سىلەر ئاڭلاپ بولغان يۇمۇرلار

كۈلكە بازىرى alma 1102℃ 0

1-14121113593L30 - 副本

سىلەر ئاڭلاپ بولغان يۇمۇرلار

يۇمۇر، يومور، يومۇر، yumur ، yomur

维吾尔语频道_430


نەچچە يىل ئوقۇپ ئاخىر ئوقۇشمۇ پۈتتى .  ئىنژىنىر دەپموُ ئاتالدىم  . لىكىن  ھىچ بىرەر ئىشمۇ يوق ئاخىر  نەچچە يىل كۈتۈپ ئاخىرى چوڭ قۇرۇلۇشتىن بىرنى قولغا ئالدىم، 30 مېتىرلىق مۇنار ياساش، 2ئايدا پۈتتۈرۈش باھاسى 300مىڭ سوم، تېخى ئاۋال ئۆزۈم مەبلەخ چىقىرىپ پۈتكەندە پۇل بېرىدىغانغا. بوپتۇ دەپ ئىككى ئايدا پۈتتۈردۈم، ئۆتكۈزۈۋالغىلى كېلىپ يامان تىللاپ كەتتى يامان تىللاپ كەتتى …
ئان… خەرىتىنى تەتۈر كۆرىۋاپتىمەن، ئۇ گۇيلار ئەسلى قۇدۇق كولاتماقچىكەن… ئىسىت پۇللىرىم… ……..


جۆرە ئىزدەۋاتقان بىر جۈپ قىز – يىگىت كۆرۈشۈپتۇ.  

—ئۆيىڭىز بارمۇ ؟ _ سوراپتۇ 

يىگىت دەرھال ئۆي – مۈلۈك گۇۋاھنامىسىنى چىقرىپتۇ.         

—ھىم ، ماشىنىڭىزچۇ ؟

يىگىت دەرھال پىراۋىسىنى، ماشىنىنىڭ ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىنى چىقىرىپتۇ  .

—ئايرۇپىلانىڭىز بار بولغان بولسا، ئاجايىپ   قالتىس ئىش بولاتتى—دە!  

يىگىت دەرھال ئايرۇپىلان پىراۋىسىنى كۆرسىتىپتۇ  .

-پاھ! قالتىسكەنسىز جۇمۇ! ئۇنداقتا، پويىزمۇ ھەيدىيەلەمسىز ؟

يىگىت شۇئان پويىزنىڭ پىراۋىسىنى كۆرسىتىپتۇ.

—سىز راستلا مەن ئىزدەۋاتقان شاھزادە ئىكەنسىز. ئېيتىڭچۇ ؟ سىز زادى نىمە خىزمەت قىلسىز ؟.

— مەخسۇس يالغان كىنىشكا ياسايمەن، _دەپتۇ.. ….

 


بىرەيلەن قانۇن مەسلىھەتچىسىدىن سوراپتۇ:

-يۈز سوملۇق پۇلنى ئىككى 50سوملۇق قىلىپ خەجلىسە،توغرىمۇ؟

-ئەلۋەتتە توغرا……

ئۇ: -ئەمسە مەن ئۆيدىكى 100كىلولىق ئايالىمنى قويىۋىتىپ،50كىلولىق ئايالدىن ئىككىسىگە ئۆيلىنىۋالسام ،نەرى خاتا؟

قانۇن مەسلىھەتچىسى: -يوقىلە!


بىر كۈنى كەچتە چوڭ ئەيسانىڭ ئۆيىدە توك توختاپ قاپتۇدە ، شۇنىڭ بىلەن بالىسىغا بەش كوي پۇل بېرىپ:

– بالام ، ئاۋۇ دوقمۇشتا ئايپاتەم ھەدەڭنىڭ دۇكىنى بار ، شۇ دۇكاندىن شامدىن ئىككىنى ئەكىلە ، ھە راست ، قىزىل شام ئالما ، تېز تۈگەپ كىتىدىكەن ، ئاق شام ئەكەل …… بالىسى ماقۇل دادا دەپلا يۈگىرەپ چېپ چىكىتىپتۇدە ، ئايپاتەمنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ :

– ئايپاتەم ھەدەم ، ئەيساجان دادام ماۋۇ بەش كويغا سىلىنى ئىككى ئاخشام بەسۇن دەيدۇ …… بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايپاتەمنىڭ قۇيقى چېچى تىك تۇرۇپ كېتىپتۇدە:

– ماڭ ، بېرىپ داداڭ ئەيسا دىگەن لاتىغا دەپ قوي ، بۇ بەش كويغا ئىككى ئاخشام ئەمەس بىر ئاخشاممۇ كەلمەيدۇ……


ئاقار يۇلتۇز ئاققاننى كۆرۈپ بىر خەلىق ئوقۇتقۇچىسى   « خەلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ  شەنبە ،يەكشەنبە،چاغانلىق،ھېت-بايراملىق ئاراملارنى تولۇق  ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»دەپ تىلەك تىلەپتىكەن،بىر ئوبدان ئېقىۋاتقان ئاقار يۇلتۇز كەينىگە قايتىپ كىتىپتۇ


ئىككى ئەر خوتۇنلىرىنىڭ گېپىنى قىلىشىپ قاپتۇ.  بىرى دەپتۇ :

– مىنىڭ ئايالىمنىڭ نېرۋىسى ئاجىز چەيدونى قۇلغا ئېلىۋېلىپ چەيدو ئىزدەيدۇ دېسە،    يەنە بىرى :

-سىنىڭ ئايالىڭ  مىنىڭ ئايالىمدىن ياخشىكەن ، مىنىڭ ئايالىم چەيدونى قۇلىغا ئېلىۋېلىپ، مېنى ئىزدەيدۇ دېگۈدەك .


دىڭ شۇجىنى ئەكېلەي سېكرېتار ئۆيدە ھېساب ئىشلەپ ئولتۇرۇپ بىرنەرسە ئېسىگە كەپتۇ-دە، ئايالىغا: «مەن بېرىپ دىڭ شۇجىنى ئەكېلەي سەن تاماق ئەتكەچ تۇر…» دەپ مېڭىپتۇ.  ئايالى: «دىڭ شۇجى كەلسە سەت تۇرمىسۇن» دەپ ئەتىۋارلاپ باققان خورىزىنى ئوغلىغا تۇتقۇزۇپ ئوخشىتىپ قورۇما قورۇپ ئولتۇرسا، سېكرېتار ئىشىكتىن كىرىپلا: «تاماق پىشتىمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. ئايالى:  

– دىڭ شۇجى قېنى؟ دەپ سوراپتىكەن، سېكرېتار يانچۇقىدىن قەغەز مىخلايدىغان دىڭشۇجىنى ئېلىپ كۆرسىتىپتۇ.


ﺑﯩﺮ ﻛۈﻧﻰ ﺋﺎﻳﮕۈﻝ كەچلىك  ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻛﺎﻟﻼ-ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﻪﻙ ﻳﻪﭖ ئولتۇرسا، بۇ ﻳﻪﺭﮔﻪ ساۋاقدىشى ئېلىجان كەپتۇ . ئايگۈلنى ﮔﻪﭘﺘﻪ ﺳوﻗۇﺵ ئۈچۈن دەپتۇ- ﺩﻩ:

-ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻛۈﭼﻪﭖ ﻏﺎﺟﯩﻼﭖ كېتىپسىز، ﺑۇ ﻗﻮﻳﻨﯩڭ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ئۈسىۋەﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺘﺘﻰ؟…. دىسە، ئايگۈلمۇ بوش كەلمەي:

-ﻏﺎﺟﺎﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩڭىز، بۇ قوينىڭ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻤﯩﺘﯩﭗ ﭼﻮڭ قىلغانمىتىى  ؟ …دىگۇدەك


ئاۋۇ…

مەن مەكتەپتىكى  ۋاقىتتا بىر بالىنى بەك بوزەك قىلاتتىم. دائىم ئىشقا بۇيرۇپ، تىللاپ ئويناپ… بىر قىتىم ئۇنىڭ دادىسى مەكتەپكە ئۇنى يوقلاپ كەپتىكەن، قارىسام شۇنداق سېمىز،  بەدەنلىرىگە ھەرخىل بىرنەرسىلەر چېكىگلىككەن…  دادىسى كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن داداڭ نىمىش قىلىدۇ دەپ سورىدىم،

ــــ زەھەر ساتىدۇ، دىدى ، ئۇ. شۇ  كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، كۈندە مېھمان قىلدىم. بۈگۈن كوچىدا ئۇنىڭ دادىسىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ سېتىۋاتقىنى چاشقان دورىسى ئىكەن…

ئويلىساملا يىغا تۇتىدۇ…


روزاخۇن :

-يېڭى تۇغۇلغان بالامغا نىمە  ئىسىم قويۇشنى پەقەت بىلەلمىدىم  .

ئەيسا :-قانداقراق ئىسىم قويماقچىتىڭ  ؟

روزاخۇن :-ئەر ئايال ئىككىمىز بىلەن چوڭ  ئوغلۇمنىڭ ئىسمىغا ماسلاشتۇرۇپ قويسام  بولىتى .

ئەيسا :-ئايالىڭ بىلەن چوڭ بالاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟

روزاخۇن :-ئايالىمنىڭ قۇرباننىسا ،چوڭ ئوغلۇمنىڭ نەۋرۇز .

ئەيسا :-چوڭىنىڭ ئىسمى يا سىنىڭكىگە ،يا ئايالىڭنىڭكىگە ماس كەلمىسە كىچىكىنىڭكىنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ قويىسەن  ؟

روزاخۇن :-مانداق گەپ ،مەن روزا ھېيتتا تۇغۇلۇپتىكەنمەن ،شۇڭا ئىسمىمنى روزاخۇن قويۇپتىكەن  ،ئايالىمنىڭ ئىسمى قۇرباننىسا ،چۈنكى ئۇ قۇربان ھېيتتا تۇغۇلۇپتىكەن ،چوڭ ئوغلۇم نورۇز بايرىمىدا تۇغۇلغان ،شۇڭا ئىسمىنى نەۋرۇز قويغانتىم .

ئەيسا :-ھە چۈشەندىم ،ئەمىسە كىچىكى  قاچان تۇغۇلدى ؟

روزاخۇن :-ئاخشام تۇغۇلدى .

ئەيسا :-ئەمىسە كىچىكىنىڭ ئىسمىنى  چاغانتاي قوي … .

2-ئاينىڭ 9-كۈنى


ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى: چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن بىر سائەت ئىشىپ كەتتى، ئەرنىڭ قورساقلىرى ئىچىپ كوركىراپ كەتتى. خوتۇننىڭ تامىقى تېخىچە پىشمىغاننى ئاز دەپ ، ئېرىم ، بىز ئاشىق – مەشۇقمۇ دەپ سوراپتۇ.

ئەر:بىز دېگەن ئەر-خوتۇن، بولا چاققان. ما قورساق ئىچىپ كەتتى. مۇھەببەتلىك پاراڭلارنى قورساق تويغاندا قىلايلى.

ئايالى:بېشىڭنى يە….


 

 

مەنبە: تىلىمىز تورى

http://www.tilimiz.com/thread-2771-1-1.html

维吾尔语频道_430

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ