كىتابىيە | كىتابلارنى سۆيۈپ قويىمەن

تەرمىلەر alma 2437℃ 0

22 (1)

گۈل ھىدى بولسا سەندە كىپىنەك ئۆزى كېلۇر
گەر بولساڭ بەتبۇي يېنىڭدىن قاچقۇسى كېلۇر
بىلىملىك قىز ئىزدىمە ياكى يىگىتنى كۈتمىگىن ،
ئۆزۈڭ بولساڭ بىلىملىك كۈتكىنىڭ كۈلۈپ كېلۇر .
ــــ كىتابىيە
ئۈندىدار: murabbba

QQ图片20160227183808

كىتابلارنى سۆيۈپ قويىمەن
كىتابلارنى سۆيۈپ قويىمەن ، شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىنتىزار بولغان قاقشال لەۋلىرىم بىلەن ، بىلىم قۇرلىرىغا تەشنا بولغان ئوتلۇق يۈرىكىم بىلەن ، مېھىر بۇلىقىغا مۇنتەزىر بولغان يىغلاڭغۇ كۆزلىرىم بىلەن ، ئەجداد ۋە ئەۋلاد ئىزلىرىغا سېغىنغان پۈتكۈل جىسمىم بىلەن .
ئۇنى سۆيۈپ قويىمەن ، ۋاپاسىـزلار دەردىدە ئاققىنىمدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ باغرىغا ئېنتىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن پۇشايماندا ئۇنى سۆيىمەن . ئۇنىڭ ماڭا ساداقەتتە قىل سىغماس  مەڭگۈلۈك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن ئۇيۇلۇپ ناگاندا بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ ، گاھىدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قالسام  تېلېفۇن مېھرى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالسا كۆڭلۈمگە ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى يەنىلا كىتاب ئەسكەرتىدۇ . ئۇنىڭدىن دۇنيانى كۆرىمەن ، دۇنيانى بىلىمەن  ، ئۆزۈمنىڭ بىلىم دۇنياسىدا زەررىچە ئۇچقۇنچىلىك يانالمايۋاتقانلىقىمنى كۆرىمەن  ،كىبىر دەستىسىگە مېنىۋالغىنىمنى ھېس قىلالماى سەكرەپ ـ تاقلاپ يۈرسەم كىبىرنىڭ ماڭا ئورەك كولاۋاتقانلىقىنى يەنىلا كىتاب ئەسكەرتىدۇ . دېمەك ئۇ ماڭا پەزىلەتتىن ئۇستاز بولىدۇ . ئىلىمنىڭ يولباشچىسى بولىدۇ . پەقەتلا بىرقېتىم كېلىدىغان بىباھا ھاياتنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىدۇ  ئۇنى سۆيۈپ قويىمەن ، مۇقاۋىلىرىغا يېنىشلاپ سۆيىمەن كۈتۈشلىرىمگە  ئىلىم بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ   ۋە  مەڭگۈلۈك  مۇھەببىتىنى  ئاتا قىلىدۇ .
 كىتابىيە يازمىسى    ئۈندىدار : murabbba
يازما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرمەڭ
430
打赏
(6)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
(1) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
  1. كىتاب شوتا ئۇ ئۆرلەي دېسەڭ قانات ئۇ ئۇچاي دېسەڭ بايلىق ئۇ ياشاي دېسەڭ مۇھىمى كىتاب ئۆگىتەر غورۇرنى ۋىجداننى ئادىمىيلىكنى كىتابسىز تەن مەجرۇھتۇر ئۇنىڭسىز سەن مەن ئۇ بىلەلمەس كىملىكىنى چۈشەنمەس ئۆزلۈكىنى تاكچىڭىزدا خىرۇستال تۇرار پارقىراپ چاقنىتىپ كۆزنى يۈرىسىز ھەم ماختاپ قەلبىڭىزدە يوق ئەمما خرۇستالنىڭ زەررىچە نۇرى چۈنكى كىتابقا بىلىمگە ئىنتىلمەس قەلب قاراڭغۇ ئوكياندۇر ئۇ بولمىسا سىز گويا ئۆلۈكتۇر . ــ كىتابىيە يازمىسى
    alma2016-03-01 21:29 جاۋاب
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ