قورقىدىغان بولۇپ قالدىم (نەسىر) ئاۋازلىق ئەسەر

ئاۋازلىق ئەسەر alma 2939℃ 0

8e202bcb654cb78

قورقىدىغان بولۇپ قالدىم

تۇرسۇنجان ھەسەن 

(نەسىر)

      مىكرافون ئالدىدا: مېھرىئاي مۇختەر

      مەن قانداق ئويغىنىشىم كېرەك؟ ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن، قىلغان گەپ-سۆزلىرىمدىن، سۈرگەن خىياللىرىمدىن، ھەتتا چۈشۈمدە كۆرگەنلىرىمدىندىنمۇ خۇدۇكسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. خۇدۈكسىرەش-قورقۇنچانلىقنىڭ ئالامىتى. مەن نېمىدىن قورقىمەن؟ بىر چاغلاردىكى «مېنىڭ جان قەرزىم بار، بالىلىرىمغا نان قەرزىم، ئۇندىن باشقا ھېچكىشىگە قەرزىم يوق» دەپ كۆرەڭلەپ ياشايدىغان چاغلىرىم قەيەرگە كەتتى؟! راست گەپنى قىلسام مەن ھەممە نەرسىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ئالدى بىلەن يوقۇرى قان بېسىمى بىلەن دىيابېت كېسىلىدىن قورقۇپ، دوختۇرلارنىڭ ۋەھىمىيلىك ئاگاھلاندۇرۇشلىرىدىن، دورا-ئوكۇللارنىڭ پايدا قىلماسلىقىدىن، ئەگەشمە كېسەلىكلەرنىڭ پەيدا بولۇپ جېنىمنى ئېلىشىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.

      كېيىن ئاغىنە بولۇپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ گەپ توشۇپ كىشىلەرگە يامان كۆرسىتىشىدىن پەيدا بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ناچار ئىللەتگە كۆمۈلۈپ كەتكەن ئادەملەر ئارىسىدا ياشىماق بارغانسېرى تەس كېلىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئادەملەرنىڭ ئىنسابىنى تىلەپ قولۇمدىن كېلىدىغان ياخشىلىقلارنىڭ ھەممىسىسىنى قىلىپ كەلدىم. قىلغان ياخشىلىقلىرىمغا يامانلىق يانغان بولسىمۇ، كۆڭلۈمگە ئالماي ياشاپ كەلدىم. بارغانسېرى ھەممە ئادەمدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ناتۇنۇش نۇمۇردىن كەلگەن تېلىفۇننى ئالمايدىغان، تۇنۇشلارغىمۇ تېلىفۇن قايتۇرمايدىغان، ھەتتا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلارغا يۈرەكلىك بارالمايدىغان، ئادەملەردىن قېچىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم.

      مەن ھەممە ئادەمدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. ھەممە ئادەم كۆزۈمگە گۇمانلىق كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى، يېقىن ئۆتىدىغان ئادەملىرىم سۇخەنچىگە، ئالدامچىغا، قۇيمىچىغا ئايلىنىپ كەتتى. مەن ئۇلار بىلەن قىيامەتلىك دوستلاردىن بولۇشقا ئەھدىلەشكەن ئىدىم. ئادەم ئىشەنگەن ئادەملىرىدىن زەربە يېسە ھېچنېمىگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئىشەنچىسىز نەرسىلەردىن قورقۇپ ياشاش ئەمدىلىكتە مېنىڭ ھاياتلىق ئۇدۇمۇم بولۇپ قالدى. تەنھالىق ئازابلىق بولسىمۇ ۋاپاسىز، ساپاسىز ئادەملەرنىڭ سالغان ئازابىدىن ھۇزۇرلۇق بولىدىكەن. كۆڭۈل سۆزلىرىمنى تەشتەكتىكى گۈللەرگە ئېيتىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالىمەن. كۆزۈمنىڭ قۇربى يەتسىلا كىتاب ئوقۇيمەن. كىتابلاردىن ھۇزۇر ئالىمەن. ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرىمەن. يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلب سىرىمنى بىلگەندەك چىرايلىق جىلمىيىدۇ، دەريالار قەلب ئۆركەشلىرىمگە ئەسرا بولۇپ ئۆركەشلەيدۇ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى خەستە دىلىمغا ئارام بېرىدۇ. سۇبھىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ھايات مۇساپەمنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئادەملەردىن رەنجىگەن كۆڭلۈم تەبىئەتتىن ھۇزۇر ئالىدۇ.

      مەن ھەممە ئادەمدىن قورقۇپ ياشايمەن. ئەسلىدە ئادەملەردىن قورقمىسام، ئۇلارغا مېھىرى-مۇھەببەت ئاتا قىلسام، مۇھەببەت پەيزىگە چۆمۈلۈپ قىسقىغىنە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرسەم ياخشى بولاتتى. مەن بىلەن ئارىلاشقان ئادەملەر مەندىن پايدا كۆزلەيدىكەن، مېنىڭدىن پايدا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن مېنى تاشلاپ كېتىپ قالىدىكەن. مەن ئادەملەردىن مېھرى-مۇھەببەت تىلىسەم، ئۇلار مەنستمەسلىك، كۆزگە ئىلماسلىق، نەپرەتلىنىش بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدىكەن. مەن مۇھەببەتلىك ئادەم، مۇھەببەتلىك دۇنياغا مۇھەببەت بىلەن يارالغان، مېنىڭ بايلىقىم مۇھەببەت، مۇھەببەتسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. ئادەملەردىن ئالالمىغان مۇھەببەتنى گۈللەردىن، قۇشلاردىن، سۇلاردىن، يۇلتۇزلاردىن، قاراڭغۇ تۈنلەردە ئايدىن، قۇتلۇق كۈنلەردە قۇياشتىن، ئارام كۈنلىرىمدە دولقۇنلۇق دەريا-دېڭىزلاردىن، يىراقتا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تاغلاردىن، مېۋىلىرى مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن باغلاردىن ئېلىپ كەلدىم. مۇھەببەت-مۇھەببەت بەرگۈچىنى قۇرۇق قول يولغا سالمايدۇ. مۇھەببەت ئىگىسى تەرىپىدىن ئىنسانغا بېرىلگەن كاتتا سوۋغات.

      مەن ئادەملەردىن قورقۇپ ياشايمەن. ئەسلىدە ئادەملەردىن قورقماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتىن، دىلىنى رەنجىتىشتىن، روھىنى زېدە قىلىشتىن، ئىشەنچىسىنى سۇندۇرۇپ تاشلاشتىن قورقىمەن. ئادەملەر مېنىڭ قەلبىمنى يارا قىلغاندا، خەستە دىلىمنى رەنجىتكەندە، تۇنجى سۆيگەن قىزىمدىن ئايرىغاندا، رىزقىمغا چاڭ سالغاندا، ھاقارەتلەپ ئەدىپىمنى بەرگەندە، شان-شەرىپىمنى دەپسەندى قىلغاندا، كىشىلىك ھۇقۇقۇمنى مەنسىتمىگەندە…مەنمۇ كۈلۈپ قويغان ئىدىم. مانا ھازىر كىشىلەرگە كۈلۈپمۇ ياخشى بولغىلى بولمايدىغان، تەبەسسۇم قىلىپمۇ مەنپەئەت ئالغىلى بولمايدىغان، ئىشىنىپمۇ گەپ قىلغىلى بولمايدىغان، مەسلىھەت ئالغىلى، قايغۇ-ھەسرەتلىرى بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئادەملەردىن قورقماي كىمدىن قورقىمەن؟!

      مەن ئادەملەردىن قورقۇپ ياشايمەن، ئەمما، ئادەملەردىن ئىنساپ تىلەيمەن. ئادەملەر مەنپىئەتنىڭ قولىغا ئايلىنىپ كەتتى. پايدا ئۈچۈن ھەرقانداق ئەسكىلىكنى قىلىشتىن يانمايدىغان، شاراب ئورنىغا قان ئىچىپمۇ قانمايدىغان، مۇناپىقلىق قىلىشنى ھاياتنىڭ ھەققىي مەنىسىنى دەپ قارايدىغان، غۇرۇرسىز-ۋىجدانسىز ياشاشنى شەرەب ھېسابلايدىغان بولۇپ كېتىشتى. ھەممە نەرسە ئۆزگىرىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسان بالىلىرى ئۆزلىرىنى گۇمراھلىققا تۇتۇپ بەرمەكتە. كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان، ئىنسان روھىنى بېيىتىپ تۇرىدىغان نەرسىلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بولۇپ قېلىشتتى. بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن، تۇنۇش-نىلىشلىرىدىن، ئۇستازلىرىدىن رەنجىيدىغان بولۇپ كەتتى. ساختا ئادەمگەرچىلىك ئۇچىغا چىقتى.

      مەن ئادەملەردىن قورقۇپ ياشايمەن. ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېسابلايدىغان ئادەملەرنىڭ بىچارىلىكى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بەختسىز ئادەملەردىن نېمىشقا قورقمىغۇدەكمەن؟! ھۇقۇق-پۇل سودىسى، ھۇقۇق، پۇل ئىپپەت سودىسى، ھوقۇق-پۇل-ھېسسىيات سودىسى قىلىشىۋاتقان بىچەرە ئادەملەر نېمەدېگەن بەختسىز ھەئە؟! مەن ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېسابلايدىغان بەختسىز ئادەملەر ئىچىدە ياشايمەن. مەن بەختسىز ئادەملەردىن بەك قورقىمەن. ئۇلارنى بەختسىزلىك ئازابىدىن قۇتۇلۇپ كەتسىكەن دەپ ئويلايمەن. بۇ دۇنيادا ئادەملەرگە ئازغىنە بەخت، ئازغىنە ئامەت، ئازغىنە بايلىق بېرىلگەن…ئادەملەر ئازلىرىنى تولۇقلاپ بولغۇچە بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالىدۇ. ئادەملەرگە ئازار بەرگۈم يوق، ئادەملەرنىڭ دىلىنى رەنجىتكۇم يوق، ئادەملەرنى ئازابلاپ ھۇزۇرلانغۇم يوق، قىسقىسى، ئادەملەردىن قورقۇپ ياشاشقا رازىمەنكى، ئادەملەرنىڭ بەختسىزلىكىگە بەختسىزلىك قوشقۇم يوق…

      مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

       


       

      گۈلجاھان مېدىيەسىدە ئاۋازغا ئېلىندى

      维吾尔语频道_4301

      打赏
      (28)or(0)
      باھا يېزىش
      بولدى قىلاي!
      چىراي ئىپادىسى
      تىزىملىتىڭ

      كىرىڭ

      شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

      كىرىڭ

      تىزىملىتىڭ