مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدە ئۈزۈندىلەر

تەرمىلەر alma 1163℃ 0

p_large_VK5D_68d1000a40f15c43

مېھىر-مۇھەببەت ھەققىدە ئۈزۈندىلەر 

گۈلجاھان تورىدا رەتلەندى


 

ئايال قولىنى كېسىپ ساپتۇ ، ئېرى بەك جىددىيلىشىپ كېتىپتۇ
ھەم ناھايىتى تىزلىكتە پىلاستېر ئالغىلى بېرېپتۇ .
لىكىن ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ مۇلازىمغا نىمە لازىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلمەپتۇ . چۈنكى ئۇ بىر گاچا ئىكەن.
ئۇ بەكلا جىددىيلىشىپ كىتىپتۇ ، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ قۇلىغا پىچاقنى ئېلېپ قولىنى كېسىپتۇ.مۇلازىم دەرھال پىلاستىرنى ئۇنىڭغا بىرىپتۇ ، ئۇ يولدا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ئۈيىگە بېرېپتۇ .
ياخشى كۈرۈش دىگەن نىمە ؟؟ ئېغېزدا مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن دىيىشمۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولسا بىر گاچىدا مۇھاببەت يوق دىگەنلىكمۇ ؟؟


 

ئائىلەڭنى چۈشەن، قەلبىڭ يۇرۇيدۇ .  ئائىلەڭنى ئاسىرا، باغرىڭ يۇمشايدۇ .  ئائىلەڭنى قوغدا، غورۇروڭ ئۆسىدۇ .   ئائىلەڭگە ئىشەن، شەيتاندىن خالى بولىسەن.  ئائىلەڭنى ھۆرمەتلە، زىمىن سىاڭا ھۆرمەت قىلىدۇ …


 

ئەر – خوتۇن خۇددى ئىشىككە ئوخشايدۇ.
قوش قاناتلىق ئىشىككە بىر تال قولۇپ كېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ تويدۇر. قۇلۇپ ياخشى ئېتىلسە ئوغرى يالغاندىن نېرى بولغىلى بولىدۇ. توي چىڭ بولسا ئائىلە بۇزۇلمايدۇ.

قوش قاناتلىق ئىشىكنىڭ قوش قانىتىنىڭ شەكلى، رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ نىيەت، كۆڭلى بىردەك بولغاندا ئۆي روناق تاپىدۇ.

ئىشىك يېڭى ۋاقتىدا يېپىلغاندا ئېچىلغاندا ئاۋاز چىقمايدۇ. كونىرغانسېرى بەزى جايلىرى غىچىرلاشقا باشلايدۇ. ئەر-ئاياللارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يېڭى توي قىلغاندا شۇنداق يېقىن، بىر-بىرىگە مۇلايىم بولىدۇ، كونىرغانسېرى بەزى سۈركىلىشلەردىن ساقلىنىش تەس بولىدۇ.

ئىشىك قاتتىق يامغۇر، بوران-چاپقۇنلاردا ئانچە-مۇنچە بۇزۇلىدۇ، كونىرايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ۋاقتىدا رىمىنۇت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەر-ئاياللىق تويمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بەزىدە ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئەپۇ قىلشقا، ئاسراشقا مۇھتاج بولىدۇ.

ئۆيگە مېھمان كەلسە قوش ئىشىك تەڭ ئېچىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئائىلىدىكى مۇھىم ئىشلارنى ئەر-ئايال بىردەك زىممىسىگە ئېلىشى جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشلارنى بار مەسلىھەت بىلەن قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەرلەر سول ئىشىك سىرتتا پۇل تېپىشقا مەسئۇل، ئاياللار ئوڭ ئىشىك ئائىلىنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل؛ ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىرى كەم بولسا ئائىلە توزۇيدۇ.


 

ئۆيىڭىزدىكىلەرنى سۆيۈش ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزەڭنى سۆيۈشتىن باشلىنىدۇ، ئاندىن باشقىلارنى سۆيەلەيسىز، پەقەت ساغلام تەنلا ئۆيىدىكىلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كوينۇش. سىز نېمىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز تاپالايسىز، ياكى قايتا ئېرىشەلەيسىز، ئەمما بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىز، ئۇ بولسىمۇ ھاياتلىق.
ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرقى نەچچە يىلىدا بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىپ يىغقان بايلىقىڭىزنى سەرپ قىلىپ، بارلىق دورىلار بىلەن ئۆزىڭىزنى داۋالاپ، نەچچە ئوپراتسىيەگە چۈشۈپ، نۇرغۇنلىغان قەرزلەرنى بالىلىرىڭىزغا ئاشۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن تارتىشقان ھالەتتە ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدىغان ئىشنى قىلماڭ. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۆزۈڭلارنى ياخشى ئاسراڭلار، كۆيۈنۈڭلار، ئاندىن تۇرمۇشنى سۆيەلەيسىلەر، كەسىپنى سۆيەلەيسىلەر.


 

مەنبە: گۈلجاھان تورى

430

打赏
(4)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ