ئۇنىڭ بىلەن 50 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق سۈرەتكە چۈشەلەمسىز؟

سۆرەتلىك دۇنيا alma 997℃ 0

0

ئۇنىڭ بىلەن 50 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق سۈرەتكە چۈشەلەمسىز؟

 

تۆۋەندە چەتئەللىك تورداشلار ئېلان قىلغان ئۆزلىرىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە چۈشكەن بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى سۈرەتلىرى. سۈرەتلەردىكى كىشىلەر نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىللارنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرگە مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.

سۈرەتلەرگە قوشۇمچە قىلىپ، ئۈندىدار چەمبىرىكىدىن تېرىۋالغان مۇھەببەت ھەققىدىكى مەلۇم بىر يازمىنىڭ بىر قىسمىنى سۇندۇم. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېنىڭىزدىكى ئادىمىڭىزنى قەدىرلەڭ، دېمەكچى. بەلكىم تۆۋەندىكى يازما بۇ سۈرەتلەرگە بەكمۇ ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق سۈرەتلەرنى كۆرگەندە، ئۆزىڭىزنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئەللىك يىلدىن كېيىنمۇ بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشنى ئويلاۋاتقانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

———————— 

مەن بىر قانچە كىشىنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىدىم، ئەمما كۆپىنچىسى ئاخىرىدا ياخشى كۆرگەن ئاشۇ ئادىمىدىن نەپرەتلىندىكەن. مەن ھەيران بولۇپ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى سورىدىم . ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۇ مېنى ئالدىدى دېدى. يەنە بەزىسى مەن ئۇنى ئۇزۇن كۈتتۈم، بىراق ئۇ ماڭا كۆڭلىنى بەرمىدى دېدى. يەنە بەزىسى ئۇ مېنىڭ سۆيگۈمگە خىيانەت قىلدى دېدى. يەنە بەزىسى بولسا ئۇ مەندىن يۈز ئۆرىدى دېدى. ئەمما مەن يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ نەپرەتلىرىنى ئورۇنسىز دەپ ئويلىدىم، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى ھەقىقىي دەپ قارىمايمەن، ئەگەر ئۇلاردا ھەقىقى سۆيگۈ بولغان بولسا نەپرەتتىن ئېغىز ئاچمىغان بولاتتى، شۇنداقلا يەنە ئازابتىنمۇ ئېغىز ئاچمىغان بولاتتى. 

مۇھەببەت مېھىر بىلەن باشلىنىپ قىيالماسلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، نەپرەت بىلەن ئەمەس. ئەجىبا ئۇ سىزنى ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇرلىدىمۇ؟ سىز ئۇنى ئۆزىڭىز خالاپ ياخشى كۆرگەن، شۇڭا مېنىڭچە بولغاندا نەپرەتلىنىش سىزگە ھەقلىق ئەمەس، ئەلۋەتتە ئۇ سىزنىڭ سۆيگۈڭىزنىڭ قەدرىگە يەتمىدى خالاس. ھەممىدىن ئېشىپ كەتكىنى 2 يىل، 3 يىل، ھەتتاكى 5 يىل ئارلاشقان بىر جۈپلەر ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقتىدا بىر بىرىگە قارىماس بولۇپ كېتىدىكەن. ئەجىبا ئۇلار بىردىنلا ئادىمىيلىكىدىن چىقىپ كېتەمدىغاندۇ؟ بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆتكەن ئاشۇ گۈزەل چاغلارنى شۇنداقلا ئۇنتۇپ كېتەمدىغاندۇ؟ بىر بىردىن شۇنداقلا يۈز ئۆرۈمدىغاندۇ؟ قىسقىسى ئۇلاردا ۋىجدان بارمىدۇ؟ ئوتتۇرىسىدىكى ئاشۇ ئەسلىمىنىڭمۇ يۈزىنى قىلىپ قويمامدىغاندۇ؟ بىر بىرىنى ھاقارەتلەپ كېتىشلىرىچۇ تېخى، ئۇنداق ئاتالمىش مۇھەببەتنى سۆرەپ چىقىپ مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكىنى، قىممىتىنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 

(1)

(2)

(3)

(4)

(5)

(6)

(7)

(8)

(9)

(10)

(11)

(12)

(14)

(15)

(16)

(17)

(18)

(19)

(20)

(21)

(22)

(23)

(24)

(25)

(26)

(27)

(28)

(29)

(30)

(31)

(32)

(33)

(34)

(35)

(36)

(37)

(38)

(39)

(40)

(41)

(42)

(43)

(44)

(45)

(46)

(47)

(48)

(49)

(50)

(51)

(52)

(53)

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ