37 يىللىق ھاياتىمدا بىلگەن 37 ئىش

تەرمىلەر alma 1039℃ 0

105053d1a3bbi28t18s511

37 يىللىق ھاياتىمدا بىلگەن 37 ئىش

ئاپتورى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد(ئەرتۈرك)

يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، قېرىپ كېتىۋاتىمەن. بۇنى ئانچە ئويلاپ كەتمىگەنىدىم ھەم ۋاقىتنىڭ بۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانىدىم. قېرىش داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ ئىش شۇكى، ھەر يىلى ئۆزگىرىۋاتقان ئۆزەم بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھالغا كەلدىم. بىر ئىشنى قارار قىلسام ئىشەنچ بىلەن قارار قىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدىغان بولدۇم. يىللاردىن بۇيان جۇغلانغان ھايات تەجرىبىلىرىمنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بالىلىرىمغا تۇرمۇشتىن دەرس بېرىش ئۈچۈن بۇ قۇرلارنى يازدىم. 37 يىللىق ھاياتىمدا بىلگەن 37 ئىش تۆۋەندىكىچە:
1. ئاجىزلىقىڭىزنى كۆرسىتىشتىن ئەنسىرىمە. بەزىدە ئۆزەڭنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن يىغلاپ ئىچىڭنى بوشىتىۋېلىشىڭ مۇمكىن. بۇ ئېھتىمال ئەڭ ياخشى ئىشتۇر، يىغلىيالايدىغان بولۇش سېنى كۈچلۈك قىلىشى مۇمكىن.
2. مۇكەممەللىك قوغلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلما. ساڭا ئۇنداق ئىمكانىيەت يوقتۇر. ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىلىكى بار. كەمچىلىكلىرىڭنى ئۈستۈڭگە ئال، چۈنكى كەمچىلىك سېنىڭ بىر قىسمىڭدۇر ۋە سېنى چىن ئىنسان قىلىدۇ.
3. ئۆزەڭ بول، خەقنى دورىما.
4. ئاغرىپ قالغاندا ياكى ئۆلۈش ئالدىدا دۇنيالىق ئىشلىرىڭ، چوڭ بىلگەن كەسپىڭ ساڭا ئارا تۇرالمايدۇ. ھەر قاچان قولۇڭدىن كېلىدىغان ئىشنى قىل ھەمدە بۇ ئىشنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالما، ئۇ ئىش ئۈچۈن ھەممە نەرسەڭنى دوغا تىكمە.
5. ئالدىرىما، بىر دەملىك پەيتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈر. چۈنكى ھېلى بولغان ئىش ھېلى يوق. ھەممە نەرسە ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشقا ۋاقىت چىقار.
6. ئۆزەڭنى ھەرگىز باشقىلارغا سېلىشتۇرما، ئۇلارنىڭ قانداق ياشىغانلىقى، قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمەيسەن، ئۇلارمۇ سېنىڭ ھاياتىڭ ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدۇ.
7. باشقىلارغا يەنە بىر قېتىملىق پۇرسەت بېرىشكە تىرىش، چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پۇرسەتكە ئېرىشىش ھەققى بار، ئەمما ئۈچىنچى قېتىملىق ھەققى يوق.
8. قانچىلىك ئاچچىق بولسا بولسۇن، سېنى ئۆلتۈرمىگەن نەرسە سېنى كۈچلەندۈرىدۇ.
9. قەرزدار بولۇپ قالما، چۈنكى قەرزگە كىرمەك ئاسان بولغىنى بىلەن، قۇتۇلماق تەس.
10. ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن كارى يوق، شۇڭا بىر كىملەرنىڭ ئائىلىسىنى دورىما.
11. ياق دېيىشنى ئۆگەن، بەزىدە ياق دېيىش پايدىلىق.
12. ئۆزەڭنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن باشقىلارنى رەنجىتمە، زوراۋانلىق قىلما ھەمدە بىر كىمنىڭ ساڭا زوراۋانلىق قىلىشىغا يول قويما.
13. بىرەر كەسىپ قىلماقچى بولساڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىڭنى قىل. بۇ ئىشىڭغا كەتكەن ۋاقتىڭغا رازى بول ھەم ئىشىڭدىن زوقلان، پۇلنى جىق ئويلاپ كەتمە. سېنى خوش قىلالىغان ئىش پۇل بېرەلىگەن خۇشاللىقنىمۇ بېرەلەيدۇ.
14. بىرسى سېنى ئىناۋەتتىن چۈشۈرىمەن دېسە، سېنى خەقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرمايدۇيۇ، ئارقاڭدىن سېسىتىشقا تىرىشىدۇ. كارىڭ بولمىسۇن، سەندىن نەپرەتلەنسە نەپرەتلەنسۇن، ھەسەت قىلسا قىلسۇن.
15. باشقىلارنى باشقۇرىمەن دېمە، سەن پەقەت ئۆزەڭنىلا باشقۇرالايسەن.
16. مۇھەببەت ھەممىدىن ئەلا ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىل.
17. كىتاب ئوقۇ، بىر كىتابقا بېرىلىپ ئۆزەڭنى ئۇنتۇپ كېتىش ئەڭ بەلەن ئىشتۇر.
18. بىرسى سېنى ياخشى كۆرسە سېنى ئاۋارە قىلمايدۇ.
19. ياشاپ باقمىساڭ بىلمەيسەن، سىناپ بېقىشتىن قورقما.
20. ئۆزەڭنى كۆز-كۆز قىلما. ھەيدىگەن ماشىناڭ، كىيىۋالغان ماركاڭ، ياسىداق ئۆيۈڭ نېمەڭنى كۆرسىتىپ بېرەتتى؟ ئاددىي ساددا بول.
21. ئىجادكارلىقىڭنى پەرۋىش قىل، بۇ سېنىڭ روھىڭ ئۈچۈن زۆرۈردۇر. چىقىش يولۇڭنى تاپ.
22. كېلىشمەسلىكلەر كېلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يىقىلغاندا ئورنىدىن تۇرۇشنى بىلىشتۇر.
23. سەمىمىي بول، جاھاندا يالغانچىلىقتىن ئۆتە يامان ئىش يوق.
24. ئۆزەڭنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە بېقىپ ئۆلچىمە.
25. دۇنياغا نەزەر سال، نە قەدەر گۈزەل! ساياھەت قىل، ئۆزەڭ ۋە باشقىلار ھەققىدە نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىسەن.
26. ھۆرمەت تەلەپ قىل، ئەگەر بىرسى سېنى ھۆرمەت قىلمىسا ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلەشمە.
27. ھەر قاچان ياخشى ئىنسان، نوچى ئىنسان بولالمايسەن، ناچار يەرلىرىڭ چىقىپ قالىدۇ، بۇ تەبىئىي ئەھۋالدۇر.
28. خاتالىقلار، سەۋەنلىكلەر ئىبرەت ۋە ساۋاق ئېلىش يولىمىزدۇر. خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقما.
29. كىشىلىك ھايات بىر سەپەردۇر، بارىدىغان مەنزىلنى تولا ئويلىماي سەپەرنىڭ ئۆزىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بول.
30. كىچىك ئىشلارنىمۇ تەبرىكلە، ياخشى كىيىنىپ، ياخشى تاماق يە، بىر ۋاقىتنى يەنە بىر ۋاقىت ئۈچۈن قۇربان قىلما، چۈنكى ئۇ ۋاقىت بەلكىم مەڭگۈ كەلمەسلىكى مۇمكىن.
31. ياخشى كۆرىدىغان ئادەملىرىڭ بىلەن كۆرۈشكىن، مۇڭداشقىن، قۇچاقلاشقىن. ئېرىڭنى (ياكى ئايالىڭنى) قۇچاقلىغىن، سۆيگىن. مۇھەببەت بىلەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتقىن.(مەمنۇن سالونى) ئىللىق سەزگۈلەر ھارغىن، خاپا كۆڭۈللەرنىمۇ تەسكىن تاپقۇزىدۇ.
32. سىرتلارغا چىق، ساپ ھاۋا ۋە كۈن نۇرى گويا تاماق، سۇ، ئۇيقۇغا ئوخشاش زۆرۈردۇر.
33. كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىڭدە كۆيۈمچان، مەرت بول، بىر كىمدىن بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەلمىسەڭ، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن.
34. يېقىن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش دوستلىرىڭ بولسا، ئۆزەڭنى تەلەيلىك ھېسابلىساڭ بولىدۇ. ئاز بولسىمۇ بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان چوڭقۇر دوستلۇق، كۆپ ئەمما پۈچەك دوستلۇقتىن ئەلادۇر.
35. سەن ئۆزەڭنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك ئىنسانسەن، ئۆزەڭنى ئاجىز ھېس قىلىدىغان چاغلىرىڭ بولىدۇ، ئەمما كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭنى ئۇنتۇپ قالما.
36. ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىڭ بار. ھېچنېمىنى بىلمەيدىغانلىقىڭنى ھېس قىلغىنىڭدا ھەقىقەتەن پىشىپ يېتىلگەنلىكىڭنى چۈشىنىسەن.
37. كىچىك نەرسىلەردىنمۇ گۈزەللىكنى بايقا، ئاجايىپ كۈنلىرىم كېلىدۇ دېگەن خام تامادا بولما ۋە ئۇ كۈن ئۈچۈن ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلما. بۈگۈننىڭ، شۇ پەيتنىڭ، ھازىرنىڭ قەدرىنى بىل. بىر ياز ئاخشىمى يۇلتۇزلارغا قاراپ، بالىلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلۈمسىرەشنى كۆرۈپ شادلان(مەمنۇن سالونى). ھاياتىڭنىڭ بۇ ھەقىقىي ۋە گۈزەل پەيتىنى چىڭ تۇت!
ئاپتورى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

 

打赏
(4)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ