ھاياتلىق ئەقىدىلىرىدىن تاللانما

تەرمىلەر alma 1155℃ 0

2 (20)

ھاياتلىق ئەقىدىلىرىدىن تاللانما
مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى
گۈلجاھان مېدىيەسىدە رەتلەندى

تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان ئادەم بىلەن ھەم سۆھبەت بولساڭ  ئاردا ياخشىلىق بولمايدۇ.   بىر_ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن دۇسلۇقنى تەرىك ئەتكۈچى ھەقىقى دۇسىتلۇققا يارمايدۇ.

بىر ئايالنىڭ بەختى ھەرگىزمۇ  داڭلىق كىيىم كىيىش  ئالما تېلفون ئىشلىتىش  ياخشى ماشىنا ھەيدەش  چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇش ئەمەس ،بەلكى يولدىشىنىڭ چىن مىھرى مۇھەببىتى شۇنداقلا ئ‍ىللىق مۇئامىلىسى

ئىنساندا گۈزەل بولغىنى يۈزدۇر . يۈزدە گۈزەل بولغىنى  كۆزدۇر . ئەمما ئىنساننى ئادەم قىلغان . ئېغىزدىن چىققان سۆزدۇر.   ئۆزەڭنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن  غەيرەتلىك بول ،  باشقىلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن  مىھىرلىك بول  ،  كەلگۇسىڭنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىرادىلىك بول  ، ……. دۇنيادا مۇمكىن بوممايدىغان ئىش يوق ،  ھەر بىر تاڭنىڭ ئېتىشى ھاياتىمىزنى  ئۆزگەرتىشكە بىرىلگەن  بىر پۇرسەت  …..

سەن  بىرسىنى  چۈشىنىشنى  ئويلىساڭ  ئۇ  سىنىڭ  چۈشىنىشىڭنى   خالىمىسا،سەن  ئۇنىڭغا كۆڭۈل  بۆلىسەن  لىكىن  ئۇ  سىنىڭ  كۆڭۈل  بۆلىشىڭنى  خالىمىسا  ،  سەن  ئۇنىڭ  ئۈچۈن  زادى  نىمە؟

ئۆز  نەفسى  ئۈچۈن ھىچكىم ، ھىچكىمنىڭ غۇرۇرى ۋە تۇيغۇلىرى بىلەن ئويناشمىسۇن….  بۇ تۇپراقنىڭ ئۈستى  بولسا ، ئاستىمۇ باردۇر ئۇنتۇلـمىسۇن …..

ھە دېسلا  باشقىلاردىن ئ‍اغىرىنىپ،ئۆزگىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرەلمەيدىغان،قۇسۇر ئ‍ىزدەشكە ئ‍امراق  كىشلەر ئ‍ەمەليەتتە باشقىلاردىمۇ  كۆز ۋە ئ‍ېغىزنىڭ بارلىقىنى  ئ‍ۇنتۇپ قالغان كىشلەردۇر

چوقۇم بىرسىنى سۆيىسەن، سىرتىنى ئەمەس، قەلبىنى سۆيىسەن. كۆرگىنىنى ھەممە ئادەم سۆيىدۇ، ئەمما سەن كۆرەلمىگەنلىرىڭنى سۆيىسەن. تىلدا ئەمەس، دىلدا خالاۋاتقان بولساڭ،  تەنگە ئەمەس جانغا تېگىسەن. …… -ھەزرىتى مەۋلانا ~گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەت تەرجىمىسى

چىراي بولسىلا كەلتۈرىۋالىدىغان دەۋر داداڭنىڭ زامانىدا قالدى ساقام……   
ئەي ئاقىل ،شۇ دوستتىن ئالاقەڭنى ئۈز ، ئەگەر دۈشمىنىڭگە بولۇپ قالسا ئۆز .
  ــ گۈلىستان 280-بەت

ئاقكۆڭۈللۈكىمنى كۆرۈپ دۆتمىكىن دېمە، ھۆرمەت قىلىپ ساڭا باققان تەبەسسۇمۇمدىن ماڭا خۇشامەت قىلدى دېمە، تەكەببۇرلۇق ناداننىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكىنىم ئۈچۈن كەمتەر بولدۇم، يۇۋاش دېمە!!!  مەيلى يىغلاي، مەيلى كۈلەي، مەيلى گاداي بولاي، مەيلى باي بولاي، ھەرۋاقىت، بىر ياخشىلىقىڭغا ئوننى قايتۇرالايدىغان، ھەر كىم ئالدىدا بېشىمنى تىك تۇتالايدىغان… مانا بۇ مەندىكى خاراكتېر، مانا بۇ مەن!!!

ھاياتنىڭ ئىسسىق- سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرگىنىڭدە، ئەڭ يېقىنلىرىڭدىن ئازار يېگەندە  ئالدىراپ بىرىگە  ئىشەنمەس، ساڭا ھەقىقىي مېھىر بەرمەيدىغانلارنى  خالىماس بولىدىكەنسەن! خوددى بەزىدە يالغۇزلۇق سەن ئۈچۈن بېرىلگەن ئەڭ ياخشى تەسەللىيدەك…
چۈنكى مەندە بەخت، كەڭ قورساقلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، خۇشخۇيلۇق بار. ئىزدىسە ئېشىۋالىدىغان، ئىزدىمىسە يامانلايدىغان خۇيۇم يوق.

ئوخشاشلا ماڭا قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرگەنلەرگە مېنىڭ قەلبىمدىمۇ ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇن بار. مېنى سۆيىدىغان قەدىردانلىرىم يېنىمدا، دوستلىرىم يېنىمدا … كۆڭلۈم توق، باشقا مۇھتاجىم يوق …

يېڭى تۇغۇلغان كۈچۈكلەر سەكرەپ–تاقلاپ ئەركىلەپ بەرسە، ئۆي ئىگىسى شۇنداق خوش بولۇپ كۈچۈكلەرنى ئوينىتىپ، ياخشى نەرسىلەرنى بىرىپ بېقىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئىشەك مەن قاچانغىچە جاپالىق ئىشلەيمەن، مەنمۇ ئىگەمگە ئەركىلەپ باقايچۇ دەپ سەكرەپ– تاقلاپ نايناقشىپتىكەن، ئىگىسى كالتەك بىلەن تازا قويۇپتۇ باشقىلارنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرى ھەمىشە سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن، شۇنداقلا باشقىلاردا ئارتۇقچىلىق، پەزىلەت سانالغان ئىش بەلكىم سىزدە ئەيىب ھېسابلىنىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئۆز خاسلىقىڭىز، ئۆز ئېتىقادىڭىز بىلەن ياشاڭ.

توردىن بىر كېيىم كۆردىڭىز، رەسىمى ۋە چۈشەندۈرىلىشىدىن سۈپەتلىك، كۆركەم ۋە ئېسىل ئىدى، ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىپ تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن قارىسىڭىز كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن، نەچچە يېرى تۆشۈك بىر نەرسە كەلدىڭىز، سىز بۇ چاغدا ساتقۇچىنى ئالدامچى دەپ ئويلايسىز شۇنداقمۇ؟
ئالماشتۇرۇپ باقايلى، توردا بىر كېيىمنى كۆردىڭىز، كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن، نەچچە يېرىدە تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان، چۈشەندۈرىلىشىدىمۇ كېيىمنى كونا دەپ ئېنىق يازغان، سېتىۋالغۇڭىز كېلىپ سېتىۋالدىڭىز، مال تاپشۇرىۋالغاندا بولسا ناھايىتى ئېسىل، سۈپەتلىك ۋە كۆركەم بىر قۇر كېيىم كەلدى، بۇ چاغدا سىز ساتقۇچىنى ئالدامچى دەپ ئويلامسىز ياكى ئەخلاقلىق، دۇرۇس، دىيانەتلىك دەپ قارامسىز؟
جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، جاۋابىنى ئىچىڭىزدە بىلىڭ، بۇيەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم باشقىلارغا شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى ئىش ھەرىكەتلەرگە باھا بېرىشتە ئۆزىمىزگە مەنپەئەت تېگىش تەگمەسلىكىگە، بىزگە تېگىدىغان مەنپەئەتنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ باھا بەرمەيلى. زېمىندىكى ئۇقۇشماسلىق، تالاش تارتىش، ئۇرۇش جىدەللەرنىڭ ھەممىسى ئىنسان ئۆز ئالدىغا تۈزىۋالغان ئۆلچەم بىلەن ئادەم ۋە ئىش ھەرىكەتلەرگە باھا بېرىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
-سۈرخان

ھۈسەيىن بايقارا: ‏-پۈتۈن دۇنيا مېنىڭ بولسا، ‏غېمىم پۈتمەس نەدىندۇر بۇ؟ ‏ئەلىشىر نەۋائىي: ‏-ھەمىشە غۇسسە لاي ئىلە، ‏ياسالغان بىر بەدەندۇر ئۇ.

باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىڭدا يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سورىمغىن! بولىمسا ئۇنىڭ يالغان گەپلىرنى  يۇشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ يالغان سۆزلىشىگە سەۋەپچى بۇلۇپ قالىسەن……

نۇرغۇن ياشلار ئۆزىنىڭ كەسپىدىن باشقا ھېچنىمە بىلمەيدۇ .بىر مەمۇرىي خىزمەتچى ،بىر باجگىر ياكى بىر دوختۇر ئۆزىگە نان بېرىدىغان كەسپىنى ئ‍از-تولا بىلىۋېلىپلا بولدى قىلىدۇ .ئۇلاردىن بىراۋ ئ‍ۆز تارىخى ،مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتقا دائىر بىرەر نەرسە سورىسا ،ئېغىزىدىن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىككى ئېغىز گەپ چىقمايدۇ .     ــ ئابدۇقادىر جالالىدىن  « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا »

ئىنسان تىرىشمىسا بىر ئۆمۈر ھەۋەس ۋە  ھەسەت  قىلىپ ياشايدۇ

مېنى ئېگىل دەيدىغان ئىشىڭ بولسا 、 ئاۋال سەن تىزلان, بەلكىم سېنى يۆلەش ئۈچۈن ئېگلشىم مۇمكىن………!

ھەيدىگىنىڭ ئالتە ئۆچكە، ئىسقىرتىشىڭ ئالەمنى بىر ئالىدۇ.  – قازاق خەلق ماقالى

ھەر  قانداق  نەرسىگە  زىيادە  ئىشەنمە   سۇ  — چۆلدە  ھاياتنى  قۇتقازسا  ،   كۆلدە جاننى  ئالىدۇ ھەرقانداق ئادەمنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمە بەزىلەر  ھاياتىڭنىڭ ھىكمىتى بولسا بەزىلەر ئاچچىق ئىبرىتىدۇر

ئۆز غېمىنى تارتىشمۇ بېسىم بولۇۋاتقان ھازىرقى دەۋىردە، سەن  ئۈچۈن ئويلانغانلار قەدىرلىكتۇر…  كوتۈرسىمۇ كارۋاننىڭ،شۇنچە ئېغىر يۈكىنى،چۈلۈك سېلىپ يېتىلەر،پاكار ئېشەك توگىنى.چىقىپ قالۇر ھەيۋەتلىك كورۈنگەننىڭ بىلى بوش،ئىسمى“ پالۋان“ ”يولۋاس“نىڭ، باتۇرلىقى ناتايىن.(ھەققانىي)

ئېلىم ئوگۈنۈشتىن مەقسەت تەقۋا ئۈچۈندۇر’دۇنيا يىغش ئۈچۈن ئەمەس. خەيرىسىز باي يامغۇرى يوق بۇلۇتتۇر. ئەمەلسىز ئالىم كىتاپ يۈكلەنگەن ئۇلاغدۇر.

كونا جەندەڭنى ياماپ كىيىش ياخشى ، خار بولۇر تون سوراپ كىيسە كىشى . ــ گۈلىستان 328-بەت  رەھىمسىز زىيانداش ھەرىگە ئېيتقىن ، ”ھەسەل بەرمىسەڭمۇ نەشتەر سانچىما!“  ـــ گۈلىستان  310-بەت كىمكى ئىلىم ئۆگىنىپ ،ئەمەلدە ئىشلەتمىسە ،يەرنى ھەيدەپ قويۇپ ،ئۇرۇغ چاچمىغانغا ئوخشاش.  ـ گۈلىستان  293-بەت

ژۇرۇگۇمنىڭ ئادىرسى     ئۆزگەردى   ،  كونا     يول    بىلەن      كەلسەڭ     تاپالمايسەن

ئۈزگەن گۈلۈڭگە ئىگە بول ، بەرگىلىرى تۆكۈلمىسۇن

بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇش: ئۆي يوغان—— ئائىلە كىچىك。 ‏ دىپلوم نۇرغۇن—– نەزەر دائىرىمىز تار 。 ‏دورىلار ئاجايىپ—— سالامەتلىك ناچار。 ئايغا چىقتۇق—– خوشنىمىز ناتونۇش 。 ‏كىرىم كۆپ——- خاتىرجەملىك ئاز。 ‏ئەقلى قۇۋۋەت يۇقىرى——- ھېسسى تۇيغۇ كەم 。 ‏ بىلىم كۆپ——- پاراسەت ئاز。 ‏ئويۇن- تاماشا ساز——- چىن مۇھەببەت ئاز 。 ‏ئاغىينە- بۇرادەر كۆپ——- ھەقىقى دوستلۇق ئاز 。 ‏ ئىچىملىك كۆپ——- ساپ سۇغا زار。 ‏ئادەم كۆپ——- ئىنسانپەرۋەرلىك خار 。 ‏سائەتلىرىمىز ئېسىل ——-ۋاقىتقا زار…………!?

ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ بەخت: مەكتەپتە ياخشى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىش؛ خىزمەتتە ياخشى ىبر يېتەكچىگە ئۇچراش؛ نىكاھتا ياخشى ھەمراھقا ئېرىشىش؛

بايا بىر تاكسىغا چىقتىم. تاكسى شوپۇرى ئۆز ھايات پەلسەپىسىنى سۆزلەشكە باشلىدى: ـــ مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ماشنىسى بار،  ئۆزۈمنىڭ تىجارىتى بار،  ئۆز ئۆزۈمگە خوجايىن،  مانا بۇ مىنىڭ ياشاش پىرىنسىپىم،  ھىچكىم ماڭا بۇيرۇقمۇ چۈشۈرمەيدۇ …. ــــ ئۇستام، سولغا بۇرۇلسىلا.

رەبىيئى ئىبنى  ھەيسەمگە :  سىنىڭ ھىچ بىر كىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىڭنى كۆرۈب باقمىدۇق دىيىلگەندە،  ئۇ مۇنداق دىگەن:   مەن ئۆزۈمدىن ئۆزۈم رازى بولالمايۋاتسام،  كىشىلەرنى ئەيىبلەيدىغانغا نەدە تۇرۇپتۇ …..

ھازىر ئۆتمۈشكە ئايلانمىغۇچە ،سەن ھەرگىز ئۇنى قەدىرلىمەيسەن.  جىمجىت كېچە ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ.    مەن قايغۇرغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى قايغۇ ھەسرەت مېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۇ.  ۋاقتىنى تۇرمۇشتىكى ئەھمىيەتسىز ئۇششاق ئىشلارغا ئسىراپ قىلماڭ،چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىردا كۈيۈپ كۈلگە ئايلىندۇ.  كەڭ قورساقلىق بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈڭ .سەن “ھازىر”نىڭ ئۆزىدىلا ياشىشىڭ كېرەك. “ھازىر”دېگەن سۆز ئۈلۈكلەر ئۈچۈن ئەڭ ئارتۇقچە راھەت پاراغەت.

بىرسىنى باشقىلارغا سىلىشتۇرغاندا،ئەڭ ئ‍اۋال ئ‍ۆزەڭنى باشقىلارغا سىلىشتۇرۇپ بوپ ئ‍اندىن قارشى تەرەپنى باشقىلارغا سىلىشتۇر، باشقىلار مىڭلى قىلسىمۇ باشقىلار، ۋاقتى كەلگەندە ئ‍ويۇن كۆرىدۇ خالاس·

ھەرقانداق قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدىن تۇغۇلىدىغان بىر نۇر باردۇر.  ئەگەر قوللىرىڭىزنى تىكەن قانىتىۋەتسە، گۈلگە ئاز قالدىڭىز دېگەن گەپ.          جالالىدىن رۇمى

بىلگىنكى ،  بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەم ھاجەتمەندۇر. شۇڭا بىرگە غادايما ،  بولمىسا  يەنە بىرگە ئىگىلسەن …

ئۈزى ئۈچۈن دەس تۇرالمغان ئادەم ھېچكىم ئۈچۈن دەس تۇرلمايدۇ。 نىشانى بار ئادەم ئۇخليالمايدۇ。 نىشانى يوقلارنىڭ ئۇيقۇسى مەڭگۈ قانمايدۇ。بارلىق نىشانى ئۈچۈن يۈگۈرىۋاتقان قېرىنداشلارغا   خەيرلىك  سەھەر

ئالتۇندىن بولسىمۇ سالغان سارايىڭ،
گىدەيمــــــە قەبرىدۇر ھامان بارايىڭ.
دۇنيانى ھاپ دەپلا يۇتۇۋالســــــاڭمۇ،
قانائەت بولمىسا تويمايــدۇ قارنـــىـڭ.
……
كۆپ يەيدۇ نادانلا دۇنيا غىمـنــــــــى،
تولدۇرۇپ بولالماس ئەمما كىمنـــــى.
تويدىمۇ ئسكەندەرپۇتۇن دۇنـــياغا،
كەتتى ئۇ تاۋۇتتىن چىقــىرىپ قولىنى.

مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى
گۈلجاھان مېدىيەسىدە رەتلەندى
430
打赏
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ