يەنە بىر بالا قازاندا ___ 2016-يىلى ھەققىدە تەكلىپ

كۆز قاراش alma 994℃ 0

child11

يەنە بىر بالا قازاندا

مەنبە: گۈلجاھان بىلوگى (دەل مۇشۇ يەر شۇ)

تۆنۈگۈن كەچ يەنە مىكرو بىلوگ تورىدا بىر دوختۇرنىڭ ئىلتىماسى ۋە ئەۋەتكەن سۆرەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇ سۆرەتلەر مۇشۇنداق:

 

(ئۇ سۆرەتلەرنى قايتا كۆرۈش ۋە بۇ يەرگە چاپلاشقا زادىلا كۆڭلۈم بارمىدى، شۇڭا بۇ يەردە ئىككى پارچە سۆرەت بار دەپ تۇرايلى)

بىر كىچىككىنە بوۋاقنىڭ بېلىنىڭ تۆۋىنى پۈتۈنلەي قارىغۇسىز ھالەتتە. سۆرەت بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىلگەن خەت مۇنداق:  

بۇ قىزىمىزنىڭ ئىسمى مۇنىسە يۈسۈپ بولۇپ، بىرياش ئون ئايلىق بولغان، ئويناۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن قايناۋاتقان قازانغا چۈشۈپ كېتىپ ،بەدىنىنىڭ 60% يېرى كۆيۈپ ئېغىر يارىلانغان، داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن تەخمىنەن ئىككىيۈزمىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدىكەن. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋال ئانچە ياخشى بولمىغاچقا بۇنداق كۆپ داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرەلمەيدىكەن….

بۇ مەن بۇ يىلنىڭ ئىچىدە (2016-يىل) تاپشۇرۇۋالغان ئوخشاش مەزمۇندىكى ئۈچۈنچى پارچە خەت بولۇپ، سۆرەتلەرگە قارىسا ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېچىشىدۇ، قايتا قارىغۇسى كەلمەيدۇ، بالىلارنىڭ بەزىسىنىڭ بېشى تەرەپتىن پۈتۈن كۆيۈپ كەتكەن بولسا، بەزىلىرىنىڭ يېرىمى كۆيۈپ كەتكەن. ئىئانە قىلىش ئىلتىماسىنىڭ مەزمۇنىمۇ ئوخشاشلا. قارايدىغان بولساق: بىر ياش (بىر ياش ئەتراپىدا، ئەمدى ئۆمىلىيەلەيدىغان ياكى ئايىقى چىققان بوۋاقلار)، قايناۋاتقان قازانغا (قازاندىكى قايناۋاتقان مايغا) چۈشۈپ كەتكەن، بەدىنىنىڭ %60 قىسمى (ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىسمى) كۆيۈپ كەتكەن، ئاتا-ئانىسى دېھقان، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ۋەھاكازالار.

ئۆتكەن يىلى مەلۇم ئۈندىدار توپىدا مەلۇم بىر كۆيۈپ كەتكەن بالىغا ئىئانە توپلاش ئىلتىماسىغا نىسبەتەن مەلۇم تورداشلار بالىسى مۇشۇنداق ۋەقەلەردە يارىلانغان ئاتا-ئانىلارنى قولغا ئېلىپ قاتتىق جازالاش، بالىنى بېقىش ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭغا قارشى مەلۇم تورداشلار «بۇنداق بولۇشىنى كىم ئويلىغان، ھازىر بالىنى قۇتقۇزۇش مۇھىم» دەپ قارىدى. بۇنىڭغا قارىتا «بۇنى ئويلىمىغان كاللىنى نېمىگە ياراتقان؟ بۇنداق ئىشلار ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى.

دەرۋەقە، بۇنداق كۆيۈپ كېتىش ساقلانغىلى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ئىشمۇ؟

بۇ خىلدىكى ۋەقەلەردە مۇنداق ئىككى ئورتاقلىققا دىققەت قىلايلى: بىرىنچىسى، كۆيۈپ كەتكەن بالىنىڭ يېشى بەكلا كىچىك، بىرەر ياش ئەتراپىدا، ئىش ئۇققىدەك بولمىغان، ئەڭ مۇھىم يۇقىرىغا يامىشالمايدۇ؛ ئىككىنچىسى، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئائىلە. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، بۇ ياشتىكى بالىلار يۇقىرىغا يامىشالمايدۇ، يەنى ئوچاققا يامىشىپ چىقىپ، قازانغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ؛ دېھقان ئائىلىلىرىدە تاماق ئېتىش بىلەن ئىسسىنىش رولىنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن كاڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، تاماق ئەتكەندىكى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىكى ئىس بىلەن كاڭنى ئىسسىتىدۇ، بىراق ئوچاقتىكى ئىسنىڭ كاڭنىڭ ئىچىگە قاراپ مېڭىشى ئۈچۈن، تاماق ئېتىدىغان ئوچاق ناھايىتى پەس، كىشىلەر ياتىدىغان كاڭ سەل ئېگىزرەك قىلىپ سېلىنىدۇ، ياتىدىغان كاڭ بىلەن قازان ئاسىدىغان ئوچاق ئېرىسىغا نورمال ئائىلىلەردە بىرەر غېرىچ ئىگىزلىكتىكى تامقۇرۇق (باشقا جايلاردا نېمە دەيدىكىن) دەپ ئايرىش توسۇقى ياسىلىدۇ. (يېزىغا بېرىپ باققانلار بۇنداق كاڭنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، شەھەردە ياشايدىغان، كاڭنى كۆرۈپ باقمىغانلارغا ئاتاپ بۇ كاڭنى تونۇشتۇرۇپ قويدۇم).

ئەمدى ئۆمىلىيەلەيدىغان، ئەمدى ئايىقى چىققان بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ياش ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ھەرىكەتچان مەزگىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قەتئىيلا بىلمەيدۇ. يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان بىرەر غېرىچ ئېگىزلىكتىكى تامقۇرۇق ئۇلارغا نىسبەتەن ناھايىتى قىززىقارلىق، ھاياتىدىكى ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك چوققىدەك بىلىنىدۇ، بىراق بۇنىڭ كەينىدىكى ئازابنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز كۆرگەن پاجىئەلەر پەيدا بولىدۇ.

بىز كۆرگەن بۇ خىلدىكى پاجىئەلەردە بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزىدىن، شەھەردە بىر بوۋاق قازانغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئۇچراتمىدىم، ئېنىقكى بىر جەھەتتىن شەھەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن، بالىلىرىغا بولغان قوغداش ئېڭى نىسبەتەن يۇقىرى. يېزىلاردا بولسا بالىسى ماڭالايدىغان بولغاندىن باشلاپ، ئانچە كارى بولمايدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانىلارنى بىر تالاي ئىش بېسىۋالغان، مەخسۇس بىر ئادەم بالىغا قاراشقا شارائىت يوق، بالا بىر چىقىپ كەتسە، قورسىقى ئاچقاندا ئۆيگە كىرىدۇ، مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كېيىن، نەچچە كېلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ ئۆزى مەكتەپكە بارىدۇ، ئاتا-ئانىسى قولىدىن يېتىلەپ مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈش، كەچتە مەكتەپتىن ئەكىلىۋېلىش دېگەن ئىش ئاساسەن يوق. بالىنىڭ قازانغا چۈشۈپ كۆيۈپ كېتىشى ھەققىدە سۆزلىسەك، يېزىلاردا ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن باشقا، يەنە شەھەردە يوق بولغان، بالىنىڭ قازانغا چۈشۈپ كۆيۈپ كېتىشىگە «ئاسانلىق يارىتىدىغان»، ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن بىر غېرىچ تامقۇرۇقى بار كاڭدىن ئىبارەت «تەبىئىي» شارائىت بار.

ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كاڭ ياسىماي، مەش ئىشلىتىدىغان بولدى، بۇ بالىلارنىڭ كۆيۈپ كېتىش ھادىسىلىرىنىڭ ئازلىشىغا ئازراق پايدىلىق، بىراق ئاتا-ئانىلار ھاماقەت بولسا بالىنىڭ كۆيۈپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى يەنىلا بولمايدۇ، كۆيۈپ قالمىغاندىمۇ كارىۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپ پاناق بولۇش دېگەندەك ئىشلار بىر تالاي. ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىتتا، گەرچە كىشىلىرىمىز تاماق ئېتىش بىلەن ئىسسىنىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىسسىنىش چىقىمىنى تېجەيدىغان شارائىتتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كونا ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدە يەنىلا كاڭ ياساپ ئولتۇرماقتا. قول ئىلكىدە بار، پىششىق خىشتىن ئۆي سېلىپ تام مەش ئارقىلىق ئىسسىنىدىغان ئائىلىلەرمۇ كارىۋات ئىشلەتمەي، كاڭ ياساپ، كېگىز دېگەندەكلەرنى سېلىپ ياتىدۇ.

كىشىلەرنىڭ ئېڭىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش، نەچچە يىل ھەتتا نەچچە ئەۋلات ۋاقىت سەرپ قىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما كاڭدىن ئىبارەت بۇ كونا تۇرمۇش شەكلىنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسسىنىش شەكلىنى يوقىتىۋېتىشكە بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ!

2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسنى ھەممەيلەن قوللىدى، بىراق كىتاب ئوقۇش دېگەن ئۇزاق مۇددەتلىك، ھەر كۈنى قىلىش كېرەك بولغان ئىش، بىرەر كۈن ئوقۇپ قويغانغا بولمايدۇ. كىشىلەردە ئاڭلىق ھالدا كىتابنى ھوزۇرلىنىپ ئوقۇيدىغان ئاڭنى يېتىشتۈرۈشكە نەچچە يىل سەرپ قىلىشىمىز مۇمكىن. 2016-يىلىنى نېمە يىلى قىلىش ھەققىدە ئانچە-مۇنچە گەپلەر بولۇندى، بىراق ھەممىسى بىرئاز گۇڭگا، ئەمەلىي يولغا قويۇش ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەس بولغان تەكلىپلەر. ئەگەر بىز بالىلارنىڭ كۆيۈپ كېتىشى ھەققىدە يىللاپ تەربىيە ئىشلىسەكمۇ، ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولمىسا، كاڭ دېگەن بۇ مۇھىم ئامىل يوقىمىسا، ئۇ ھالدا بالىلارنىڭ قازانغا چۈشۈپ كېتىش مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ. باشقا ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن قىلىش ئاسانراق بولغان ئىشنى قىلىشنى ئويلىشىپ باقساق بولامدۇ؟ مەسىلەن 2016-يىلى تۇرمۇش مۇھىتىمىزنى ئۆزگەرتسەك، بولۇپمۇ يىزىلاردا كاڭ ئىشلىتىش دېگەن بۇ ئەنئەنىۋىيلىكنى يوقىتىپ، تاماق ئېتىدىغان جاي بىلەن ئۇخلايدىغان جاينى ئايرىساق، بالىلىرىمىزنى ئوتتىن يىراق قىلساق، تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئۆيىدە كاڭ بولسا نەسىھەت قىلىپ بۇزغۇزساق، ئىسسىنىش بىلەن تاماق ئېتىشنى ئايرىشتا قىيىنچىلىقى بار، كارىۋات، مەش ئالالمايدىغانلار ئۈچۈن، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قىشتا كۆمۈر ئېلىشى ئۈچۈن مەبلەغ توپلىساق، بەلكىم بالا كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن توپلايدىغان پۇل زور دەرىجىدە ئازىيىشى مۇمكىن.

بەلكىم مۇنداق سوئال قويۇلۇشى مۇمكىن: كاڭنى بۇزۇپ تاشلاش پەقەت بالىلارنىڭ كۆيۈپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ سىرتى، ئاساسلىق سەۋەب ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، كاڭنى بۇزۇپ تاشلاپ، باشقىچە ئۇسۇلدا ئىسسىنىپ تاماق ئەتكەن بىلەن، ئاتا-ئانا ياخشى قارىمىسا، بالا يەنىلا باشقىچە يارىلىنىشى مۇمكىن، دېيىلىشى ئېنىق. بىراق كىشىلەرگە بالاڭغا ياخشى قارا دەپ كۈندە ۋەز نەسىھەت قىلغانغا ئۈنۈمى بولىدىغان ئىش بولسا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بىر ئۆمۈر نەسىھەت قىلىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتە قىلىدۇ، بىراق ئادەم يەنىلا بىلگىنىنى قىلىدۇ، قۇرۇق نەسىھەت بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەتنىمۇ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

 

مەسىلىنىڭ ھەقىقىي تۈپ سەۋەبى بىزنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى ئىقتىسادىي نامراتلىقىمىزدۇر. بۇ تېمىدا كېيىنچە پۇرسەت بولسا ئايرىم پىكىر بايان قىلارمەن.

گەپنى يىغسام، 2016-يىلى يېزىلارنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ باقايلى، يېزىلاردا ھەرخىل شەكىل تۈسىنى ئېلىپ قالغان تۇرمۇش مۇھىتىنى يېڭىلاش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا، مەسىلەن ھويلىنى تۈزەش، يولنى ئوڭشاش دېگەندەك، بىراق ئۆينىڭ ئىچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم جايىنى ئوڭشاش تېخى باشلانغىنى يوق. 2016-يىلىدا يېزىلارنىڭ، دېھقانلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ھالىتىدە يېڭىچە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىپ باقساق، بۇنى ئەڭ ئالدى بىلەن باش تېمىمىزدا سۆزلىنىۋاتقان، سەبىيلىرىمىزگە پۈتمەس ئازاب ئېلىپ كېلىشكە بىۋاستە سەۋەبچى بولۇۋاتقان كاڭلارنى بۇزۇشتىن باشلىساق.

 

مەنبە: گۈلجاھان بىلوگى

www.guljahan.com

(دەل مۇشۇ يەر شۇ)

维吾尔语频道_430

打赏
(3)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ