قاتىل يۇمۇرلاردىن تاللانما: بۇ دىگەن پاكىز چىۋىن

تەرمىلەر alma 1209℃ 0

 

9885883_093601478000_2 - 副本1

قاتىل يۇمۇرلاردىن تاللانما: بۇ دىگەن پاكىز چىۋىن

ھالقىلىق سۆزلەر: يۇمۇر، يومۇر، قىززىقارلىق، ھەجۋىي، yumur, yomur

يۇمۇر   ‏بىر مەس ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ يولدا  ئاران دەسسەپ كىتىۋاتسا   بىر چىۋىن  پىشانىسىگە  قۇنىۋاپتۇ بۇ مەس  چىۋىننى  ئۇچىرالماي  خەپ توختا   دەپلا بېرىپ  سىتولبىغا  بىرنى ئۈسسۈپ  بېشىنى يېرۋېلىپ :ھە ساراڭ چىۋىن     مەن بىلەن ئويناشساڭ   مۇشۇنداق   بېشىڭنى يېرىۋېتىمەن  دىگۈدەك.

كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئۆرە تۇرغان ھامىلدار ئايال , يان تەرەپتە ئولتۇرغان يىگىتكە : مىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىمنى بىلمەمسىز ?  دەپتۇ .ھىلىقى يىگىت جىددىيلەشكەن ھالدا : قورسىغىڭىزدىكى مىنىڭ بالام ئەمەستۇ دەپتۇ?


بىر موماي مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۇمىگە تىلىفۇن بەردى :دوختۇر , تىز كەلسىڭىز , بالام ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر يىڭنىنى يۇتۇۋالدى , يىڭنە ھازىر
ئۇنىڭ قورسىقىدا . بەك خەتەرلىك تىلىفۇننى ئالغان سىستىرا قىز دىدى :دوختۇر ھازىر بەك ئالدىراش , سىز ئۇ يىڭنىنى ھازىرلا ئىشلىتەمتىڭىز ?

 


خىرىدار : نىمىدىگەن جىق چىۋىن بۇ ?مۇلازىم : خاتىرجەم بولۇڭ , بۇ دىگەن پاكىز چىۋىن .خىرىدار : نىمە دىگىنىڭىز بۇ? مۇلازىم : بۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا بىزنىڭ ئاشپۇزۇلدا چوڭ بولغان .


مىھمان : بۇ ئىت نىمىشقا تاماق يەۋاتقان قاچامغىلا قارايدۇ ?مۇلازىم : بۇگۇن ئاشپۇزۇلدا ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا قاچا يىتىشمەي قالدى .مىھمان : بۇنىڭ ئىت بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار ?مۇلازىم : سىزگە تاماق ئەكەلگەن قاچا ئەسلى ئۇنىڭ ئىدى .


ئىمتىھاندىن تۆۋەن نومۇر ئالغانىدىم ، دادام قاراسلىتىپ مەيدەمگە ئىككى مۇش ئۇرۇۋەتتى ، دادامنىڭ پەيلى بەك يامانتى . مەن دادامغا خۇشامەت قىلاي دەپ ئويلاپ تاماق يىدىڭمۇ دەيمەن دەپ: -نان يىگەنما ،دەپ ساپتىمەن .شۇنىڭ بىلەن دادام بايىقىدىنمۇ بەكرەك ئۇرۇۋەتتى . ئويلىساملا كۈلكە ئارلاش يىغا تۇتىدۇ
——————————————————–

ساقچى:ئالتۇنلارنى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ؟

تەرجىمان:ئالتۇنلارنى نەگە يوشۇرۇپ قويدۇڭ؟

ئوغرى:مەن راستىنلا بىلمەيمەن.

تەرجىمان:مەن راستىنلا بىلمەيمەن.

ساقچى:ئىقرار قىل، بولمىسا ئېتىۋېتىمەن!

تەرجىمان:ئىقرار قىل، بولمىسا ئېتىۋېتىمەن!

ئوغرى:ئالتۇنلار ماشىنىنىڭ كەينىدە.

تەرجىمان:ئاتساڭ ئات، مەن ھېچنېمىنى بىلمەيمەن.

——————————————————–

ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺋﻮﻗوﺗﻘۇﭼﻰ: ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋۆﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩڭ ﺟﻪﺳﯩﺪىڭلاﺭﻧﻰ ﻛۆﺭۇﭖ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋۈﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ?
‏ﺋﻪﻣﻪﺕ: <<ﻫﻪﻱ, ﺭﻩﻫﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ>> ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ.
‏ﺳﻪﻣﻪﺕ: <<ﺑۇ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﺍﻧﺎ ﭘﻪﻳﻼﺳﻮﭖ ﺋﯩﺪﻯ>> ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ.
شۆھرەت: <<ﻗﺎﺭﺍڭلاﺭ! ﺋۇ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﺪﻯ>> ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻨﻰ.     

——————————————————–

‏ئا:ئاداش،ئاخشام بالىلىق ۋاقتىمغا قايتقاندەك بولدۇم جۇمۇ ب:ۋۇييۇ،بىرەر كارتون فىلىم كۆردۈڭمۇ ياكى بالاڭ بىلەن ئويۇنچۇق ئوينىدىڭمۇ؟ ئا:ياق ،بالىلىققا ئۇنىڭدىنمۇ يىقىن ئىش بولدى. ‏ب: نىمە ئىش ئەمىسە؟ ‏ئا:ئورنۇمغا سىيىپ قويۇپتىمەن! ب:يوقىلە كۆزۈمدىن

 


ئۆمۈچۈك كېپىنەككە ئاشىق بولۇپ قاپتۇ، لېكىن كېپىنەك رەت قىلىۋېتىپتۇ. ئۆمۈچۈك: – نېمىشقا، بۇ زادى نېمىشقا؟ كىپىنەك- ئاپام ماڭا ئەتىگەندىن كەچكىچە تورغا چىقىدىغانلار ياخشىلاردىن  ئەمەس دېگەن

——————————————————–

بىر كۈنى ئەتىگەندە دىلنۇر ئىرىغا قاقشاپتۇ.  دىلنۇر : كىيەي دىسەم كۆينىكىم قالماپتۇ.  ئىرى : ئىشكاپتا كۆينەكلىرىڭىز لىق تۇرمامدۇ؟  دىلنۇر : ھەممىسىنى كىيىپ بولدۇم، مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈپ بولدى. مەھەللىدىكىلەر كۆرمىگەن كۆينەك كىيگۈم بار ئىدى.  ئىرى : نەرسىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ.  دىلنۇر : نىمە قىلىسىز؟  ئىرى : باشقا مەھەللىگە كۆچۈپ كىتىمىز دىگۇدەك

——————————————————–

بىر  ئادەم باكەندە . ئىنتايىن باي بۇ ئادەم ساغلاملىق تەكشۈرتىپتىكەن. دوختۇر ئۇنىڭ  راك كېسىلى ئىكەنلىكىنى،  ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ئادەم ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ دەششەت قاتىلدىن بىرنى ياللاپ قاتىلغا :          — ھەي قارا،  مېنىڭ خۇشال ھالدا ئۆلگۈم بار. شۇڭا مەن خۇشال بولغان چاغدا ئۆلتۈرۋەت دەپ نۇرغۇن پۇل بېرىپتۇ. قاتىل بۇ ئادەم قاچان كۈلەكى دەپ كەينىدىن مېڭىپتۇ.          ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپتۇ. بۇ ئادەم يەنە تەكشۈرتۈپ باقايچۇ دەپ تەكشۈرتىپتىكەن. دوختۇر ئۇ ئادەمنىڭ ساقلىقىنى، ئۆتكەندە خاتا دىئاگنۇز قويۇلۇپ قالغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ئادەم ئىنتايىن خۇشال ھالدا تالاغا چىقىشىغا قاتىل گاچچىدە ئۆلتۈرۋېتىپتۇ.

——————————————————–

يۇمۇر   ‏بىر مەس ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ يولدا  ئاران دەسسەپ كىتىۋاتسا   بىر چىۋىن  پىشانىسىگە  قۇنىۋاپتۇ بۇ مەس  چىۋىننى  ئۇچىرالماي  خەپ توختا   دەپلا بېرىپ  سىتولبىغا  بىرنى ئۈسسۈپ  بېشىنى يېرۋېلىپ :ھە ساراڭ چىۋىن     مەن بىلەن ئويناشساڭ   مۇشۇنداق   بېشىڭنى يېرىۋېتىمەن  دىگۈدەك.

——————————————————–

 

——————————————————–

بىر بوۋاي پويىز بېلىتى ئالغىلى بېرىپ مۇلازىمەتچى قىزغا : ـــ بالام، ماڭا مۇشۇ قەشقەگە بارىدىغان بېلەتتىن بىژنى بەسىلە بوپتىكەن! ــ دەپتۇ، مۇلازىمەتچى قىز ئۇنىڭدىن : ــ ئۈستىنىڭكىنىمۇ ياكى ئاستىنىڭكىنىمۇ؟ ــ دەپ سورىسا، بوۋاي : ــ بالام، ئۇندا قىمماي ئىچىدە ئولتۇرىدىغىنىدىن بەسىلە! ــ دېگۈدەك.

——————————————————–

بىر كۈنى چەت بىر يېزىدىن بىر ئادەم شەھەرگە كىرمەكچى بۇلۇپ يولغا چىقىپ قارىسا ھىچ ماشىنا كەلمەپتۇ ،بىر ھازادا بىر كۆمۈر باسقان بىر ماشىنا كىلىۋاتقۇدەك ،ھېلىقى ئادەم تۇرۇپ كىتىپ بوپتۇلا مۇشۇ ماشىنىغا چىقىۋالاي دەپ ھېلىقى ماشىنىنى تۇسۇپتۇ،ماشىنا توختاپ شوپۇر          -نەگە بارىسىز ،دەپ سوراپتۇ.        
-شەھەرگە كىرەي دېگەن ماشىنىڭىزغا چىقىۋالسام دەپتۇ.      
-ئاپلا ماشىنىدا بوش ئۇرۇن يوق ئىدى قانداق قىلارمىز بولمىسا كۆمۈرنىڭ ئۇستىگە چىقىۋالامسىز- دەپتۇ شوپۇر. ھېلىقى ئادەم بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ:         
-بوپتۇ چىقىۋالاي .-دەپ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ …         
ماشىنا مېڭىپتۇ ، مېڭىپتۇ… بىر كەمدە شەھەرگە كەپتۇ. شوپۇر ھېچ يەردە توختىماي ئۇدۇل كۆمۈرنى تۆكىدىغان جايغا كىلىپلا كوزۇپنى ئۆرۈپلا كۆمۈرنى تۆكۈپتۇ ، تۆكۈپتۇ يۇ شۇ ھامان ئۈستىدە ئادەم بارلىقى ئىسىگە كىلىپ يۈگۈرۈپلا ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا كەلسە ھېلىقى ئادەم كۆمۈرنىڭ ئارىسىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ شوپۇرغا : 

-خاپا بولمىسىلا ئۇستام ، ماشىنا توختىۋىدى چۈشىۋالاي دەپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا كەلسەم كوزۇپ ياڭداپ كىتىپ كۆمۈرلىرى تۆكۈلۈپ كەتتى، مەن قايتا ئۇسۇپ بىرەي -دىگۈدەك …

——————————————————–

بىر كۈنى ئىلپبەنى ئاران تۈگەتكەن بىر دوستۇم خىمىيە ئىمتاھان بىرىپ چىقىپ ماڭا ئۇچراپ:”ئاداش ئەڭ ئاخىرىقى سۇئال غەلىتە ئىكەن،(ھاجىم دىگەن نىمە؟)دەمدۇ……؟“ دەپ سوراپ قالدى،مەن بىر ئاز ئويلىنىپ:”ھاجىم ئەمەس ھەجىم دىگىنە،سەن نىمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ؟“ دىسەم،ئۇ تۇرۇپ كىتىپ :”ھەي ئىسېت!!!مەن” ھەرەمگە بىرىپ ھەج قىلىپ كەلگەنللەرنى شۇنداق دەيدۇ“دەپتىمەن.

——————————————————–

ئالدىراشچىلىقتا دوختۇر خانغا كىردىم.

دوختۇر  ماڭا  بىر  قۇر  قارۋىتىپ  كۆزۈمنىڭ ئىچچىگە قاراپ تۇرۇپ  كەچۈرۈڭ بەك كىچكىپ قاپسىز دەيدۇ,  كۆزۈمگە  لىق  ياش  كەلدى:  ئاھ  نىمە كۈن  بۇ مەن تىخى ياش  ئىدىمغۇ,  دوختۇر  دەڭە  نىمە  بوپ تىمەن
كەچۈرۈڭ  كىچكىپ قاپسىز  بىز ئىشتىن  چۈشتۇق ………..
شوۋچى قاسماق تاز ھەجەپ قوقاتتى

——————————————————–

يازما مەنبەسى: http://www.4pesil.com/thread-3249-1-1.html

维吾尔语频道_4301

打赏
(4)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ