نورۇزنامە )روزى سايىت(

ئەدەبىيات alma 3062℃ 0

نورۇزنامە

روزى سايىت


 

بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن بايرام، بۈگۈن شاتلىق.

نورزدا كۆڭلىكىز خوشاللىققا،

ئارزۇلىرىڭىز ئۈمۈتكە تولسۇن.

.دوسلىرىڭىز خۇشال بولسۇن،

دۇشمەنلەر ھەسەتتە قالسۇن.

مىللەت ئەنئەنسى بىشىڭىزدا

ئۇيغۇر دوپپىسى بولسۇن.

 012

بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر،

بۈگۈن نورۇز _ باھار ھەر ياندا جەۋلاندۇر.

بۈگۈن نورۇز _ شىپاسى جانغا دەرماندۇر،

چېچەك – چوكان پۇتاق – شاخلاردا سەيلاندۇر.

بۇ نورۇز _ يىل بېشى، قىش ئەمدى سەرساندۇر.

زېمىن، تاغ، سۇ… ئۆزىگە خاس ”پىچىر“ قىلغاي،

قىياق – چىملاردىمۇ سەزگۈ _ ”غىچىر“ قىلغاي.

قاناتلىقلارمۇ كۈيلەشتە ”ۋىچىر“ قىلغاي،

ھايات شۇنداق تىنىمسىز بىر ئۇچۇر قىلغاي.

ئۇچۇركى يىل بېشى ھەر ئىشقا ئىمكاندۇر.

格式工厂我 (7)

بوۋاقلار پاختىلىق ئىشتانىدىن ئازاد،

بوۋايلار مەش – ئوچاقلىق خانىدىن ئازاد.

كېلىنلەر ئوت يېقىش ئالۋانىدىن ئازاد،

تاغار، كەتمەن، ساپان ”زىندان“ىدىن ئازاد.

بېسىقماس ئەمدى ”ھۇش – تاپ!“ تاڭلا خاماندۇر.

ھېلىتىن نەۋرىلەر ئوغلاقچىلاپ تاقلاپ،

تېرىپ كۆك _ ”يېڭىلىق“نى بۆكىدە ساقلاپ.

”سۆيۈنچەڭنى چىقار!“ دەپ، چوڭلىنى يوقلاپ،

يېشىللىق تەبىرى زوقىدا دىل توقلاپ.

قۇچاقتا ئەركىلەپ ھەر ئۆيدە مېھماندۇر.

格式工厂我 (10)

يەنە بار: شوخ، زېرەكلەر بەكىنى چاقلاپ،

چىۋىق – تالنى كېسىپ سىرت پوستىنى ئاقلاپ.

ياساپ نەي، پۈۋلىشىپ خۇشلۇقتا ئويناقلاپ،

جېنى پاتماس ئىچىگە كۈلسە ”قاق – قاق“لاپ.

بۇ نورۇز شوخلۇقى _ شاد، غەلۋە – غەلياندۇر.

كىچىك قىزلار قىلىپ چاچ قىرىق ئۆرۈم تالنى،

سىقىپ ئوسما، قارايتىپ قاش، چېكىپ خالنى.

قۇلاقىغا قىسىپ غۇنچە _ قىزىل، ئالنى،

باھاردىن رەڭ تۈزەپ دورايدۇ ”ناز – ھال“نى.

بۇ دوراش بەك ئوماق، چوڭلارمۇ ھەيراندۇر.

يىگىت – قىزلارمۇ راستلاپ كەڭ – كۇشادە سەينا،

يېشىل مەۋسۇمغا خاس مەشرەپ تۈزەر ئەينا.

قۇچار كۆكنى بۇ سۆز: بوش كەلمىگىن، ئوينا،

ھېرىش مەردلەرگە يات، سازىڭنى چال، قاينا…

بۇ نورۇزلۇق مۇھەببەت، سۆيگۈ، ئارماندۇر!

013

قىزىيدۇ ئەتە نورۇزدا چەۋەندازلىق، دارۋازلىق،

چېلىشىش ھەم سېھىر، جانبازلىق.

بۇقا، قوچقار، خوراز، ئىت… ئىچرە جەڭۋازلىق،

ساما – مەشرەپ- ئۇسۇل، دىللاردا ھەمرازلىق.

بۇ، نورۇزغا تەئەللۇق كۈلكە – خەنداندۇر.

قىلۇر جەم ئۇشبۇ نورۇز مىڭلىغان باشنى،

بىرى داڭقان قازان، بىرى ئاسار داشنى.

گاداي، شاھ – بارچە تەڭ ئىچكەي تاماق – ئاشنى،

تىلەر قۇت يۇرتقا بەرىكەت، بىللە يايراشنى.

قەدىمدىن ئۇشبۇ ئادەت بىزگە قالغاندۇر.

گۈلجاھان مېدىيەسى

10

打赏
(16)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ