ئوقۇپ بولغان يۇمۇرلار

كۈلكە بازىرى alma 1346℃ 0

00

ئاۋۇ……
ئەر:قاراڭ ،چوڭ ئوغلۇم سارس بوپ قاپتۇ.
قوشنىسى:ۋوي،ئەمسە دەرھال ئايرىپ داۋالاڭلار!
ئەر:بۇ خۇمپەر ئۆيدىكى ياش خىزمەتچى قىزنى سۆيۈۋاپتۇ.
قوشنىسى :ۋاي توۋا،ئەمسە خىزمەتچى قىزنىمۇ ئايرىپ داۋالاڭلار!
ئەر:قېرىشقانداق،مەنمۇ ئۇ خىزمەتچى قىزنى سۆيىۋاپتىمەن!
قوشنىسى:بۇ بومماپتۇ،دەرھال داۋالىنىڭ!
ئەر:مەن تېخى ئايالىمنىمۇ سۆيۈپ قويغانتىم!
قوشنىسى:ئەننەڭنى! ماڭىمۇ يۇقتۇرىشىپسەناۋا……ماڭدىم دوختۇرخانىغا……


 

ساتتار بەگنىڭ نىكاھىغا باردۇق، ساتتار ماكاچلىتىپ سېغىز چاينىغىلى تۇردى…… قىزنىڭ دادىسى: ـــ ماڭ قايسا بالام، ئەكىشىمۇ سېغىز چاينامدا؟
ـــتاماكا چېكىپ بولغاندىن كېيىن چاينىمىساق بولـماس.
ـــ تاماكا چېكەمسىز تېخى؟
ـــ ھاراق ئىچمىگەن چاغلىرىمدا……
ــــ ھاراقمۇ ئىچەمسىز تېخى؟
ــــ قىماردا ئۇتتۇرۇپ قويغان چاغلرىمدا……
ــــ قىممارمۇ ئوينامسىز!؟
ــــ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆگىنىپ قاپتىمەن……
ـــ تۈرمىگىمۇ كىرگەن دەڭە؟
ـــ ئالدىنقى قېتىم بىرسىنىڭ قىزىنى سوراپ بارساق رەت قىلىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم شۇ……
ساتتارنىڭ بولغۇسى قېيناتىسى ئىمامغا سەت ھومىيىپ دېدىكى: قاراپ تۇرماي ئاجرىمايدىغان قىلىپ ئوقىسىلىيا نىكاھنى.


 

ئات قويدىن سوراپتۇ. _ قوي ئاداش ، بەش قېتىملىق قۇربان ھىيىت ئۈتۈپ كەتتى ، ئېگىمىز سىلىنى ھىچ قۇربانلىق قىلاي دىمەيدا؟ _ ئات ئاداش دەپتۇ قوي ، مەن نۇپۇسىمىنى بىجىرىدىغان چاغدا ، كاللامىنى ئىشلىتپ مىللىتى دىگەن يەرگە « ئېشەك » دەپ ئالدۇرۋالغان.


 

قىزى سوراپتۇ : -ئاپا.. تىلۋىزۇردا… توي قىلغاندا نىمشقا …ياخشى كۈننى تاللاپ توي قىلىمىز… دەپلا چىقىدۇ ؟ ئاپىسى : چۈنكى…. توي قىلغاندىن كىيىن ياخشى كۈن يوق ………..


 

يولۋاس بىلەن ئارلاشساڭ پاخلان يەيسە،مۈشۈك بىلەن ئارلاشساڭ چاشقان يەيسە،قاغا بىلەن ئارلاشساڭ پوق يەيسە،قىزلا بىلەن ئارلاشساڭ كۈندە داپەنجى،داپەنيۈ،خوگو،موگو يەيسە پۇلىنى سەن تۆلەيسە.
بولسىمۇ تۇخۇملار يەتتە خىل رەڭلىك،
يىگەنلەردەيدۇ:“تەملىكى يەنىلا يەرلىك.“
ئالدانما سىرتىغا قاراپ قىزلارنىڭ،
كۆرگىنىڭ ئۇ پەقەت ئۇپا ۋە ئەڭلىك. .. .. …………….


 

ئ‍اۋۇ… بىر كۈنى تۆمۈرخان ئېتىزدا ئىشلەپ يۈز-كۆزلىرى توپا ھالدا ئۆيگە كەپتۇ. ئىشكتىن كىرشىگىلا ئايالى نوغۇچ بىلەن ئۇرۇپ قوغلاپ كىتىپتۇ . تۆمۈرخان نىمە بولغىننى بىلەلمەي ئاران ئۆگزىگە چىقۋېلىپ ئايالىغا : -يەنە نىم بولدى ساڭا، ئ‍ۆتكەندە ئۇرغىنڭ يەتمىدىما؟ ئايالى: بۈگۈن نىمىش قىلدىڭ؟ تۆمۈرخان تىترەپ تۇرۇپ: ئېتىزدا ئشلەپ كەلدىمغۇ شۇ… ئايالى: ھەي ئىشلىسەڭمۇ شۇنچە توپا بوپ كىتەمسە؟ ئاۋۇ ئۈچ چاقلىق ۋېلسپىت مىنگەن قېرى تەتەينى تونۇمسەن؟ تۆمۈرخان: ياق تونمايمەن، قەسەم قىپ بىرەي تونمايمەن… ئايالى: ئۇنداق بولسا نىمشقا ئا تەتەي بىزنىڭ ئىشكنىڭ ئالدىغا كىلىپ، تۆمۈ بامۇ ! دەپ تولايدۇ. تۆمۈرخان: بۇ بۇ . . . .


 

قىز:مەن تاماق ئ‍ېتەلمەيمەن،ئ‍ۆي ئ‍ىشلىرى قولۇمدىن كەلمەيدۇ، كۈندە 10غىچە ئۇخلايمەن ،سەل ھورۇن ………. شۇندىمۇ سىز مېنى ئ‍الامسىز ؟
ئ‍وغۇل: تاياق كۆتۈرەلەمسىز ؟


 

بىر بالا مەجۈن يەپ ئۆيىگە كىرىپتۇ، ئانىسى لەغمەن ئىتىپتىكەن، ئۈچ قاچا يەپ يەنە قاراپ ئولتاسا ئانىسى ھەيران بولۇپ، بالام يەنە يەمسە؟ دېسە نىمە ئەتكەنتىڭ دېگۈدەك.


 

پاشىنىڭ بالسى ئانىسغا دەرت تۇكۇپ دەپتۇ:چىۋىننىڭ بالسى مىنى قانخور دىدى، پاشا:خاپا بولما بالام پوق يەيدىغانلارنىڭ ئاغىزدىن چىرايلىق گەپ چىقمايدۇ….


 

بىر كۈنى بىرەيلەن ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ، پەستە تۇرغان بىرەيلەندىن سوراپتۇ، بۇ يەردىن سەكرەپ چۈشسەم نەگە چۈشەرمەن، پەستە تۇرغان كىشى دەپتۇدە، يىنىكرەك چۈشسەڭ رىنتىگىنغا، ئېغىيراق چۈشسەڭ سىتىغا، ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىيراق چۈشسەڭ تاۋۇتقا دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.


 

ئېرى : خوتۇن سەن بەك جاپا تارتىۋاتىسەن دەرىجەڭنى ئۆستەرسەم بولاتتى خوتۇن : راسما دەرىجەمنى قانداق ئۆستۈرسىز ؟ ئېرى : كىچىكتىن بىرىنى ئېلىپ سېنى چوڭى قىلـمايمەنمۇ !؟ خوتۇن : توختاپ تۇرە نوغۇچنى ئەچىقىۋالاي

يۇمۇر كەتتى چوڭ ئاپىسى نەرۋىسىگە ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپتۇ ”بالام تىز مۈكىۋالغىن مۇئەللىمىڭ سىنى ئىزدەپ كەپتۇ ”بىردەمدىن كىيىن بالا ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ ”چوڭ ئاپا تىز مۈكىۋالغىن مەن سىنى مۇئەللىمگە ئۈلۈپ قالدى دەپ رۇخسەت سورىغان ، گەپ ئاخىرلاشمايلا ئىشىك چىكىلىپتۇ، مۇماي ئىشىكنى ئېچىشىغىلا نەرۋىسىنىڭ مۇئەللىمى موماينى كۈرۈپ ھەيران قالغان ھالدا سۇراپتۇ سىز تېخى ئۆلمىگەنمۇ، دەپ سۇراپتۇ موماي :ھە ئەتە يەتتە نەزىرىمنى بەرمەكچى ئىكەن ، ياردەملىشەي دەپ كەلگەن دەپتۇ، بۇنى ئاڭلىغان مۇئەللىم شۇ جايدىلا ھۇشىدىن كىتىپتۇ.. .. .. .. ..

 


 

ئ‍ېسىڭدىمۇ؟ئ‍ىككىمىزنىڭ مەكتەپتىكى كۈنلىرىمىز!؟ ھەر كۈنى 2- سائ‍ەتلىك دەرستىن كېيىنكى 10مىنۇتلۇق تەنەپۇستا مەكتەپنىڭ كەينىدە ئ‍ۇچرىشاتتۇق-ھە! شۇ چاغدا مەن سېنىڭ بىلىڭدىن تۇتۇپ،لىۋىمنى ئ‍ېسسىققىنا لىۋىڭگە تەككۈزۈپ،سېنىڭ ئ‍ادەمنى بىھۇش قىلىدىغان ھىدىڭنى ئ‍ېچىمگە تارتىپ،لەززەتكە چۆمگەندە،ھەمىشە مۇئ‍ەللىم تۇتۇۋالاتتى-ھە! شۇ دەملەردە سەن ھەمىشە نومۇستىن قىزارغىنىڭچە ئ‍ۆچۈپ قالاتتىڭ. ھەي،مىنىڭ ئ‍ېسىل تاماكام،دەپتۇ بىر يېگىت. ……


ئ‍اپىسى:بالام داداڭغا تىلفۇن قىلغىنە كىلىپ تاماق يەۋالسۇن. بالىسى(5ياش):ئاپا دادامنىڭ تېلفۇننى بىر ئ‍اپاش ئ‍ېلىۋاتىدۇ. 10مىنۇتتىن كىيىن……… دادىسى:خوتون نىمە تاماق ئ‍ەتتىڭىز؟ ئ‍اپىسى:تىزلىنىڭ؟ دادىسى:نىمىشقا؟ مەن نىم قىپتىمەن ؟ ئ‍اپىسى:بالىڭىز باياتىن سىزگە تىلفۇن قىلغان، تېلفۇننى بىر ئ‍اپاش ئ‍الدى دىدى ،بۇ زادى نىمە ئىش ؟ دادىسى 2سائەت تىزلىنىپ تۇردى…… دادىسى :بالام ئ‍ۇ ئ‍اپاش نىمە دىگەن؟ بالىسى: كەچۇرۇڭ سىز تېلفۇن قىلغان ئ‍ابۇنىت سوزلىشۋاتىدۇ…دەپ تلفۇننى قۇيۋەتتى·


 

بىلسەڭ جېنىم!!!!! سەنسىز ئۆتكەن بىر مىنۇت ماڭا 60 سىكۇنتتەك بىلىنىدۇ….


 

قېنىق گىرىم قىلىۋالغان بىر ئايال ئىشقا بېرىش يولىدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ. تۇيۇقسىز دۇكاندىكى شاتۇتى ئۇ ئايالغا : «ھەي ئايال، سەن نېمىدىگەن سەت؟ » دەپتۇ. ئايال قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. لېكىن ئىشقا بارىدىغان ۋاقىت توشاي دەپ قالغاچقا، گەپ قىلماي كېتىپ قاپتۇ. ئىشتىن چۈشۈپ قايتىشىدا، ئۇ ئايال يەنە ھېلىقى دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا، شاتۇتىنىڭ: «ھەي ئايال، سەن نېمىدىگەن سەت؟!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقىنى باسالماي دۇكانغا ئېتىلىپ كىرىپ، دۇكاننىڭ خوجايىنىنى ئىزلەپ ئۇنىڭغا شاتۇتىنىڭ يەنە شۇنداق دېسە ئەمدى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىر مۇنچە خاپا بولۇپ كېتىپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ ئەمدى ئۇنداق دېگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئايال دۇكاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا ، شاتۇتى ئۇنىڭغا قاراپ: « ھەي ئايال ، …» دەپتۇ . ئايال شاتۇتىغا قاراپ : «ھە نىمە ئىش ؟» دەپتىكەن. شاتۇتى ئۇنىڭغا: « ئۆزەڭ بىلىسەنغۇ!» دەپتۇ.


《تەس سوئال》
بىر كۈنى ئايالىمدىن سوئال سوراپ بىر قىيناپ باقايچۇ دەپ، ئۇنىڭغا دېدىم.
– خوتۇن، ئايشەم سېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇڭمۇ؟
ئايالىم: – ھەئە،جان-جىگەر دوستۇم دە، ئالتۇنغا تېگىشمەيمەن!
مەن:
– ئەگەر مەن بىلەن ئايشەم ئىككىمىز تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەك، كىمنى باشتا قۇتقۇزىسەن؟
ئايالىم: – بېششىڭنى يەيدىغان، ئايشەم ئىككىڭ تەڭ سۇغا چۈشۈپ نېمە قىلىشاتتىڭ؟ ھەجەپ ئايشەم بىلەن سۇغا چۈشكۈڭ كەپ قاپتا؟ ئىككىڭ نېمە قىلغان سۇغا چۈشكۈدەك؟…… ئايشەمنىڭ چېچىنى يۇلىمەن، كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىمەن، توختا! ئىككىڭنى……!!!
ئۆھۈ، ئۆھۈ، سالامەتلىكىڭلار ئۈچۈن ئايالىڭلاردىن تەس سوئاللارنى سورىماڭلار…


ئويدە ئولتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ سالدىم ؛
يايرىمنىڭ ئىتى لەيلى ،
ماڭا بارمىدۇ مەيلى .
……
مەن ئىيتىپ تۈگەتمەيلا ئاشخانىدىن ئانامنىڭ ناخشا ئىيتقان ئاۋازى ئاڭلاندى .
بولسا بولـمىسا مەيلى ،
تۇققانلارنىڭ قىزىنى ئەپ بىرىمەن .
ناخشامنى يەنە داۋاملاشتۇردۇم .
ئانام چىرايلىق … ئانام چىرايلىق
………………………….. .. .. .. .. .. ..


بىر كۈنى بىر ئادەم گېزىتتىن بەش بالىلىق بولسا بىر ماشىنا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئايالىغا ئاستا ”بەش بالىلىق بولسا بىر ماشىنا مۇكاپات بېرىلىدىكەن قارا خوتۇن، ساڭا بىلدۈرمەي تاپقان ئىككى بالام بار ئىدى، خاپا بولمىساڭ شۇ بالىلارنى ئەكىلىپ ماۋۇ ئۈچ بالىمىزغا قوشۇپ بەش قىلىپ، ماشىنىنى ئېلىۋېلىپلا ئانىسىنىڭكىگە ئاپىرىۋەتسەك “ دەپتىكەن ئايالى قوشۇلۇپتۇ، ئەر ئىككى بالىنى ئېلىپ كەلسە ئۆيدىكى ئۈچ بالا ئۆيدە يوق، ئايالىدىن سورىسا ئايالى “ سىز كۆرگەن گېزىتتىكى ئېلاننى باشقىلارمۇ كۆرۈپتىكەن، شۇڭا ئۈچ بالىنىڭ دادىسى ئۇلارنى ئېلىپ كەتتى “ دەپتۇ…


بەزى ئادەملەر بار ،قانچىلىك بەدەل تۆلەشىن قەتئى نەزەر ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ،… مەن بۇرۇن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلىپ ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسىغا ئەۋەتىلدىم ، ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى مەندىن سورىدى : … نىمىشقا ئۇنى ئۇردۇڭ ؟ … ئۇ مىنى تىللىغان تۇرسا . … ھوي شۇم ، تىللىغانغا بىر كاپام گۈشۈڭ خوراپ قالدىما ؟ تىللىدى دەپلا ئادەم ئۇرساڭ ھايۋان بىلەن نىمە پەرقىڭ ؟ ……ھارامزادە ؟ … نىمە ؟ مىنى تىللاۋاتامسەن ؟ ، …ھە ئە … …ھۇ سويمەك ، …مۇدىر شۇنداق دەپلا مىنى گۇمشىتىپ ئۇرۇپ كەتتى ، شۇنداق قىلىپ مەن مۇدىرنىڭ ھايۋان بىلەن پەرقى يوقلىقىنى ئىسپاتلىۋەتكەن


قاتتىق يۆتەل بولۇپ،يۆتەل پەقەت توختىماي دوختۇرغا باردىم. دوختۇر ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ،ماڭا: -چوڭ مەسىلە يوق،شۇ تاماكىنى ئازراق چېكىڭ!-دىدى. …… …… …… شۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغان مەن بەلكىم ئازراق تاماكا چەكسەم ئوڭشىلىدىغان ئوخشايمەن دەپ،بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ ،ھازىرغىچە چىقالمىدىم. لى بەي


 

بىر ئادەم دەريا بويىدا كېتىۋاتسا، تۇيۇقسىز ئايىغى دەرياغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. يىغىنى باشلاپتىغۇ شۇ يەدىلا،« ۋاي…. مەن قانداق كېتەرمەن، ئەمدى….» دەل شۇ چاغدا ئۇ يەرگە بىر ئەۋلىيا كېلىپ: «مەن ئايىغىڭنى چىقىرىپ بېرەي» دەپ، ئالتۇن ئاياغ چىقىرىپ بېرىپتۇ. – بۇ سېنىڭ ئايىغىڭمۇ؟ – ياق. كۈمۈش ئاياغ چىقىرىپ سوراپتۇ: – بۇچۇ؟ – ياق. كەينىدىن ئۆزىنىڭكىنى چىقىرىپ «بۇچۇ؟» دەپ سوراپتۇ. – ھە، مېنىڭ ئايىغىم. ئەۋلىيا: «سەن راستچىلكەنسەن» دەپ، ھەممىنى بېرىۋېتىپتۇ. بىر يىل ئۆتۈپ ئۇ ئادەم ئايالى بىلەن سەيلە قىلىۋاتسا ئايالى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئەۋلىيا يەنە كېلىپ: «نېمىش بولدى؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «ئايالىم سۇغا چۈشۈپ كەتتى…» دەپتۇ. – قورقما، مەن ئەپچىقىپ بېرەي- دەپ، دەسلەپتە ناھايىتى چىرايلىق پەرىدىن بىرنى چىقىرىپ: «بۇ سېنىڭ ئايالىڭمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. – ھەئە، ئاشۇ مېنىڭ ئايالىم. – تىلىڭنى تارت بەدبەخ . – ۋاي ئەۋلىيارىم، مېنىڭ سۆزۈمنى بىر ئاڭلاڭ… – ھە، دېگىنە قېنى؟! – بىرىنچى قېتىم ماۋۇ پەرىنى چىقاردىڭىز ئەمەس دەيمەن، ئىككىنچى قېتىم تېخىمۇ چىرايلىقنى چىقىرىسىز ئەمەس دەيمەن، ئ‍ۈچىنچى قېتىم ئايالىمنى چىقىرىسىز مېنىڭ ئايالىم شۇ دەيمەن، سىز سەن راسچىلكەنسەن دەپ، ئ‍ۈچ ئايالنى ماڭا بېرىۋەتسىڭىز جېنىمنى قانداق باقىمەن؟………


 

بىر كۈنى چىشىمنى داۋالىتىش ئۈچۈن شىپاخانىغا باردىم. بۇ شىپاخانىغا تۇنجى كېلىشىم بولغاچقا ئۆز نۆۋىتىمنى ساقلىغاچ قىزىقسىنىپ تۆت ئەتراپقا قاراپ چىقتىم. تامغا ئېسىپ قويۇلغان كېسەل كۆرۈش ئىجازەتنامىسىدىكى دوختۇرنىڭ ئىسمى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى، چۈنكى بۇ ئىسىم 45 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان ئوغۇل ساۋاقدىشىمنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئىدى. بۇ ئىسىمنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورناپ كېتىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھەم ئىگىز ھەم كېلىشكەن بولۇپ، سىنىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. كۆڭلۈمدە «بۇ ھېلىقى قامەتلىك، كېلىشكەن ساۋاقدىشىممۇ نېمە؟» دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ كەتتىم. تەققاززالىق بىلەن كۈتكەن دوختۇرنى كۆرگىنىمدە مەن ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتتىم، كۆز ئالدىمدا يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، بېشىدا چېچىنىڭ تايىنى يوق، ياشىنىپ قالغان بىرەيلەن تۇراتتى، ئۇنىڭ مېنىڭ ساۋاقدىشىم بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چىشلىرىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، مەن ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ، سىزمۇ شۇ يەردە ئوقۇغانمۇ دەپ سورىدىم. -شۇنداق، مەن شۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان،-دىدى ئۇ. -سىز قايسى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن،- دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن. -1968-يىلى. -نېمە، بىزنىڭ سىنىپتىما،- مەن ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا ۋارقىرىۋەتكىلى تاس قالدىم. ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ماڭا زەن سېلىپ قارىغاندىن كېيىن، مۇنداق دىدى: -سىز بىزگە قايسى پەن دەرسىنى بېرەتتىڭىز؟


 

ناھايتىمۇ قورقۇنچاق ۋە ئاسان جىددىيلىشىدىغان بىر ئادەم سوتتا گۇۋاھچى بولۇپ چىقىو قاپتۇ، ئادۇكات سۈرلۈك ئاۋازدا سوراپتۇ:
– توي قىلغانمۇ سىز؟
– قىلغان، بىر قېتىم،- پەس ھەم تىتىرەك ئاۋازدا جاۋاپ بىرىپتۇ گۇۋاھچى.
– كىم بىلەن قىلغان؟
– بىر ئايال بىلەن.
ئادۇكاتنىڭ سەپراھى ئۆرلەپتۇ:
-شۇمۇ گەپمۇ؟ ئەلۋەتتە ئايال بىلەن قىلىسىزدە؟ بىرەسىنىڭ ئەر كىشى بىلەن توي قىلغىنىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟
– كۆرگەن، ئاچام شۇنداق قىلغان……


 

بىر كۈنى  بىر قەشقەلىك  دوستۇم  تويغا  چاقىرىپتۇ ،   ئادىرىستىكى رېستۇرانغا بارسام ئىشىكنىڭ بىرىگە يىگىتنىڭ  يېقىنلىرى  يەنە  بىرىگە قىزنىڭ يېقىنلىرى دەپ  يېزىقلىق  ئىكەن ، يىگىتنىڭ يېقىنلىرى  دېگەن ئىشىكتىن كىردىم  ،بىر ئاز   ماڭسام  ئىككى  ئىشىك  باركەن   بىرىگە  ئەرلەر  زالى  يەنە  بىرىگە  ئاياللار  زالى  دەپ  يېزىقلىق   ئىكەن ، ئەلەر زالى دېگەن  ئىشىكتىن  كىردىم ،  بىر ئاز  ماڭسام يەنە ئىككى  ئىشىك  بىرىگە  ھەدىيە ئەكەلگەنلەر ، يەنە  بىرىگە  ھەدىيە  ئەكەلـمىگەنلەر  دەپ  يېزىقلىق  ئىكەن ، ئۇ كۈنى  پۇل قويارمەن دەپ ھەدىيە  ئالـماپتىمەن ، شۇنىڭ  بىلەن    ھەدىيە  ئەكەلـمىگەنلەر دېگەن ئىشىكتىن كىرىپ قارىسام رېستۇراننىڭ ..  ئارقىدىكى  يولغا چىقىدىغان ئىشىكى ئىكەن .


 

 


مۇشۇ تاغدىن كەممەي قوي باقىدىغان بىر يىگىت  بىركۈنى شەھەرگە كىرىپ ئ‍ويناپ چىقايدەپ شەھەرگەكىرىپ شەھەر لىك بىر قىزبىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇدە  ، بۇ ئ‍ىككىسى سوداساراي  تاللابازارنى  ئ‍ايلىنىپ يۈرۈپ قوساقلىرى ئ‍ېچىپ  ، تاماق يەيلىدەپ بىر ئ‍اشخانىغا كىرىپتۇدە ، بىر ئ‍ۈستەلگە بېرىپ ئ‍ولتۇرۇپتۇ ، يىگىت قىزدىن نىمە يىگۈڭىزبار؟ دەپ سورىسا ، قىز يىگىتكە جاۋاپ بەرمەي ، ئ‍اشخانىنىڭ خوجايىننى توۋلاپ ، ۋاي خوجايىن ئ‍اشخاناڭلاردا ۋاي فاي بارما دىسە ،  يېلىقى مالچى يىگىت ۋايفاينى چۈشەنمىگەندىكىن ، خوجايىن بىزگە ۋايفايدىن ئ‍ىككى تەخسە دىگۈدەك…………….


 

بالا   دەپتۇ: دادا   سەن بەك  قالتىسكەنسەن  ، قارا   ئاپامغا   ئوخشاش   ئۆي   ئىشى   قىلالايدىغان ، ھەم   پۇل  تاپالايدىغان  ، پەيزى   تاماق ئىتەلەيدىغان  ھەم چىرايلىق  خوتۇن   ئېلىۋاپسەن   سەن  نىمە   دىگەن  بەخىتلىك  ،،،دادىسى  :راسمۇ ئوغلۇم ،( خوشاللىقىدىن ئاغزى   قۇلقىغا   يەتكەن   ھالدا  ) …بالىسى   ئۆرۈلۈپلا   ئاپىسىغا   دەپتۇ  : ئاپا سەن   توي   قىلغاندا   كۆزۈڭ  كور  بولۇپ   قالغانمۇ   قارا   تەككەن  ئادىمىڭگە   ، ئىش   قىلىپ  بولالماي   جاپا تارتىۋاتساڭ پۇتىنىئاسمانغا   تىكلەپ   تېلىۋېزور   كۆرۈشتىن  باشقىنى  بىلمەيدىغان   بىر   ئاداشقا   تەككىنىڭنى ….ھەي  توۋا …..


 

مەلۇم بىر يېزىنىڭ يولىدا ئ‍ازگال پەيدا بۇلۇپ قېلىپ نۇرغۇن كىشىلەر شۇ ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپ پۇت قوللىرى سۇنۇپ يارلىنىپ تۇرىدىكەن بىر كۈنى يېزا رەھبەرلىرىدىن ئۈچ كىشى شۇ ئ‍ازگالنىڭ يېنىغاكېلىپ مۇنداق مۇلاھىزە قىلىشىپتۇ ،بىرىنچىسى يارلانغانلارنى دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەردە جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدىن بىرنى تەسسىس قىلايلى دەپتۇ ،ئ‍ىككىنچىسى ،ئ‍ۇنداق قىلغۇچە بۇ يەرگە دوختۇرخانا سالدۇرايلى سېستىرالار دەملىشىشپ كۆزەتچىىلىك قىلسۇن كىشلەر يارلانغان ھامان نوسۇلكىغا سېلىپ ياتاقتا ياتقۇزسۇن ،دېسە ئ‍ۈچىچىنچىسى بولغان يېزا باشلىغى قۇپۇپ: ئ‍ىككىڭ كاللاڭ پوققا ئ‍ىشىلىمەيدىغان قاپاقباش نىمىلەكەنسەن ماشنا تەسسىس قىلىمەن دوختۇرخانا سالىمەن دەپ بىرمۇنچە چىقىم تارتىپ يۈرگۈچەبۇ ئ‍ازگالنى تىندۇرۋېتىپ يېزلىق دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا بىر تال ئ‍ازگال كولاتقۇزساقلا مەسلە ھەل بولمىدىمۇ دىگۈدەك


سوغۇق پاچاق بىر كىشى قەھرىتان قىشتا قەشقەرگە ئىش بېجىرگىلى بېرىپتۇ ۋە مېھمانىخانىغا ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن پەسكە تاماققا چۈشۈپتۇ. قەشقەرنىڭ كەچلىك بازارلىرى بەك ئاۋات، تاماقلىرنىڭ  تۈرلىرىمۇ سەرخىل بولغاچ، بۇ كىشى ئارىلاپ كېتۋېتىپ كاللا-پاقالچاق يېيىش ئۈچۈن ئولتۇرۇپتۇ.  – ئۇستام ماڭا پاقالچاقتىن 4 نى،- دەپ  زاكاس قىپتۇ.  4پاقالچاق تېزلا كەپتۇ، ئۇ كىشى ئەمدى يەي دەپ قولىغا ئېلىپ بىر چىشلىسە مۇزدەك تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇستامنى چاقىرىپ:  – ۋاي ئۇستام، بۇ پاقالچاق مۇزدككەنغۇ؟ – دەپتۇ.  ئۇستام تۇرۇپ كېتىپ:  – ۋاي غوجام، ئەمدى سوغاقتا پاچاققا پايپاق كەيدۈرۈپ ساتقىلى بولمايدۇ ……..


 

يۇمۇر :سەت قىز دىدى :تۈنۆگۈن ئۆيدىكىلەرنىڭ جىكىلىشى بىلەن بىر يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم . بىز ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان   ئىدۇق . يىگىت تۇنجى كۆرۈپلا ماڭا تىزلاندى . دوستى : ۋا… راستما ؟ سەت قىز : شۇنداق ، ئۇ يىگىت ماڭا ئايىقىڭىزنىڭ بۇغقۇچى يېشىلىپ كېتىپتۇ دىدى . دوستى : ۋاھ … نېمىدىگەن رۇمانتىك ! ئاندىنچۇ ؟ سەت قىز : ھۆ ھۆ ھۆ …… ئۇ ئۆلگۈر ئىككى ئايىغىمنىڭ بوغقۇچىنى بىر- بىرىگە چىگىپ قويۇپ بەدەر تىكىۋەتتى …

 

 

 

يازما مەنبەسى: http://www.guljahan.com/

维吾尔语频道_430

打赏
(1)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ