يەرگە كېلىپلا خوتۇنۇمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم، ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ دەپ قويسىڭىز، – دەپتۇ.
– تۇنۇيالمىسام قانداق قىلىمەن؟
– چېچى ئۇزۇن، پۇتىدا ئېگىز پاشنىلىق توپلىيى بار.
– سىز مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن تېپىپ كېلەي.
– ياق بولمايدۇ، يۈزىدە چۈمپەردىسى بار، سىز قارىسىڭىز نامەھرەم بولىدۇ.

follow-me-parody-taiwanese-couple-forrest-lu-agnes-chien-1


20 ياشقا كىرگەن ئۇغۇل دادىسىدىن قىزىقىپ سۇراپتۇ : دادا ، دادا  … مۇشۇ خۇتۇن ئېلشقا زادى قانچە پۇل كېتىدۇ ؟
دادا بېشنى قاشلاپ تۇرۇپ كېتىپ :  بۇنى ئېنىق ھېساپلاپ بىر نىمە دىمەك قېيىن بالام ،  نىمشقا دېسەڭ  داداڭ  تاكى ھازىرغىچە يەنىلام شۇنىڭ پۇلنى تۆلەۋاتىدۇ ….


پۇل تىپىشنىڭ سىرى
ئىككى دۇست پاراڭلىشپ قاپتۇ .
ئا : سەن ھەجەپ بېيىپ كەتتىڭ ، دىگىنە قانداق قىلىپ پۇل تاپتىڭ ؟
بى : ناھايتى ئاسان ، پۇلى بار بىرسى بىلەن ھەمكارلاشتىم  ، ئۇ پۇل مەبلەغ سالدى ، مەن پۇل تېپىش تەجىرىبەمنى مەبلەغ سالدىم.
ئا : ئاخىردا قانداق بولدى ؟
بى : ئاخىردا نىمە بۇلاتتى ،  مەن پولغا ئېرشتىم ، ئو پۇل تېپىش تەجىربىسگە ئېرشتى


بالا : دادا قۇرالنىڭ يېرىم ئاپتۇماتىك ۋە تۇلۇق ئاپتۇماتىك دىگىنى قانداق گەپ زادى ؟
دادا ئۇيلىنىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ ھەم بالامغا  ئۇدۇل دېسەم چۆشەنمەيدۇ ئەگىتىپ دەي دەپ مۇنداق چۆشەندۈرۈپتۇ :
مەسلەن : قۇرال دېسەك  ھەم قۇرالنى سېنىڭ گەپ قىلشڭغا ئوخشاتساق ، يېرىم ئاپتۇماتىك قۇرال مېنىڭ  گەپ قلىشمغا ، پۈتۈن ئاپتۇماتىك قۇرال ئاپاڭنىڭ گەپ قىلشىغا ئوخشايدۇ ! چۆشەندىڭمۇ  !

 


خىنىم بۇنى ساتقىلى بولمايدۇ…….
بىر قىز كۈندىلىك بۇيۇملار ماگىزىنىغا كىرىپ   پۇت قۇل مۇسكوللارنى ئۇۋلايدىغان ماشىنا سېتىۋېلىپ ياشنىپ قالغان ئاتا ئانىسغا قۇربان ھېيتىلىق سوۋغا قىلىپ بەرمەكچى بۇلۇپتۇ . دوكان خوجاينى بەك ئالدىراش بۇلغاچقا  قىزچاققا ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن تاللاشنى تاللاپ كۆرۈپ بۇلغاندىن كېيىن چاقىرىشنى دەپتۇ .
قىز ھەممە نەرسلەرنى كۆرۈپ بىرسگە كۆزى چۆشۈپ  خۇجاينىغا دەپتۇ : “ خۇجايىن ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى يۇغان ئېغىزلىق قىزىل رەڭلىگىنى ئالاي ، نەچچە پۇل ؟
خۇجايىن قىز كۆرسەتكەن تەرەپكە بىر قارۋېتىپ خجىل بۇلغان قىياپەتتە : “ خېنىم ئۇنى ساتقىلى بۇلمايتتى ، باشقىلىرنى كۆرۈپ باقامسىز ؟
بۇ چاغدا قىز تىركىپ چالۋاقاشقا باشلىدى : “ ھوي ئادەم ! ساتمايدىغان نەرسىنى نىمە دەپ دۇكانغا تىزىپ قۇيغان ، ئادەمنى نىمە ئاخماق قىلىسز !
خوجايىن يەنە خىجىلچانلىق بىلەن : “ خېنىم ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ نەرسسى ئدى !
قىز ھەيران قېلىپ : ھۆكۈمەت ساراڭ بۇپ قالمىغاندۇ بىكاردىن بىكار دۇكىنڭىزغا سېتىڭ دەپ تىزىپ بىردىغان !
خۇجايىن : “ خېنىم مېنى كۈن ئالغىلى قۇيۇڭ ، ئۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكىنسى تورسا !
قىزنىڭ دىمى ئىچىگە چۆشۈپ كېتىپ يەنە چاندۇرماي: “ ئەمسە ئۇنىڭ قېشىدىكى ئاۋۇ  تامدىكى ئەينەك قۇتا ئىچدىكىنى ئالاي !“
خۇجايىن :  “ ۋاي، ئۇ دىگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارسىغا مەلۇم قىلشتا باسىدىغان كۇنۇپكا تورسا ”

follow-me-parody-taiwanese-couple-forrest-lu-agnes-chien-4


مال ساتقۇچىنىڭ ئاجايىپ سىرى
بىر ئۆي مۆلۈكچىلىك شىرىكىتى ئاي ئاخردىكى ئىلغارلارنى نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش يغىنى ئېچىپتۇ .
بىرىنجىسى : مەن 2 يۈرۈش ئۆي ساتتىم   ….  ھەممەيلەن چاۋاك چاپتۇ .
خۇجايىن : ياخشى ، 2000 يىۋەن مۇكاپات ..
ئىككىنجىسى :  مەن ئالتە يۈرۈش ساتتىم … خۇجايىن بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىمۇ چاۋاك چېلىپ كەتتى  .
ئۆچىنچىسى سەل كېكەشكەن : مەن مەن … مەن ،،،
خۇجاين : نىمە ساتالمىغان ئۇخشىمامسەن .
ئۆچنجىسى :   ئەل . ئەل . ئەللىك … نى سا .. تتىم   . 50 يۈرۈش ..
پۈتۈن مەيدان جمىپ كەتتى ، خۇجايىن ھەيران قېلىپ تالۇنلارنى تەكشۈرسە ھەقىقەتەن راسكەن ، خۇجايىن سۇراپتۇ :
ھەي ، سەن قانداق قىلىپ  بىر ئاينىڭ ئىچىدە 50 يۈرۈش ساتالدىڭ  ؟
ئۆچىنجىسى : ھېچ..ھچقا…ھېقانداق.. ق.. قىل.. قىلىماي.  ھەر…قې.،..قېتىم … خېر…دار..لار  ئالماي…مەن دې…سە ، مەن ئوب…دان ئوي….لى…شپ بې…قىڭ . مېن…ىڭ..گېپ…منى…ئاڭ…لاپ…ئان…دىن….قا…رار…قىلس…ڭىزمۇ….كېچەك…مەيس…سز….
خۇجايىن ۋە باشقا خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ گېپى تۈگەپ بۇلغىچە ئەسنەك تۇتۇپ ئوخلاپ قالغلى تاسلا قالدى ..


بىر چالا دوختۇر باركەن ، دائىم كسەل داۋالاسا  بىر ئىككى بىمارنى داۋالاپ ساقايتسمۇ لىكىن ئېغىر كېسەللەر كەلگەندە خاتا دىئاگونىز قۇيۇپ خاتا داۋالاپ جېنىغا زامىن بۇلىدىكەن .
ئالدىنقى قېتىم بىر ئادەمنىڭ ئۇغلىنى خاتا داۋالاپ قۇيۇپ جېنىغا زامىن بۇلۇپتۇ ، ئەرىز قلىشتىن قۇرقۇپ ئۆزنىڭ ئۇغلىنى  ئاشۇ خاتا داۋالاپ ئۆلتۈرۈپ قۇيغان بالنىڭ ئاتا ئانىسغا  تۆلەم قىلىپ بىرۋېتىپتۇ .
بۇ قېتىم  بىرسىنڭ قىزنى داۋالايمەن دەپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇپ ئاقۋەتتە يەنىلا قىزنى تۆلەم قىلىپ تۆلەش شەكلدە بىرۋېتىپتۇ .
بىر كۈنى ئاخشمى ئىشىكنى بىرسى قاتتق چىكپتۇ ،  دۇختۇر نىمىش بۇلدىكەن دەپ ئشكنى ئاچسا “ دۇختۇر ، ئايالىم  قاتتىق ئاغىرىپ قالغانتى ، بۇلالماي قالدى ، خاپا بۇلماي بىېرىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بۇپتكەن “ دەپ بىر ئەر چىرايى سۇلغان ھالدا دۇختۇر يالۋۇرۇپ تۇرغان . بۇ چاغدا دۇختۇرنىڭ ئايالىمۇ ئۇيغۇنۇپ كېتىپ سىرتقا چقىپتۇ ھەمدە ئېرىدىن : ھە نىمىش بۇلدى دەپ سۇراپتۇ ؟  دۇختۇر  بۇ چاغدا قاپىقىنى تۈرۈپ ئايالىغا ھومىيىپ قاراپ تۇرۇپ : “ نىمىش بۇلاتتى ،  ئەمدى بۇ قېتىم باشقىلارنىڭ كۆزى ساڭغا چۆشۈپتۇ …“

follow-me-parody-taiwanese-couple-forrest-lu-agnes-chien-5


مەسەتلىكتىكى گەپ
ئىككى مەست تازا ئىچىپ كەيپى تۇتقاندا تاغدىن – باغدىن سۆزلەشكە باشلاپتۇ:
_ سەتەڭ قىز – چوكانلار بار يەرگە بېرىپ ئويناپ كەلمەمدۇق؟
_ نەدىكى گەپنى قىلمىغىنە، قىز – چوكان دېگەن ئۆيدە بارغۇ.
_ ئۇنداق بولسا ياخشى گەپقۇ، يۈرە سىلەرنىڭ ئۆيگە بېرىپ كۆڭۈل ئاچايلى


 

كەچتە يېتىشنىڭ ئالدىدا  چىش چوتكىلايدىغان ياخشى ئادىتىم باردە…… قايسى كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئەمدى چىش چوتكىلاي دەپ تۇرغاندا ،تۇيۇقسىزلا توك كېتىپ قالدى.ئۆيدە شاممۇ يوق،تېلىفوننىڭمۇ توكى تۈگەپتۇ…… مەن قاراڭغۇدا تازىلىق ئۆيىدە چىش پاستىسىنى تاپالمىدىم،ئاندىن ئايالىمدىن سورىدىم: 

-ھەي ،ياگاۋنى نەگە قويدۇڭ؟
-تۈگەپتىكەن،تاشلىۋەتتىم،ئاۋۇ ئىشىك تۈۋىدىكى خالتىدابۈگۈن يېڭى ئالغان بىرسى بار،شۇنى ئىشلەت!
قاراڭغۇدا سىپاشتۇرۇپ يۈرۈپ ،قېپىنى تاپتىم-دە،چىشىمنى چوتكىلاشقا باشلدىم،بىراق بۇ قېتىم ئالغان چىش پاستىسىنىڭ تەمى بەك كۈچلۈك ئىدى،ئايالىم سورىدىم:
-ھەي،بۇياگاۋ بەك پۇرىقى كۈچلۈك ئىكەنغۇ……
ئايالىم: -دورىلىق ياگاۋ ئىكەن.چەتئەلنىڭ دەيدۇ……
مەن ساراڭمۇ چەتئەللىك دىگەن دەپ غودۇراپ يۈرۈپ چوتكىلاپ بولدۇم. ئېغىزىمنى چايقاپ،يېڭىم بىلەنلا سۈرتۈپ ،ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ قاقشىدىم: -بۇدا بۇنداق كۈچلۈك تەملىكنى ئالمىغىنە،ئېغىزنى ئېچىشتۇرۇپ…… دەپ تۇرۇشۇمغا توك كېلىپ،چىراق لاپپىدە ياندى،ئايالىم ماڭاقاراپ:
-ئا~-دىگىنىچە ھوشىدىن كەتتى……
مەن ھودۇقۇپ ئۇنى شاپىلاقلاپ ئويغاتتىم:
-نىمە بولدۇڭ؟
ئايالىم: -ئاغزىڭ……ئاغزىڭ……
ئەينەككە قارىسام، ئاغزىم، چىشىم قاپقارا بوپ كېتىپتۇ……
تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ،ھەممىنى چۈشەندىم……ئەسلىدە قاراڭغۇلۇقتا قارا ئاياق مىيىدا چىشىمنى چوتكىلاپتىمەن……
خەپ دەيمەندە…… نەچچە كۈنگىچە ئاغزىمنى ئېچىشتۇرۇپ يۈردۈم……
ئويلىساملا  يىغا تۇتىدۇ دە …… خەپ


 

ئاغىنەم سەيياھنى بىلىىسلە ئالدىنقى كۈنى تاكسىغا چىقىپ بىر يەرگە باردۇق، يېتىپ كەلگەندە پۇلنى مەن تۆلەيمەن دەپ تۇرىۋالدى، تاكسىچى 15كوي چىقىپتۇ دەپ ئېكراننى كۆرسەتسە بۇ ئاداش5كوي چىقىرىپ تاكسىچىغا تەڭلىدى -باھا ھېساپلىغۇچقا قاراڭ، 15كوي چىقىپتۇ دەۋاتىمەن -ئاكا، مېنى ساراڭ تېپىۋاتاملا؟ بىز تاكسىغا چىققان چاغدىلا 10كوي ئىكەنتۇق، ئۈستىكى 5كوينى بەردىميا؟ مەكتەپتە ئوقۇمىغان دەپ بوزەك قىلمىسىلا جۇما ئادەمنى.- دەپ ئالايغىنىچە ئىشىكنى گۈم قىلىپلا چۈشۈپ كەتتى


 

بىر كۈنى قاتناش ساقچىللىرى شەھەردىكى بىر يولدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ. شۇ چاغدا بىرەيلەن ماشىنىنى ھەيدەپ بۇ يەردىن ئۆتىۋاتسا، بىر قاتناش ساقچىسى ئۇ ماشىنىنى تۇسۇپ: مۇبارەك بولسۇن ئەپەندىم! سىز مۇكاپاتلاندىڭىز، سىز بۈگۈن بۇ يول ئىغىزىدىن مىڭىنجى قىتىم ئۆتكەن تەلەيلىك شوپۇر بولدىڭىز دەپتۇ          ۋە ئون مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاپتۇ. ئاندىن: سىز بۇ پۇللارنى نىمگە ئىشلەتمەكچى؟ دەپ سۇراپتىكەن، ئۇ ئادەم: مەن بۇ پۇلغا پىراۋا ئالايمىكى دىيشىگە، ياندا ئولتۇرغان ئايالى جىددىيلىشىپ: ساقچى ئەپەندىم ئىرىمنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماڭ، ئۇ بۈگۈن سەل جىق ئىچۋالغانتى دەپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ساقچى: ئۇ ئادەمنى بىلىكىدىن تارتىپ تۇرۇپ، پىراۋاڭ يوقمىتى؟ تىخى ھاراق ئىچتىڭ دىگىنە؟ چۈشە ماشىندىن دەپ تارتىۋاتسا، ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان قۇلىقى ئېغىرراق ئاپسى: ئوبدان ساقچى بالام ئۇنداق قىلماڭ، بىر قىتىم رەھىم قىلىڭ، ئوغلۇم بۇندىن كىيىن ماشىنا ئوغۇرلىمايدۇ دىگۈدەك.


 

 

خەقنىڭ سۈرەتلىرى

3 - 副本1

 

مېنىڭ سۈرەتلىرىم

1 - 副本

打赏
(3)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ