سېھىرلىك كۆرۈنۈشنىڭ ياردىمى ئاستىدىكى ئاددىي ئىجادىيەت مەھسۇلاتى

ئاجايىباتلار alma 1113℃ 0

miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-2

سېھىرلىك كۆرۈنۈشنىڭ ياردىمى ئاستىدىكى ئاددىي ئىجادىيەت مەھسۇلاتى
مەنبە: سەنئەت بىلوگى
گۈلجاھان مېدىيەسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مېھرىئاي مۇختەر تەرجىمىسى

سىز مول ئىجادچانلىققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم قەلبىڭىزدىكى بالىلارچە شوق، تېتىكلىكىڭىزنى ساقلاپ قالمىسىڭىز بولمايدۇ. مېكسىكىلىق فوتوگراف فېلىكس خېرناندىز رودرېگىر بۇ قۇرامىغا يەتكەن كىشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئويناشنى، تاماشا قىلىشنى توختىتىپ قويغىنى يوق. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىجادىيەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. بۇ سۆرەتلەر ئىچىدە ھەتتا كىچىك ئويۇنچۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىرىمۇ بار ئەلۋەتتە. فېلىكسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سۆرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشلىرى: «مەلۇم بىر جايدا نېمىنىڭ مەۋجۈتلۇقى بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ نېمىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەش ئىكەن». بۇ فوتوگرافنىڭ بارلىققا كەلتۈرگىنى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان سېھىرلىك كۆرۈنۈشنىڭ ياردىمى ئاستىدىكى ئاددىي ئىجادىيەت مەھسۇلاتى بولۇپ، مەسىلەن ئالايلۇق، ئۇن سېپىشنى قار يېغىشقا تەقلىد قىلىش ياكى تاماكا ئىسى ئارقىلىق كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش دېگەندەك.
فېلىكس سۆرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتالى (فوتوشوپ) ۋە ئۆزىنىڭ جانلىق تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ ياردىمىدە مودىل بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈردى. ئۇ لوپا ئەينەك ۋە تېخنىكىلىق سۆرەتكە ئېلىش ماھارىتىنى «Focus staking» دەپ ئاتاپ، بىر نەچچە سۆرەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا ئېرىشتى. سىز تۆۋەندىكى قالتىس سەنئەت ئەسەرلەردىن ھوزۇر ئالغىنىڭىزدا خۇددى مەست قىلىش دورىسىدا ھوشسىزلانغىلى تاس قالغاندەك، بۇ رەسىملەرگە مەپتۇن بولۇپ قالىسىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ خوشاللىق ئىچىدىكى ئىجادىيەتتىن ھوزۇر ئېلىشتۇر.

 

miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-fb

miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-1 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-3 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-4 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-5 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-6 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-7 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-8 miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-9miniature-toy-photography-felix-hernandez-rodriguez-6 - 副本

مەنبە: سەنئەت بىلوگى
گۈلجاھان مېدىيەسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
مېھرىئاي مۇختەر تەرجىمىسى

يازما مەنبەسى: http://www.guljahan.com/

维吾尔语频道_4301

打赏
(5)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ